قەشقەرچە رىۋايەت ۋە ئۇيغۇرچە مەپكۇرە

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كوچا پارىڭى سۈپىتىدە تارقىلىپ يۈرگەن نۇرغۇن ھىكايەتلەر، لەتىپىلەر، رىۋايەتلەر بار. بۇلار رەسمىي مەتبۇئاتلاردا نەشىر قىلىنمىغان بىلەن ئاۋامنىڭ ئاغزىدا دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. بۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە، ئۆزگىلەرگە، موھىتقا، جەمئىيەتكە، سىياسەتكە، ھاكىمىيەتكە ۋە باشقا تۈرلۈك شەيئىلەرگە بولغان تونىشى، قارىشى ۋە باھاسى ئەكىس ئېتىدۇ. بۇنداق رىۋايەتلەرنىڭ كەڭرى تارقىلىشى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئېقىپ يۈرىشى ئۇلاردا ئۇيغۇلار ئىتىراپ قىلغان ئىددىيەلەرنىڭ بارلىقىنى بىشارەتلەيدۇ. مەن بۇ يازمامدا بۇنداق ئىددىيەلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ مەپكۇرە دەپ ئاتىدىم. مەپكۇرە دېگەنلىك ئىدولوگىيە دېگەنگە سەل يېقىن كېلىدىغان بىر ئاتالغۇ. بۇلار1. ئۇيغۇرغا كۈلپەت ئۇيغۇردىن كېلىدۇ، دەپ قاراش. 2. ئۇيغۇلار ئىتتىپاقسىز شۇڭا داھى چىقمايدۇ، دەپ قاراش. 3. ھۆكۈمەت ھەممىگە قادىر، دەپ قاراش. 4. شەخسنىڭ مەۋجۇدلىقىنى رازىلىقلارغا مەھكۇم قىلىش. 5. رىياللىقتىن تەسەللى تىلەش ۋە رىياللىقنى ساختا ھەقلىقلەشتۈرۈش. 6. ئۇيغۇرنىڭ يارىماسلىق تارىخىنى توقۇپ چىقىش ۋە كەمسىتىش. بۇ ئاغزاكى بايانلارنىڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى بىرى ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا خىزمەت قىلىدىغان گېزىت ژورناللاردا نەشىر قىلىنغان ئەمەس شۇڭا تەھرىرلەشلەرنىڭ پەردىزىدىن مۇستەسنا، يەنە بىرى ئۇيغۇرلار ئۆزى توقۇپ، تارقىتىپ ئىشىنىپ كەلگەن بولغاچقا كىشىگە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك تۇيۇلىدۇ. بۇلارنى تەھلىل قىلىشتىن مەقسەد ئۇيغۇرنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىنى پەيدا قىلىۋاتقان، قېلىپقا سېلىۋاتقان، خۇلاسىلاۋاتقان بۇ مەپكۇرىلەرنىڭ توقۇلۇش، تارقىلىش ۋە ئىتىراپ قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىشتۇر. يازمىنى يېزىشتا مەپكۇرىلەرگە مىسال ئېلىشتا ئىھتىياج تۈپەيلىدىن ئۆزەم كۈزەتكەن ۋە توپلىغان بەزى تەپسىلارنىمۇ قوشتۇم.

بىرىنجى مەپكۇرە: ئۇيغۇرغا كۈلپەت ئىللەتلىك ئۇيغۇردىن كېلىدۇ

ھىكايەت: كىم مۇناپىق ؟

ھېيىتگاھنىڭ ئەتراپىدا موزدۇزلۇق قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بارمىشكەن. بىر كۈنى ئۇ جۈمەگە ماڭاي دەپ تۇرسا بىر خەنسۇ ئايىغىنى ئوڭشىتىشقا كەلگەنمىش. قوشنا موزدۇزدىن بىرى "ئۇيغۇراخۇن جۈمەگە كېچىكىپ قالمىسىلا ماڭىلى" دېيىشىگە جاۋابەن ئۇيغۇراخۇن "ماۋۇ مۇناپىقنىڭ ئايىقىنى تۈزىۋېتىپ ماڭاي" دېگەنمىش. ھېلىقى خەنسۇ ئايىغىم ئۇنداق بولۇپ قاپتۇ. مۇنداق بولۇپ قاپتۇ دەپ ئۇيغۇراخۇننى جۈمەدىن قويغانمىش. ئاياغ ئوڭشۇلۇپ جامائەت جۈمەدىن يانغاندىن كېيىن خەنسۇ خېرىدار پۇلنى ئىشخانىدا بېرىدىغان بولۇپ موزدۇزنى ئەگەشتۈرۈپ ساقچىخانىىغا ئېلىپ كەلگەنمىش. ئۇيغۇراخۇننى ئىشخانىسىنىڭ ئىچكىرىدىكى بۆلۈمگە باشلاپ ئولتۇرغۇزۇپ قويغانمىش. موزدۇز ئىچىدە ئولتۇرۇپ تاشقىرقى ئىشخانىدا ئۇيغۇر قۇلاقلارنىڭ ھېلىقى خەنسۇ ساقچىغا دوكىلات قىلغان ئۇ مەسجىدتە ئۇ خاتىپ ئۇنى دېدى، بۇ جامەدە بۇ خاتىپ بۇنى دېدى، مەسجىد ئالدىدا جامائەت بۇنى دېيىشتى، ئۇنى مۇلاھىزە قىلىشتى دېگەن مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغانمىش. ھېلىقى خەنسۇ ئىشىنى تۈگىتىپ كىرىپ ئۇيغۇراخۇنغا ئۇيغۇرچە "قانداق كىم مۇناپىقكەن؟ سېنىڭ مىللىتىڭمۇ مەنمۇ؟" دېگەنمىش ۋە پۇلىنى بېرىپ يولغا سالغانمىش. بۇ ھىكايەتنى قەشقەردە بىر قانچە كىشىدىن ئاڭلىدىم. ئامېرىكىدا ئوقۇشتىن بۇرۇن بۇنداق ھىكايەتنى ئۈرۈمچىدە كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ پەرۋا قىلمىغانىكەنمەن. ھازىر ئويلاپ باقسام ھەممە خەقنىڭ ئاغزىدا، ھەممە يەردە تارقىلىپ يۈرگەن ھىكايەتتە بىر خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشى ئەكىس ئەتكەن بولىدىكەن.

يۇقارقى ھىكايە ساختا، بۇنى ئۇيغۇرغا پەقەت ئۇيغۇردىنلا زۇلۇم كېلىدۇ، ئۇيغۇرنىڭ پىشكەللىكىگە سەۋەپ ئۇيغۇرنىڭ ناچار خۇيلىرى دېگەن قاراشنى ئىسپاتلاش ئۈچۈنلا توقۇپ چىقىشقان. مەيلى قەشقەردە ياكى باشقا ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە بولسۇن ئۇيغۇر خەنسۇنى مۇناپىق دەپ تىللىمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتنى تىللايدىغان سۆزلىرى ئادەتتە تۇراقلىق بولىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ بۆلەك مىللەتنى بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەمەس خەنسۇلارنى تىللايدىغان تۇراقلىق ھاقارەت سۆزلىرى ئىچىدە مۇناپىق دېگەن سۆز يوق. ئادەتتە ئۇيغۇرلاردا مۇسۇلمان مۇسۇلماننى مۇناپىق دەپ تىللايدۇ. بۇ ھاقارەت سۆزى قۇرئانى كەرىمدە بىر سۈرىنىڭ نامى سۈپۈتىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرىگۈچى مەنىسىدە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە مۇناپىقلىقنىڭ سۈپەتلىرى ئېنىق بايان قىلىنغان. يەنە بىرى شۇنچە موھىم ئاخباراتلارنى يىغىشقا مەسئۇل خەنسۇ ساقچى بىر ئۇيغۇر موزدۇزنى مەخپىيەتلىكلەرنى ئاڭلاشقا ئىشخانىسىغا تەكلىپ قىلمايدۇ. بىر خەنسۇ ساقچىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش مۇناپىقلىق ئىللىتىنى بىر ئۇيغۇرغا تونۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنچە جاپا چېكىپ كېتىشىنى چۈشەنمەك تەرس.بۇنداق ھىكايىلەرنىڭ توقۇلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس، ھەيران قالارلىقى بۇنداق ھىكايىلەرنىڭ يۇرت ئاتلاپ تارقىلىپ يۈرىشى ۋە ئاڭلىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا ئىشىنىشى. ئەمەلىيەتتە ئىنسان ئىشىنىشكە تىگىشلىك پاكىتقا ئەمەس ئىشىنىشنى خالىغان پاكىتلارغا ئىشىنىدۇ. ئۇيغۇر مۇشۇنداق بىر پاكىتقا ئىشىنىشكا مايىل بولغاچقا مۇشۇنداق ھىكايىلار ئۇيغۇرئارىسىدا يايغىندۇر.

يۇقارقى توقۇلمىدا كىشىلەر يۈزلىنەلمەيۋاتقان بىر ھەقىقەت بار. ئويلاپ باقايلى، مۇناپىقلارنى مۇكاپاتلايدىغان ھېلىقى ساقچى بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئىشخانىسى مۇناپىقلارنىڭ يىغىلىدىغان بىخەتەر سورۇنى بولمىغان بولسا ئاتالمىش مۇناپىقلار نەدە، كىم ئۈچۈن مۇناپىقلىق قىلار ئېدى. نىمىشقا شۇ مۇناپىقلار كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس، ئاشۇنىڭ ئىشخانىسىدىلا مۇناپىقلىق قىلىلالايدۇ. مىللىتىگە مۇناپىقلىق قىلغانلار ئىزچىل پايدا ئالىدىغان، ئەقىدىسىگە سادىق بولغانلار دائىم زىيان تارتىدىغان بىر جەمئىيەتتە مۇناپىقلىق ئەۋج ئالامدۇ ياكى ئەقىدە ئۈچۈن ساداقەتمەنلىكمۇ. ھەر قانداق ئىجتىمائىي ئىللەت مەلۇم مەنبەدىن چىقىدۇ ۋە مەلۇم سورۇندا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ.

ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئابدۇللاھ ئابدۇرەھىمنىڭ "بۇ قىسمەتكە نېمە دەي ئۆزەمنىڭ شورى" دېگەن ناخشىسى مودا بولغان ئېدى. بۇ ناخشىدا خۇلاسىلانغىنى ياغاچنى كېسىدىغان پالتىنىڭمۇ سېپى ياغاچتىن بولىدۇ، قىرىلىش، قىينىلىش ۋە قىسىلىشلارنىڭ مەنبەسى ئۇيغۇرنىڭ شورلۇق ئىللەتلىرىدۇر، دېگەن ھۆكۈمدىن ئىبارەت ئېدى. بۇ ھۆكۈمنى 2009-يىلى ئامېرىكىغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا ئۇستاز ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىنىڭ ئاغىزىدىن "بىز تېخى ئۇيغۇر زۇلۇمىدىن قۇتۇلمىدۇق" دېگەب شەكىلدە قايتا ئاڭلىدىم. قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن مەزكۇر ھۆكۈمنىڭ ئاللىقاچان ئانام بىلەن دادامغىچە ئومۇملاشقانلىقىنى بايقاپ ئازاپلاندىم. بۇ ھۆكۈمنىڭ ئاقىۋېتى ئۇيغۇرنى ئۇيغۇردىن بەزدۈرۈش، ئۇيغۇرنى بىرلىكتىن تەزدۈرۈش بولۇپ خۇلاسىلىنىدۇ. بۇ ھۆكۈمنىڭ بۇنچە يايغىن بولۇش سەۋەبىگە كەلسەك، مەيلى بۇ ھۆكۈمنى تارقاتقۇچى بولسۇن، ياكى ئىشەنگۈچى بولسۇن ھىچ بىر خىيىم خەتەرگە ئۇچرىمايدۇ، ھىچ قانداق جاۋاپكارلىققا تارتىلمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرغا كۈلپەت ئىللەتلىك ئۇيغۇردىن كېلىدۇ دېگەن بۇ پەلەسەپە بۇ زاماندا مەۋجۇدلۇق ئىھتىياجى، قىممىتى ۋە شارائىتىغا ئىگە.

ئىككىنجى مەپكۇرە: ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقسىز بولغاچقا داھى چىقمايدۇ

ھىكايەت: تەڭرى چوكا بەرگەن ئۇيغۇر

مەنچە كىتاپ ئوقۇپ باققان ئۇيغۇردىن بۇ ھىكايەتنى ئىشتمىگىنى يوقمىكىن دەيمەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە تەڭرى مىللەتلەرگە بايلىقلارنى تەقسىم قىلماقچى بولۇپ ھوزۇرىغا چاقىرغانمىش. چاقىرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر كۈن چۈش بولغاندا ئاران كەلگەنمىش، ھەمدە بىردىن ۋەكىل كېلىدىغان يەرگە ئىككى بولۇپ كەلگەنمىش. شۇنىڭ بىلەن تەڭرى ئۇلارغا بىر بىرىڭلارنىڭكىنى كولاڭلار دەپ ئىككى چوكا بەرگەنمىش. بۇ ھىكايەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش ئىتتىپاقسىزلىقىنىڭ مەنبەسى چۈشەندۈرۈلگەن. مەنچە بۇ ھىكايەتنى رىياللىقنى قانداق چەشەندۈرۈشنى بىلمەيدىغان، ياكى بىلسىمۇ ئەڭ بىخەتەر چۈشەندۈرۈش يولىنى تاللىۋالغان نامەرت زىيالىلار توقۇپ چىققان. بۇ ھىكايەتنى توقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلاردىكى ئاتالمىش ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ مەنبەسىنى تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا باغلىغان. بۇ ھىكايەتنىڭ ئەڭ ھەجىۋىي يېرى، ئۇيغۇرلارنى ھوزۇرىغا چاقىرغان تەڭرىنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار، بىرى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرىدۇ، يەنە بىرى چوكىدا تاماق يەيدۇ، دائىم يېنىدا تەپرىق پەيدا قىلىدىغان چوكىسى تەييار. ئۈچىنجىسى چوكا (رەزىل ۋاستىنىڭ سىموۋۇلى) بىلەن ئۇيغۇرلارنى زىددىيەتكە سالىدۇ. مەنچە بىر قىسىم زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقسىز دېگىنى خەتەرلىك ئەمەس، ئەڭ خەتەرلىكى ئۇيغۇرلاردەك دىنىي تۇيغۇغا باي بىر خەلقنىڭ ئۆملىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەسلىكىنى تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشتۇر. ئۇيغۇرلاردا تەڭرىنىڭ ئىرادىسى، ئورۇنلاشتۇرىشى تەقدىر دەپ چۈشىنىلىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلاردىكى مەلۇم شارائىتتا، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر يەڭدىن قول چىقىرالماسلىقنى تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى دەپ چۈشەندۈرسەك خەلقنى تەقدىرگە تەن بېرىشكە ئۆگەتكەن بولىمىز.

ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش ئىتتىپاقسىزلىقتا سۆكىدىغان يەنە بىر ھىكايە تېخىمۇ تەۋبىگە قەرىزدار. دېيىلىشىچە ئەگەر پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (سەللەللەھۇ ئەلەيىھى ۋەسسەلەم) ئۇيغۇر بولغان بولسا ئۇيغۇرلار ئۇ زاتقىمۇ ئەگەشمىگەسكەنمىش. ئۇيغۇرنى ئىتتىپاقسىزلىقتا سېسىتىدىغانغا بۇ قەدەر ئاشقۇن ھىكايەتلەرنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىشى، بولۇپمۇ قەشقەردەك ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىدە بىخىرامان ئېقىپ يۈرىشى ئۇيغۇرنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئاللىقاچان جامائەت ئىتىراپ قىلغان ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار راستىنلا ئىتتىپاقسىزمۇ دېگەنگە كەلسەك، بۈگۈنكى ئۇيغۇرنى ئىتتىپاقسىزلىقتا، تەپرىقچىلىكتە ئەيپلەۋاتقانلارنىڭ تۇتامغا چىققۇدەك، ھەممە ئۇيغۇر بىلگۈدەك پاكىتلىرى يوق. يىراقتىكىنى قويۇپ، ئادىل ھوشۇرنىڭ سەنشىيادىن ئۆتۈپ رېكورت ياراتقىنىنى، روزى سايىتنىڭ ساۋاتسىزدىن ساۋاتلىققىچەبولغان بارلىق ئۇيغۇرنىڭ شائىرىغا ئايلانغىنىنى، نەچچە يۈز ئۇيغۇر ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئوتقا كىرگىنىنى… خىيال قىلىپ باقساقلا ئۇيغۇرنىڭ ئىتتىپاقلىقى بولمىسا يۇقارقى ھىچ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقمايدىغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلار داھى بارمۇ يوقمۇ بىلمەيدۇ. ئەگەر بىلگەن بولسا، قايىل بولۇپ تاللىغان بولسا، سايلاپ باققان بولسا،بىلىش پۇرسىتى، قوللاش شارائىتى بولسا قوللىغان، ئەگەشكەن بولاتتى. ئۇيغۇردىكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى چوكىنى ئالغان ئۇيغۇردىن ئەمەس شۇ چوكىنى بەرگەن، چوكىغا ئۆگەتكەن تەڭرىدىن ئىزدەش، ئۇنى دەرقەمتە تۇرۇپ تەنقىدلەش توسۇش مەسىلىنىڭ نېگىزى. چوكا بېرىدىغان، چوكا تۇتقاننى قوغۇدايدىغان تەڭرىلا بولىدىكەن كولايدىغانلارنى توساش، تۈگىتىش مۇكىن ئەمەس.

ئۈچىنجى مەپكۇرە: ھۆكۈمەت ھەممىگە قادىر

سىنتەبىردە قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ بىر ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا دىققەت قىلدىم. ھەممىسىلا ئاتا-ئانىسىنى ئەگەشتۈرىۋالغان ئىمتىھانچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تىببىي ئۇنۋېرىستىتلارنى پۈتكۈزۈپ شەخسى دوختۇرخانىلاردا ئىشلەۋاتقانلار ئىكەن. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئىشلەۋاتقىنىغا تۆرت بەش يىل بولغانىكەن. ھازىرقى ئىش ئورنىنىڭ مۇئاشى مەزكۇر ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىنىڭكىدىن تۆۋەن بولسىمۇ ئۇلار ۋاز كېچىشكە رازى ئىكەن. شەخسى دوختۇرخانا ھازىر ئوبداندەك قىلغان بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بولمىغاچ كېيىنلىكنى ئويلىغاندا يەنىلا مۇشۇ ھۆكۈمەت دوختۇرخاناسى ياخشىمىش. ئۇيغۇر تىلىدا كېيىنلىك دېگەن ئەسلى ئۇ دۇنيا مەنىسىدىمۇ كېلەتتى. كېيىنلىكىمىزگە ياخشى دەپ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىنى تاللىغىنىدىن قارىغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا باقىدىغانلىقى بەزەنلەرنىڭ كاللىسىغا سىڭىپ بولغان بولسا كېرەك.

بىر كۈنى بىر قانچە يېزا كادىرى بىلەن سۆھبەتداش بولۇپ قالدىم. دېيىشىچە ئۈرۈمچىگە چىقىپتىمىش. ئاپتۇبوستىن چۈشۈپ سومكىسىنى ساقلىتىپ قوياي دەپ ھۆكۈمەتنىڭمىكىن دەپ بىر ئامانەتخانىغا كىرسە ئىشلەيدىغانلار خوجايىندىن تارتىپ خادىملىرىغىچە ھەممىسى ئۇيغۇردىنمىش. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەسكەن، بىر ئىش بولسا ئىگە بولالمايدۇ، دەپ ئۇ يەردە ساقلاتمىغانمىش. بۇ گەپنىڭ قىزىق يېرى، قەشقەردىكى بىر يېزا كادىرى ساپ ئۇيغۇر ئىشلەيدىغان بىر يەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن. ئۇيغۇرنىڭ بىر ئىشقا مۇستەقىل ئىگە بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن. شەخسلەرنىڭ ئىگىلىكىنى ھۆكۈمەتنىڭ بولمىغاندىكىن بىر تاساددىپىلىق يۈز بەرسە ئىگە بولالمايدۇ دەپ خاتىرجەم بولالمايدىكەن. خۇدايىم بۇيرىسا، خۇدايىم ساقلىسۇن دېگەن گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭكى ساقلىمىسا شەخسىينىڭ ساقلىيالمايدۇ دېيىشلىرى ئاجايىپكەن.

بىر قانچە دېھقان بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت دېگەن سۆزگە ئاكا كەلىمىسىنى قوشۇپ ھۆكۈمىتىكام دېيىشلىرى خۇددى قايسىدۇ بىر تۇققىنى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. بىرسى "مۇشۇ خەقلىنى دەيمەن، سىڭگەن نېنى يىسە بولمامدۇ، نېمە قىلالايدۇ ھۆكۈمەتنى؟ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىلمەيدىغىنى، قولىدىن كەلمەيدىغىنى يوق جۇما!" دېۋىدى يەنە بىرى "ھۆكۈمەت پەقەت ئىككىلا ئىشنى قىلالمايدۇ، بىرى ئاشلىق ياسىيالمايدۇ، يەنە بىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلەلمەيدۇ. مۇشۇلارنى قىلالىغان بولسا قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدۇ دېسەك بولاتتى." كىچىكىمدە ئاللاھ ھەممىگە قادىر دەپ ئاڭلايدىغان، ئۇلارنىڭ گەپلىرى ماڭا ھۆكۈمەت ھەممىگە قادىر دەۋاتقاندەك تۇيۇلدى.

تۆتىنجى مەپكۇرە: شەخسنىڭ مەۋجۇدلۇقىدىكى رازىلىق ئۆلچىمى

قەشقەر تىپىك سودا شەھرى بولغاچقىمىكىن تۇرمۇشتا رازىلىققا باغلانغان چۈشەنچىلەر بەكرەك خېرىدارلىق. قەشقەردە ھېيىتتا خالىس پەتلىشىدىغان مەسجىدنى بىرلىك قىلغان جامائەت بىر بىرىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئۆي ئۆيلەرگە باش تىقىپ ئۆتىشىدۇ. شۇنداق پەتىلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق گەپلەر قۇلۇغۇمغا كىرىپ قالدى. "… ئۇنداق ئادەملەردىن ھۆكۈمەتمۇ رازى ئەمەس، خۇدايىممۇ رازى ئەمەس، ئاتا ئانىسىمۇ رازى ئەمەس، خوتۇن بالاۋاقىسىمۇ رازى ئەمەس. ئۇلار نېمىشقا ئۇنداق تۇخۇمنى تاشقا ئۇرىدىغان ئىشلارنى تولا قىلىدىغاندۇر؟ ئادەمنى نېمىشقا تىنچ ياشىغىلى قويمايدىغاندۇ؟" بۇ گەپلەر دائىم قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ. بۇ مىھمانلارنىڭ ئۇ كىشىلەردىن ھىچ كىمنىڭ رازى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىۋالغانلىقى مېنى قىزىقتۇردى. ئەگەر بىر كىشىنىڭ تۇرمۇشى، مەۋجۇدلۇقى ھۆكۈمەتتىن تارتىپ پاشا قوڭغۇزغىچە ھەممىنى رازى قىلىش ئۈچۈن داۋام قىلسا كىشىلىك ئىززەت، قەدىر قىممەت، ھوقۇق، غۇرۇر، ئارزۇ خاھىش دېگەنلەر ھىچ نېمىگە ئەرزىمىسە كېرەك.ئۇلارچە شەخسنىڭ مەۋجۇدلۇقى ھەممىنى باشقىلارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىتىراپقا ئېرىشسە كېرەك. شەخسنىڭ مۇستەقىللىقى، قىممىتى، ھۆرمىتى، بەختى شارائىتنىڭ رازىلىقى بەدىلىگە مۇئەييەنلەشتۈرىلىدىغان جەمئىيەتتە ئىجادىيلىق، يېڭىلىق، جۇشقۇنلۇق، ئازادىلىك، پىداكارلىق ھامان يەكلىنىدۇ.

بەشىنجى مەپكۇرە: رىياللىقتىن تەسەللى تىلەش ۋە رىياللىقنى ساختا ھەقلىقلەشتۈرۈش.

قەشقەردە ھەممىنى بىلىدىغان، ئالەمنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرۈيدىغان كىشىلەر بار ئىكەن. بىر كۈنى بىرەيلەن "دەۋلىتىمىزنىڭ كېيىنكى رەھبىرى شى جىنپىڭ بولارمىش. شىجىنپىڭ دېگەن كىشىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىنمىش." دەپ قالدى. ئېنىقكى بۇ گەپتە رىياللىقتىن تەسەللىي ئىزدەش خاھىشى بار ئېدى. مەندەك كىشىلەرگە بۇ گەپ ئەپسانىدەك تۇيغۇ بەرسىمۇ شۇ كىشى تەۋە قاتلامغا بۇ بىر زور تەسەللى ئېدى. ئۈمىدنى نوپۇزغا، جەمەتكە، مۇناسىۋەتكە باغلاش ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جۇڭگۇ جەمئىيىتىدە بىر قاتلامدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق ھىكايەتلەر بىلەن كۆڭلىگە تەسەللى تېپىشى تاساددىپىلىق ئەمەس ئېدى.

مەكتەپكە مۇۋاپىق بىر ئورۇننى ئىجارىگە ئالماقچى بولۇپ بىر قاسساپ بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ كىشىنىڭ ئاغىزىدىن "ماۋزىدوڭ قۇرئاننى جىق ئوقۇغانىكەن" دېگەننى ئاڭلاپ ھەيران قالمىدىم. چۈنكى بۇ رىۋايەتنى مەن خېلى كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقانىدىم. مېنى تاڭ قالدۇرغىنى "ماۋزەيدۇڭ قۇرئاننى جىق ئوقۇغان، كومپارتىيەنى قۇرغاندا قۇرئانغا ئۇيغۇن نىزامنامە بېكىتكەن. شۇڭا دەۋلىتىمىزنىڭ قانۇنى قۇرئانغا ئۇيغۇن كېلىدۇ." دېگىنى بولدى. شۇئان ئېسىمگە ماۋزىدوڭ ئۇيغۇر دېگەن لەتىپە كەلدى. تەسەۋۋۇرۇمچە مازىدوڭ كومپارتىيەگە قۇرئانغا ئۇيغۇن نىزامنامە بېكىتكەن دېگەنلىك مەۋجۇد ھاكىمىيەتنى دىنى جەھەتتىن ھەقلىقلەشتۈرۈش (ئىسلام ھاكىمىيىتى دەپ تونۇش) ، مازىدوڭ ئۇيغۇر دېگەنلىك ھاكىمىيەتنى مىللىي(ئۇيغۇرلۇق) جەھەتتىن ھەقلىقلەشتۈرۈش (ئۇيغۇرنىڭ ھاكىمىيىتى دەپ تونۇش) سانىلىدىكەن . رىياللىقنى دىنىي جەھەتتىن يوللۇقلاشتۇرۇۋاتقانلار دىنى زىيالىلار، مىللىي (ئۇيغۇرلۇق ) جەھەتتىن ھەقلىقلەشتۈرۈۋاتقانلار پەننىي زىيالىلار ئىكەن. ئىزدىنىش تورىدا قىززىغان ماۋزىدوڭنىڭ ئۇيغۇرلۇقى ھەققىدىكى مۇنازىرە يۇقارقى قارىشىمىزنى دەلىللەيدۇ. بۇنداق ھەقلىقلەشتۈرۈش تارىختىمۇ بولغان. 14- ئەسىرلەردە تۇڭگان ئۆلىمالار موڭغۇللارنىڭ ئورنىغا ھاكىمىيەت تىكلىگەن جۇ يۇئەن جاڭ جەمەتىنى مۇسۇلمان دەپ گەپ تارقىتىپ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا ھاكىمىيەتنى ھەقلىق دەپ قوبۇل قىلغۇزغان، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتكە مايىللىقىنى كۈچەيتكەن. مەيلى تارىختىكى ياكى بۈگۈنكىسى بولسۇن، مەۋجۇد ھاكىمىيەتنى يوللۇقلاشتۇرۇش ساختىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. تارىختا بۇنداق ئىشلارنىڭ راست يالغىنىنى ئايرىش بەسى مۈشكۈل ئېدى. بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە تەيپۈنەم دەۋرىدىن قالغان ئۇسۇللار بىلەن ھاكىمىيەتنى ھەقلىقلەشتۈرۈش بەدىلىگە نىسىۋە تاما قىلىش ساددىلىلارچە ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئالتىنجى مەپكۇرە: ئۇيغۇرنىڭ يارىماسلىق تارىخىنى توقۇپ چىقىش ۋە كەمسىتىش

قەشقەردە ئۇيغۇرنىڭ يارىماسلىق تارىخىنى توقۇپ چىققان بىر ھىكايىنى ئاڭلىدىم. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئوسمان ئېلى 1933- يىلى ئۇلۇغچاتتىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغاندا ئۇيغۇرلار ئارىلاشماي بىخارامان تىجارىتىنى قىلىۋەرگەنمىش. بۇ ئېنىقكى قۇرۇق گەپ. ئوسمان غازى قىرغىز بولغان بىلەن ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ ئېدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ماسلىشىشى بولمىغان بولسا ئوسمان غازى قەشقەرنى ئالالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1930-يىللاردا نەشىر قىلىنغان گېزىتلەردىن بىلىشىمىزچە ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر، ئۆزبېك دېگەن گەپلەر يوق ئېدى. ئۇزامانلاردا ئىسلامنى قوغۇداش ۋە يەرلىك ئاۋامنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتلەندۈرۈش شۇئارى كىشىلەرنى بىرلەشتۈرەتتى. ئەگەر مىللەت ئايرىش توغرا كەلگەندە قىرغىز، ئۇيغۇر، ئۆزبېك دېگەن 1949- يىلدىن كېيىنكى نام ئەمەس تۈرك دېگەن ئورتاق نام قوللىنىلاتتى.

سىتالىن مەدھىيەلىنىدىغان زاماندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر رىۋايەت بولىدىغان. ئېيتىلىشىچە سىتالىن روستىن قۇماندانىم بولسا، خەنسۇدىن مەسلەھەتچىم بولسا، ئۇيغۇردىن ئەسكىرىم بولسا پۈتۈن دۇنيانى قولغا كەلتۈرگەن بولاتتىم دېگەنمىش. بۇ ئەپسانىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىلمەيدىغانلار ئاز بولۇشى مۇمكىن. مەن شۇنڭىڭغا ھەيران، نېمىشقا ئۇيغۇرلار روسنىڭ قۇماندانلىقى، خەنسۇنىڭ مەسلەھەتى بولمىسا ھىچ ئىش قىلالمايدىغان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بۇ رىۋايەتنى پەخىرلىنىپ تارقىتىپ، سۆزلەپ يۈرىدۇ؟ ئەجەبا ئۇيغۇر قۇماندان بولسا، مەسلەھەتچى بولسا بولمامدىكەن. ئۇيغۇرنىڭ باتۇرلىقىنى سىتالىنسىز، سىتالىننىڭ دۇنيانى يۈتىۋېلىش قارا نىيىتىگە باغلىماي تۇرۇپ ئىسپاتلىغىلى بولمامدۇ. ئۇيغۇردىن قۇماندان چىقمىغانمۇ. ئەگەر بۇ پاكىت بولىدىغان بولسا جەنۇپ ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىنى گومىنداڭنىڭ قولىدىن ئازات قىلىپ ئاقسۇغىچە باستۇرۇپ كەلگەن قۇماندان سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ ئۇيغۇر ئەمەسمىكەن. شۇ چاغدا سوپاخۇن غازى 200 گىمۇ يەتمەيدىغان قوشۇن بىلەن مۇز داۋاندىن چۈشكەن. گومىنداڭنىڭ شۇ چاغدا ئاقسۇدىكى قۇشۇنى ئون مىڭدىن ئاشاتتى. 1860-يىللاردىكى چىڭ سۇلالىسىگە قارشى كۇچا ئۇيغۇرلىرى ئىنقىلابىنىڭ قۇماندانى راشىدىن خوجا قارا يۇلغۇندا ئۆزىدىن ئون نەچچە ھەسسە جىق چىڭ قوشۇنلىرنى يەر چىشلىتىپ كورلىنى ئالغانىكەن، بۇلار ئۇيغۇر ئەمەسمىكەن. راشىدىن خوجا، سوپاخۇن غازى قۇماندان ئەمەسمىكەن. ئۇيغۇرنىڭ باتۇرلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ماختاش ئۈچۈن روسنىڭ قۇماندانلىقى، خەنسۇنىڭ مەسلەھەتچىلىكى تەكىتلەنمىسە بولمىسا بولمامدىكەن. بۇ رىۋايەتتە ئۇيغۇر قۇماندانلىققا، پىلان-لايىھەگە چولتا، پەقەت باشقىلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقىلا ماھىر دەپ كەمسىتىلگەن. بۇ رىۋايەتنى توقۇغۇچىلار ۋە تارقاتقۇچىلاردا ئۇيغۇرنى كەمسىتىش ۋە ئۇيغۇردىن كەمسىنىش خاھىشى كۈچلۈك.

خۇلاسە

ئاۋام ئۇيغۇردا رىياللىقتىكى خۇشاللىق، خاپىلىق، ۋەقە، ھادىسە، پىشكەللىك ۋە پاجىئەلەرنىڭ سەۋەبىنى بىر بولسا ئۆزىدىكى ئاجىزلىقۋە ئىللەتلەردىن كۆرۈش، يەنە بىر بولسا غايىپ بىشارەتلەرگە ياكى خۇدايىمنىڭ ئورونلاشتۇرىشىغا جورورش، ئۈچىنجىسى ئۇرۇق پۇشتىنىڭ نەسەبىگە، تارىخىغا ۋە كەچۈرمىشلىرىگە باغلاش ئادەتكە ئايلانغان. ئۇيغۇرنىڭ رىياللىقى چۈشەندۈرۈلىۋاتقان، باھالىنىۋاتقان ۋە مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان يۇقاقى رىۋايەت، پاراڭ ۋە سۆزلەنمەلەردە بۇ ئادەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەتنىڭ نۇرغۇن يېتىشسىزلىلىرى بار، چۈنكى ھەر قانداق ئىشنىڭ كونكىرىت سەۋەبى بولىدۇ. ھەرقانداق كۈلپەتنىڭ سەۋەبچىسى بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرغا كەلگەن كەلگۈلۈكلەرنى زامان ۋە ماكاننىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلىرىگە قاراپ ھەرخىل شەكىلدە يۇمۇلۇتۇپ چۈشەندۈرۈش ئىلمىيلىك ۋە لىللاھلىق ئەمەس. يازمامدا مەن پەقەت ئۆزەم ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلەردىن بىر قانچىنى خۇلاسىلەپ باقتىم. بۇنداق بىر دىلبايان شەكلىدىكى يازمىدا ئويلىغانلىرىمنىڭ، ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىنى يېزىپ، تەھلىل قىلىپ، خۇلاسە قىلىپ بولۇشۇم مۇمكىن ئەمەس. بۇندىن كېيىن يەنە ئىمكان يار بەرسە بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى يەنە قەلەمگە ئېلىشىم، داۋاملىق تولۇقلىشىم ئىھتىمال.



ئالدىنقى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز ئون يىللىق خاتىرىسىگە

كـىيىنكى: تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى سىيىت نوچى