قەرز پۇل ئېلىش توختامى

ئورنى Wikipedia
12- باب قەرز پۇل ئېلىش توختامى
  196- ماددا قەرز پۇل ئېلىش توختامى قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچىدىن قەرز ئېلىپ، قەرەلى توشقاندا ئالغان قەرزنى قايتۇرىدىغان ھەمدە ئۆسۈمىنى تۆلەيدىغان توختامدۇر.
  197- ماددا قەرز پۇل ئېلىش توختامى يازما بولىدۇ، لېكىن تەبىئىي شەخسلەر ئارا قەرز پۇل ئېلىشتا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  قەرز پۇل ئېلىش توختامىنىڭ مەزمۇنى قەرز تۈرى، پۇل تۈرى، ئىشلىتىش ئورنى، سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، مۆھلىتى ۋە قەرز قايتۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  198- ماددا قەرز پۇل ئېلىش توختامى تۈزۈشتە، قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىدىن كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. كېپىللىك «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  199- ماددا قەرز پۇل توختامى تۈزۈشتە، قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچىنىڭ تەلىپى بويىچە، قەرز ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي پائالىيەتلىرىنى ۋە مالىيە ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.
  200- ماددا قەرز پۇل ئۆسۈمىنى دىردىن ئالدىن تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئۆسۈم قەرز پۇل دىرىدىن ئالدىن تۇتۇپ قېلىنسا، قەرز پۇلنى ئەمەلىي سوممىسى بويىچە قايتۇرۇش ۋە ئۆسۈمىنى ھېسابلاش كېرەك.
  201- ماددا قەرز بەرگۈچىلەردىن قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن ۋاقتى، سانى بويىچە بەرمەي، قەرز ئالغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى زىياننى تۆلىشى كېرەك.
  قەرز ئالغۇچىدىن قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن ۋاقتى، سانى بويىچە ئالمىغانلىرى ئۆسۈمىنى پۈتۈشكەن ۋاقتى، سانى بويىچە تۆلىشى كېرەك.
  202- ماددا قەرز بەرگۈچى قەرز پۇلنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تەكشۈرسە، نازارەت قىلسا بولىدۇ. قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچىنى مالىيە- بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن پۈتۈشكىنى بويىچە قەرەللىك تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك.
  203- ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن ئورنىغا ئىشلەتمىسە، قەرز بەرگۈچى قەرز پۇل بېرىشنى توختاتسا، قەرز پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرالىسا ياكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  204- ماددا قەرز پۇل بېرىش كەسپىنى بېجىرىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن چېكى بويىچە بېكىتىش كېرەك.
  205- ماددا قەرز ئالغۇچى ئۆسۈمنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە تۆلىشى كېرەك. ئۆسۈم تۆلەش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، قەرز سۈرۈكى بىر يىلغا توشمايدىغانلار قەرز پۇلنى قايتۇرغان چاغدا ئۆسۈمىنىمۇ تۆلىشى كېرەك. قەرز سۈرۈكى بىر يىلدىن ئاشىدىغانلار ئۆسۈمنى يىلدا بىر تۆلىشى، قالغان سۈرۈكى ئاشىدىغانلار ئۆسۈمنى يىلدا بىر تۆلىشى، قالغان سۈرۈكى بىر يىلغا توشمايدىغانلار قەرز پۇلنى قايتۇرغان چاغدا ئۆسۈمىنىمۇ تۆلىشى كېرەك.
  206- ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشى كېرەك. قەرز پۇل مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، قەرز ئالغۇچى ھەر ۋاقىت قايتۇرسا بولىدۇ؛ قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنى قەرز پۇلنى مۇۋاپىق مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا سۈيلىسە بولىدۇ.
  207- ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە قايتۇرمسا، مۆھلەتنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىك ئۆسۈمىنى پۈتۈشكىنى ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تۆلىشى كېرەك.
  208- ماددا ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى قەرەلدىن بۇرۇن قايتۇرسا، ئۆسۈمىنى قەرز پۇلنىڭ ئەمەلىي قەرەلى بويىچە ھېسابلاش كېرەك.
  209- ماددا قەرز ئالغۇچى قەرەلىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى قەرز قايتۇرۇش قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن قەرز بەرگۈچىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قەرز بەرگۈچى قوشۇلسا، قەرەلنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
  210- ماددا تەبىئىي شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى قەرز پۇل توختامى قەرز بەرگۈچى قەرز بەرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
  211- ماددا تەبىئىي شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى قەرز پۇل توختامىدا ئۆسۈم تۆلەشنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۆسۈم تۆلىمەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
  تەبىئىي شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى قەرز پۇل توختامىدا ئۆسۈم تۆلىنىدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسا، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى دۆلەتنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى چېكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كەلمەسلىكى كېرەك.