2شۇنىڭدىن باشلاپ ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا قاتارلىق قىتئەلەردىكى ھەر قايسى ئەللەرگىچە تۇتاشقان قۇرۇقلۇقتىكى قەدىمىي كارۋان يوللىرى، شەھەرلەر، ئۆتەڭ-راباتلار، چازا-قۇرۇللار، قەلئەلەر، ئىز-خارابىلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئارخېئولوگ، ئېكىسپېدىتسىيىچى، تەۋەككۈلچى، تەتقىقاتچىلار ئىنسانلار مەدەنىيەتلىرىنىڭ يىلتىزىنى، سىرىنى ئىزدەيدىغان دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئۆز ئارا تەسىر قىلىش ۋە تارقىلىش جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم بىر ئارخېئولوگىيىلىك، جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ سۈپىتىدە «يىپەك يولى مەدەنىيىتى» دەپ ئاتالغان. بۇ نام كېيىنچە دۇنيا مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغان كاتتا تېمىغا ئايلىنىپ قالغان.