قەشقەر سەمەن يولى “8.4 ۋەقەسى” ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى
قەشقەر سەمەن يولى “8.4 ۋەقەسى” ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى
[تەھرىرلەش]مەھمەت ئىمىن ھەزرەت
تارىخى مىلادىيە 2008.يىلى،8،ئاينىڭ 4،كۇنى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىق كۇرىشىدىكى دەۋىر بولگۇچ ۋە ئۇنۇتۇلماس بىر تارىخى خاتىرە كۈنۈدۇر.بۇ كۈن- پۈتۈن دۇنيا ئاخپارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتى بىردىنلا ئۇيغۇرلارغا-شەرقى تۇركىستانغا جەلىپ قىلىندى.بۇ كۈن-تارىختا كۆپلىگەن ئۇيغۇر دولەتلىرىگە پايتەخىت بولغان،بۇگۈن، پىلانلىق يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ- ئەڭ ئاخىرقى مەدىنىيەت (خىتاي مەدىنىيىتىنىڭ شەپقەتسىز،ئۇزلۇكسىز ۋەشىددەتلىك ھۇجۇمىغا قارىماي)مەركىزى سۇپىتىدە قەد كوتۇرۇپ تۇرىۋاتقان قەشقەردىن؛ ئۇيغۇرلارغا، خىتاي ھاكىمىيىتىگە،دۇنيا جاماەتچىلىگىگە گۇلدۇرمامادەك بىر سىگىنال بەردى.بۇ سىگىنال؛ تىل ياكى يەزىق ئىشلەتمىگەن بىر خىتاپنامە ئىدى
ئۇيغۇر مىللىتىنى بىخۇتلۇق ئۇيقىسىدىن سىلكىپ ئويغاتقان، شۇنداقلا قان ۋە كۆز يىشى دەرياسىدا پەرۋاسىز ئۈزىشكە ئادەتلەنگەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خۇجايىنلىق گىبىرلىرىنى شىددەتلىك زىلزىلە بىلەن تارىخنىڭ چاڭ-تۇزاڭلىق سەھىپىلىرىگەن چۆرۈپ تاشلىغۇچى بۇ خىتاپنامىنى كىم دۇنياغا ئەلان قىلدى؟ مەزمۇنى نىمە ئىدى؟
ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت(ئۇيغۇر قەرىنداشلىرىمدىن شۇنى ئوتۇنۇپ سورايمەن؛بۇ ئىككى نەپەر جىھات غازىسى بولغان مىللى قەھرىمانىمىزنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئالغاندا تاھارەت ئەلىپ،ئاغزىمىزنى ئوبدان چايقىۋەتىپ ئاندىن ئەغىزغا ئەلىشىمىز ۋاجىپتۇر.چۇنكى،ئولارنىڭ ئىسمى بىز ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەستۇر)“2008.يىلى.8.ئاينىڭ 4. كۇنى قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يولىدا، خىتاي ئىشخالىتەچى ئارمىيەسى چىگرا مۇداپىيە قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ 16 ئەسكەر ئولدى.16 ئەسكەر يارالاندى.”
بۇ خەۋەر گۇلدۇرمامادەك قەشقەر ئاسمىنىدىن دۇنياغا تارقالدى
ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت ئوزلىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى،ھاياتىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە ئۇيغۇر مىللى ئازاتلىق ھەركىتىدە يەپ-يەڭى بىر دەۋىر ۋە ئۆلگە ياراتتى.بۇ ئۆلگىلەرنى تۈۋەندىكىدەك ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن
بىرىنجى: دۇشمەننىڭ بەسىپ كىلىشىنى كۇتۇپ ياتماستىن،دۇشمەننىڭ ئۇستىگە باستۇرۇپ كىلىش
[تەھرىرلەش]قۇرئانى-كىرىم دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش پىرىنسىپىنى شۇنداق بەلگىلەپ بەرگەن؛-“ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا،زۇلۇمغا ئۇچىرىغانلىغى ئۇچۇن (قارشىلىق كورسىتىشكە) رۇخسەت قىلندى.ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بىرىشكە ئەلۋەتتە قادىر. (ھەج سۇرەسى 38-39-ئايەتلەر).ئىسلام دىنى تىنىچلىق دىنى، قۇرانى-كەرىم،دۇنياغا تىنىچلىق ئەلىپ كەلگەن دەستۇردۇر.بىراق زۇلۇم بولغان يەردە تىنىچىق بولمايدۇ.شۇڭا پەريغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەر يۈزىدىكى زۇلۇمنى،زۈلمەتنى يۇقۇتىش ئۈچۈن ئىۋەتىلدى.قۇرئان ئايەتلىرى يۇرۇقلۇقنىڭ،ئەركىنلىكنىڭ مەشئىلى سۈپىتىدە ئىنىشكە باشلىدى. چۈنكى،ئازاتلىق بولمىغان يەردە ئادالەت يوقتۇر.شۇڭا ئاللاھتائالا قۇرانى-كەرىمدە،زۇلۇمغا ئۇچۇرىغانلار ئۇچۇن،زۇلۇمغا قارشى كۇرەش قىلش قا رۇخسەت قىلدى.ئىككى نەپەر تەقۋادار مۇجاھىدىمىز ئاللانىڭ رۇخسىتى بىلەن زۇلۇمغا قارشى كۇرەشكە ئاتلاندى.قارشى چىقىپلا قالمىدى؛شھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئەرىشىشتە،قارشىلىق كورسۇتۇش ھەركەتلىرىدە-مىللىتىمىزگە،بولۇپمۇ ئوت يۇرەك ئۇيغۇر ياشلىرىغا جاسارەت،غۇرۇر ۋە ئىپتىخار بەغىشلايدىغان يولنى تاللىدى.
ئىلگىرىكى يىللاردا كوپلىگەن مۇجاھىتلىرىمىز-ئازاتلىق جەڭچىلىرىمىز دۇشمەن ئارمىسى ۋە ساقچىلىرىدىن سىزىلىپ قەلىپ ياكى گۇمانلىنىپ؛دۇشمەن كوغلاپ يۇرۇپ زەربە بىرىپ،مۇجاھىتلىرىمىز قىچىپ يۇرۇپ مۇداپىيەلىنىپ ھالاك بولدى،ياكى دۇشمەن قولىغا چۇشۇپ كەتتى.ئولار خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلۇمگە ھوكۇم قىلىنغاندا بولسا خەلقىمىز يۇشۇرۇن كۆز يەشى تۆكتى،ئازاپلاندى،مەيۇسلەندى
ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت،21.ئەسردىكى ئۇيغۇر مىللى قەھرىمانلىغىنىڭ شانلىق ئولگىسىنى يارىتىپلا قالماستىن،ئۇيغۇر مىللىتىگە،پۇكۇلگەن قەددىنى تەكرار كوتۇرۇشى ئۇچۇن تەڭرى تەغىدەك غايەت زور ،دەڭىز-ئوكىيانلاردەك چەكسىز كۇچ-قۇۋەت بەغىشلىدى
بۇ ئىككى ياش ئەزىمەتنىڭ 2008.يىلى 8.ئاينىڭ 4.كۇنى خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇستىگە ئاجايىپ قالتىس جەڭ ماھارىتى بىلەن باستۇرۇپ گىرگەنلىگى،جەڭنىڭ 16 خىتاي ئەسكىرىنىڭ ئولۇمى،ۋە 16 سىنىڭ يارىلىنىشى بىلەن نەتىجەلەنگەنلىگى-ئاز ۋە ئاجىز كۇچ بىلەن كۆپ ۋە كۇچلۇك دۇشمەنگە كارشى قانداق زەربە بەرگىلى بۇلىدىغانلىغىنىڭ (60 يىللىق خىتاي ئاسارىتى ئاستىدىكى مىللىي ئازاتلىق ھەركىتىمىزنىڭ) تۇنجى ئولگىسىدۇر
ئىككىنجى : ئازاتلىق كۇرىشىڭ يولى – ئىككى قەھرىماننىڭ يولىدۇر
[تەھرىرلەش]تارىخى “8.4 سەمەن يولى ۋەقەسى” مىڭلىغان،ئونمىڭلىغان،ھەتتا يۇز مىڭلىغان كۇرەشنى قانداق باشلاشنى،نىمە قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرغان ئۇيغۇر يىگىت-قىزلىرىنىڭ زىھنىنى قوياشتەك ئەچىۋەتتى.ئولار، خىتاي ئەسكەر،ساقچىلىرىنىڭمۇ جەنى ئۆزلىرىنىڭ جەنى بىلەن ئوخشاشلىغىنى،ئولتەرسە ئولىدىغانلىغىنى ئۈگەندى.بۇ پىكىر-خىتاينىڭ تەڭداشسىز ھەربىي كۇچىگە،ئاتوم بومبىلىرىغا تاقابىل تۇرالايدىغان مەنىۋى قۇدىرەت دىمەكتۇر.سىنى ئولتۇرۇشكە كەلگەنلەرنى ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ئولۇشتىن ھەققانى،يوللۇق ۋە شەرەپلىك ئولۇم يوقتۇر
ۋاڭ لوچۋەن، شەرقى تۈركىستاننى بىر قوتان،ئۇيغۇرلارنى قوتانغا سۇلانغان پادا،چۇي داڭ ۋى نى قۇشخانا ،ئۆزىنى بولسا قۇشخانىنىڭ (لاۋبەنى)باشلىغى ، دەپ چۇشۇنىدۇ.
قوتاندىكى قويلار ئىچىدە، قارشىلىق قىلغان قوچقارلارمۇ،بەشىنى ئىگىپ تۇرغان قۇزىلارمۇ،ئىلگىرى-ئاخىرى قاسساپنىڭ قولىدا جانلىرىدىن ئايرىلىدۇ. ياتقۇزۇلغاندىمۇ،بوينىغا پىچاق سۈرگەندىمۇ ئۆلۈشىنى بىلمەي،ھاياتقا بولغان سۆيگۈ،ئۆلتۈرگۈچىگە بولغان نەپرىتىنى كۆرسۈتەلمەي ئۆلۈش ,شۇ بىچار ە قويلارغا خاس ئادەتتۇر.ئۇيغۇر مىللىتى 60 يىللىق ئاچچىق تەجىربە،پاجىيەلىك كەچمىشلەردىن كەيىن شۇنى ئىنىق تۇنۇپ يەتتى؛ بىز ئۇيغۇرلار بۇ ۋەتەندە خىتايلار بىلەن بىللە ياشاشنى خالىساقمۇ،خىتايلارغا مالاي،ھەتتا قۇل بۇلۇشنى خالىساقمۇ،خىتاي ھاكىمىيىتى بىزنىڭ بۇ ۋەتەندە خىتايلار بىلەن بىلە ياشىشىمىزنى خالىمايدۇ. شەر قى تۈركىستاندا كۆچمەن خىتايلارغا ھايات ساھەسى يارىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىدۇ. ئۇلار،بۇ ئانا ۋەتىنىمىزدە بىزنى مىللەت سۇپىتىدە تامامەن يوق قىلىۋەتىپ پەقەتلا خىتايلارنىڭ ياشىشىنى خالايدۇ ۋە بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بارلىق ئۇسۇل،ۋاستىلارنى قوللانماقتا.بىزنى ئەركىنلىك يولىنى تاللاشتا قولىمىزغا قۇرال ئەلىشقا خىتاي ھاكىمىيى مەجبۇرلىدى.باشقا چارىمىز يوق. بىز جىم تۇرساقمۇ ئولىمىز،ھەركەت قىلساقمۇ ئولىمىز. نەتىجە ئوزگەرمەيدۇ.ئەڭ توغرا ۋە نەتىجە بىرىدىغان يول،ئىككى نەپەر قەھرىمانىمىز ھاياتىنى مەشئەل قىلىپ كۇرسىتىپ بەرگەن مۇقەددەس ۋە شەرەپلىك يولدۇر
ئۈچۈنجى: ئىمكانىيەتسىزلىك ئىچىدە ئىمكانىيەت يارىتىش
[تەھرىرلەش]مەركىزى ئاسىيانىڭ ھۆرىيەت مەركىزى بولغان قەشقەردە 2008.يىلى 8.ئاينىڭ 4.كۇنى ئۆز ئىسىملىرىنى ئالتۇن ھەرىپلەر بىلەن يەزىپ تارىخقا ئەبىدىي يادىگار قالدۇرگغان ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت بىرسى كوكتاتچى،بىرسى تاكسى شوپىرى.كۇندىلىك تۇرمۇشىنى قەدىر-ئەھۋال قامداپ كىتىۋاتقان ئىككى قان-قەرىنداش دوست. ئولار مەدىرىسەلەردە تەلىم ئالغان دىنىي زاتمۇ ئەمەس،ياكى،خىتاي تۇرمىسىدا ناھاق يەتىپ چىققان،شەخسى ئىنتىقام تۇيغۇسى بولغانلاردىنمۇ ئەمەس.قارا تىزىملىكتە ئىسمى بولغانلاردىنمۇ ئەمەس.پەقەتلا ئاق-قارىنى پەرىق قىلىدىغان ئىككى كۆزى، ھەق-ناھاقنى ئۆلچەيدىغان ۋىجدانى،توغرا- خاتا ھەققىدە يەكۈن چىقىرالايدىغان ئەقىل-پىكىرى،بىر ئىش توغرۇلۇق قارار بەرگەندە،قارارنى ئىجرا قىلىش جاسارىتىگە ئىگە بولغان قورقماس يۇرىگى بولغان ئوت يۈرەك ياشلار.ئۇنۇتۇلغان،يەكلەنگەن،خورلانغان مىليونلىغان ئۇيغۇر جاماىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى.
بۇ ئىككى قەھرىمان،2008.يىلى 7.ئاينىڭ 8.كۇنى قەشقەردە 10 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاممىسىنى مەجبۇرى تۇپلاپ ئەكەلگەن مەيداندا داغدۇغىلىق سوت يىغىنى ئەچىپ ،ئابدۇۋەلى ئىمىن،مۇختەر سەتىۋالدى قاتارلىق 5 نەپەر ئۇيغۇرغا ئولۇم جازاسى،15 نەپەر ئۇيغۇرغا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان ۋە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ نەخ مەيداندا ئەتىپ تاشلانغانلىقىغا شاھىت بولغان. شۇ كۇنى (7.ئاينىڭ 8.كۇنى ) ئۇرۇمچىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىر ئويگە بەسىپ كىرىپ گۇناسىز 5 نەپەر ئۇيغۇرنى ئەتىپ ئولتۇرىۋەتىشى،18 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىدىنمۇ خەۋەردار بولغان.بۇ قانلىق ۋەقەلەر،ئۇزۇندىن بىرى مىللى زۇلۇمنى كوتۇرۇشكە تاقىتى تاق بولۇپ تۇرغان بۇ ياشلارنىڭ ئاخىرقى قارارنى ئەلىشىغا تۆرتكە بولدى.بىراق قۇرالى يو ق ئىدى،ئارقا سەپ تەييارلىقلىرى ئۇچۇن يىتەرلىك پۇلى يوق ئىدى.بومبىلارنى ئۆيىدە ياسىدى. خىتاي ھوكۇمىتىگە ئاىت ئەخلەت ماشىنىسىنى خىتاي ھۇكۇمىتىدىن رۇخسەتسىز ئارىيەت ئەلىپ تۇردى ۋە 8.ئاينىڭ 4.كۇنى سەھەردە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇستىگە ئەزراىلدەك بەسىپ كەلدى.نەتىجىسى ھەممىمىزگە مەلۇم؛بىزگە بايرام،دۇشمەنگە ماتەم ئەلىپ كەلدى.(ئەلبەتتە،بۇ ئىككى مىللىي قەھرىماننىڭ دۇشمەن قولىغا ھايات چۇشۇپ قالغانلىغى بىزنى تۇلۇمۇ بىئارام قىلماقتا،ئەندىشىگە سالماقتا)
بىزدە خىتايغا قارشى قۇراللىق كۇرەش قىلىشتىن باشقا چارە قالمىغانلىغىنى چۇشۇنىۋاتقانلارنىڭ سانى كۇنسىرى كوپەيمەكتە.ئامما،بۇلارنىڭ كوپۇنچىسى قۇرال-ياراق يوقلىقىدىن،ھەربي تەلىم-تەربىيە كۆرمىگەنلىگىنى باھانە كىلىشىدۇ.ئۆلۇمنى كۈتۈپ تۇرۇشىدۇ.بۇ ئىككى قەھرىمان ئارىمىزدىن خۇددى خەزىر ئەلەيكىسلامغا ئوخشاش چىقىپ،ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ماياك قىلىپ ياندۇرۇپ كۈرەش يولىمىزنى يۇرۇتتى.قۇرال-ياراقسىز تۇرۇپمۇ قۇراللىق دۇشمەنگە قاخشاتقۇچ زەربە بەرگىلى بولىدىغانلىغىنى ھەممىمىزگە كۆرسەتتى.بىز ئۇيغۇرلاردا “ھۇرۇننىڭ ئەشى پىشماس” دەيدىغان خەلق تەمسىلىسى بار. تەييارلىقى پۇتمىگەنلەر تەييارلىقىنى قىلىۋەرسۇن.تەييارلىقى ياكى تۇرمىغا كىرىپ ياتقاندا پۇتىدۇ،ياكى، بەشى كەسىلگەندە پۈتۈدۇ. ئامما،تەييارلىقى يوق تۇرۇپمۇ،دۇشمەننىڭ ئۇستىدىن غالىپ كەلگۇچىلەرنىڭ ئولگىسى ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىتتۇر.
تۆتىنجى: زەربە بىرىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش
[تەھرىرلەش]ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت “8.4” تە بىزگە شۇنى ئۇگەتتى؛ختاي ئىشخالىيەتچى ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەت ئىشلىگۇچى قارا قولى بولغان قۇراللىق كۇچلىرىگە زەربە بىرىش-بىزگە كۆرسىتىلگەن ئەڭ توغرا يولدۇر.
ئۆتكەن يىللاردا خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى،بەزى مۇجاھىت گۇرپپىلىرىنى، كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلارغا بومبا قويدى، دەيدىغان تەشۋىقاتلارنى تارقاتتى.بۇ سۆز-چۆچەكلەر ئۇيغۇرلارنى مەيۈسلەندۈرگىنىگە ئوخشاش،خەلقارا جامائەتنىمۇ قايغۇلاندۇردى
بۇ ئىككى مىللىي قەھرىمانىمىز بولسا جەڭدە زەربە بىرىش نىشانىمىزنى بەلگىلەپ بەردى.خەلقىمىز قەھرىمانلىرىمىزغا ئاپىرىن ئوقىدى،ئولار بىلەن غۇرۇرلاندى.دۇنيا جاماىتىمۇ مەسىلىنىڭ مەنبەسى بولغان مىللىي زۇلۇم سىيا سىتىنى شەپقەتسىز شەكىلدە يۇرگۇزۇۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىدە ئىكەنلىگىنى ئىپادىلىمەكتە. بۇ ۋەقە ھەققىدە بەزى سەمىمى خىتاي پۇخرالىرىمۇ چەتئەللىك مۇخپىرلارغا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان تەڭسىز مۇامىلىدىن سۆز قىلىشقا باشلىدى.بۇ ھادىسىلەر ئىككى نەپەر شان-شەرەپ ئىگىسى،ئالىجاناپ،غايىلىك قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئەڭ توغرا يول ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىماقتا
بىزنىڭ يوقۇتۇش ۋە ۋەيران قىلىش نىشانىمىز؛1.ئەسكىرى ئورۇنلار.2.ساقچا ۋە جاسۇسلۇق ئورگانلىرى.3.جىنايەتچى خىتاي ئەمەلدارلىر.4.خىتاي ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرۇپ ئوز مىللىتىنى يوقۇتۇش يولىدا جىنايەت ئىشلەۋاتقان مىللىي ساتقىنلار.5.بارلىق ئىستراتىگىيەلىك نوقتىلار…ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت ئەگەر تۇتۇلۇپ قالماي جەڭنى داۋاملاشتۇرغان بولسا ئىدى،يۇقىرىدا ساناپ ئوتكەن نىشانلارغا قارشى جەڭ قىلىدىغانلىغى شۇھبىسىز ئىدى
بەشىنجى: ئاز ۋە ئىخچام گۇرۇپپا تەشكىللەش.ئاز چىقىم بىلەن،كۇچلۇك دۈشمەنگە قاخشاتقۇچ زەربە بىرىش
[تەھرىرلەش]كەلگۇسىدىكى ئازات قەشقەردە مىللىي كۇرەشنىڭ بايراقدارلىرى سۇپىتىدە گىگانىت ھەيكەللىرى قەد كوتۇرۇپ تۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان بۇ ئىككى نەپەر مۇبارەك زاتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلىي تەجىربىسى ئارقىلىق جەڭ قىلىشىمىزنىڭ ئىستراتىگىيىسىنى بەلگۇلەپ بەردى
يەنى-كىچىك گۇرۇپ بىلەن كۆپ ۋە كىلەڭسىز دۇشمەن كۇچلىرىغا قاخشاتقۇچ زەبە بىرىش.ئاز چىقىم بىلەن زور نەتىجە قازىنىش
ئۇلار ئىلگىركى خاتالىقلاردىن تەجرىبە – ساۋاق ئالدى؛ ئالدى بىلەن تەبلىگ قىلىش،ئەزا قوبۇل قىلىش،ھەربىي تەلم-تەربىيە ئىلىپ بىرىش،داغدۇغا پەيدا قىلىش ياكى چەتئەلگە چىقىپ ھەربىي تەربىيە كۆرۈپ،كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلە غەرىپ دۇنياسىنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئىلىپ راھەت-پاراغەتلىك ھايات ئىچىدە ئىرىپ كىتىشتىن ئۇلار ھەزەر ئەيلىدى
ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت-جىھات قىلىش ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىقىشنىڭ كىرىگى يوقلىغىنى،بىر،ئىككى ياكى ئۈچ ئادەم بولغان كىچىك گۇرۇپ بىلەن،تەشكىلات قۇرمايمۇ قالتىس زەپەرلەرگە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىغىنى ئىسپاتلىدى ۋە بىز ئۈچۈن ئولگە ياراتتى.بۇ تەشكىللىنىش مەتودى بارلىق شەرقى تۈركىستان مىقياسىدا تەدبىق قىلىشقا ئەرزيدۇ.بۇگۈنكى ۋەزىيەت بزنى يالغۇز،ياكى ناھىيىتى ئاز بىر قانچە كىشىلىك گۇرۇپ تەشكىللەپ ھەركەت قىلىشىمىزغا مەجبۇرلايدۇ.بۇنداق قىلىش، قىلماقچى بولغان ئىشىمىزنىڭ بىختەرلىگى،ئاز چىقىم بىلەن دۈشمەنگە كۆپ پاراكەندىچىلىك يارىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم
ئالتىنجى: ھەر بىر ھەربىي ھەركەتتە قەتئى شەھىت بولۇش ئىرادىسى بىلەن يولغا چىقىش
[تەھرىرلەش]ئۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىدە شۇنى بىلىش لازىمكى؛تەييارلىغى بولغان بىر ئادەم،تەييارلىقسىز 100 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدۇ.ئۆلۇمدىن كورقمىغان بىر ئادەم،ئولۇمدىن قورققان 1000 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدۇ.بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەيتقاندا،بۇگۈن شەرقى تۇركىستاندا قانات يايدۇرۇلغۇسى جەڭلەردە؛تەشەببۇسكار بۇلغان،ئالدى بىلەن ھەركەت قىلغان غەلىبە قىلىدۇ،پاسىپ مۇداپىيەدە قالغانلار،دۈشمەن ھۇجۇم قىلمىغىچە ھەركەت قىلمىغانلار مەغلۇپ بولۇشقا مەھكۇم
بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نوقتىسى ئۆلۈمدۇر.ئۆلۈمدىن قورقمىغانلار،دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ ئۆلگەنلەر دىنىمىزدا شەھىتلىكنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىسىگە ئىرىشىدۇ، خەلق ئىچىدە ۋە تارىختا قەھرىمان دىگەن ئۆلمەس نامى قالىدۇ.1944.يىلى 8.ئايدا غەنى باتۇر نىلقىدا دۈشمەنگە قارىشى ئوق ئاتتى.ئىنقىلاپ باشلاندى.غەنى باتۇر بۇگۈنمۇ،كەلگۈسىدىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ياشىماقتا ۋە ياشايدۇ.2008.يىلى 8.ئايدا ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت قەشقەر سەمەن يولىدا دۈشمەن ئارمىيىسىگە قارىتىپ بومبا ئاتتى.يەڭى بىر ئىنقىلاپ مەشئىلىگە ئوت ياقتى.مىللىي ئازاتلىق يولىدا يىپ-يەڭى بىر سەھىپە ئاچتى.ۋەتەنگە،مىللەتكە بولغان قەرزىنى شەرەپ بىلەن ئادا قىلدى
مەقسەتلىرى، دۈشمەن قولىغا ساق چۈشمەي شەھىت بولۇش ئىدى. ئامما تىرىك قولغا چۈشۈش ئۇلارنىڭ ئىرادىسى تەشىدا ئەمىلىلەشتى.ئولار شۇ ئاندا ،ھەر قانداق ئىنسان بالىسى بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئەغىر ۋە ۋەھشى تەن جازاسىغا تارتىلىۋاتىدۇ.ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى بولسۇن ئامىن! بارلىق ئازاتلىق ۋە ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن ئۇيغۇر خەلقى ئۇلار ئۈچۇن كىچە-كۈندۇز دۇئا -تىلاۋەت قىلماقتا
ئەزىز ۋەتىنىمىز،مۇبارەك دىنىمىز،ئۇلۇغ مىللىتىمىز ئۈچۈن قەتئى شەھىت بولۇش ئىرادىسى بولغان ۋەتەن ئەۋلاتلىرىلا جىھات يولىنى تاللىشى لازىم
يەتتىنجى: “كومىنىستىك پارتىيە” دەپ ئاتالغان جىنايەتچىلەر گۇروھىنى ئۆلۈم تەشۋىشىدە قالدۇرۇرۇش
[تەھرىرلەش]“ بىراۋ سىلەرگە قانچىلىك چەقىلغان بولسا،سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چەقىلىڭلار”(بەقەرە سۇرەسى 194.ئايەت) قەشقەر سەمەن يولى “8.4” ۋەقەسى شەرقى تۇركىستاندا ۋاڭ لو چۇان ۋە ئونىڭ جىنايەتچىلەر گۇروھى بولغان “چۇي داڭ ۋى” نى قاتتىق سەراسىمغا سالدى. ئولار كۆپ يىللاردىن بۇيان سۇنئى “مۇقىملىق”،سۇنئى “ئىناق جەمىيەت”تەشۋىقاتى بىلەن بەي جىڭنى ئالداپ كەلگەن بولسا، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلىقنى “ئۇچ خىل كۇچلەرگە زەربە بىرىش” باھانىسى بىلەن شىڭ شى سەي زامانىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇڭ قارا تەرور ياراتتى.ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەيتقاندا،ئۆز ۋەتىنىدە سىياسى جەھەتتىن بارلىق ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قەلىش،ئىختىسادى جەھەتتە مىللەت سۇپىتىدە تەرەققىيات نىمەتلىرىنىڭ سىرتىدا قلدۇرلۇپلا قالماستىن،ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قالاق يەزا ھاياتىدا قاتمۇ-قات چەمبەر ئىچىگە سۇلۇنۇپ قەلىش،دىنى ۋە مەدىنىيەت جەھەتتىكى تاقەت قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدىكى ئەغىر بەسىم،ئىجتىمائى جەھەتتە بىر نەچچە ئادەمنىڭ بىر يەردە توپلىشىپ كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىپ ئولتۇرالماسلىغى،يۇز مىڭلىغان ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئىشسىز-پۇلسىز قەلىشى،ئەڭ ئەغىر،ئەڭ پاسكىنا ئىشنى ئىستىگەنلەرگىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تەگمەسلىگى يىتەرلىك زۇلۇم ئىدى.ئامما ۋاڭ لو چگۇان بۇلارنى يىتەرلىك دەپ قارىمىدى . “ئۇچ خىل كۇچ”نى باھانا قىلغان قان خۇمار ۋاڭ پىر ۋاڭ لوچۇان،زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا تەلمۇرۇپ تۇرغان ياشلارنى تۇرمىلارغا تولدۇردى.خالىسا ئولتۇردى،خالىسا ئۇرۇپ-قىينىدى، قاچقانلارنى خۇددى تاغدىكى قەچىۋاتقان ئىگىسىز ياۋايى ھايۋانلارنى ئاتقاندەك ئەتىپ ئولتۇردى.سان-ساناقسىز ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ كۆز يەشى ئازاپلىق يۇرەكلىرىنى داغلىدى
ۋەتىنىمىزنىڭ يەر ئۇستى-يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تارىختا مىسلى كۇرىلمىگەن ئاچ كۆزلۇك بىلەن بولاڭ-تالاڭ قىلىۋاتماقتا،بۇ بولاڭ-تالاڭ ئۈچۈن يۇز مىڭلىغان خىتاي ئىشچىلارنى شەرقى تۇركىستانغا يوتكەپ كەلمەكتە.ئامما،ئۇيغۇر قىزلىرىغا بۇ زىمىندا ئىش يوق دەپ،ۋىجدان لوغىتىدا “نۇمۇس”دىگەن سوز تەپىلمايدىغان ئىبلىس ۋاڭ، يەزا-يەزىدىن ئۇيغۇر قىزلىرىنى توپلاتقۇزۇپ ئىچكى ئولكىلەرگە يۆتكەپ ئادام تىجارىتىنى باشلىدى.10 مىليون خىتاي پۇخراسىغا ئىش،ئاش-نان تەپىلغان شەرقى تۇرىستاندا نەچچە ئون مىڭ،نەچچە يۇز مىڭ ئۇيغۇر قىزىغا ئىش،ئاش-نان تەپىلمىدى،دىيىشكە بۇ مەلئونلارنىڭ قانداق يۈۇزى چىدىدى؟قىسقىسى،ۋاڭ لو چۇان ۋە ئونىڭ جىنايەتچىلەر گۇروھى،ئۇيغۇر خەلقىنى بىر قوتانغا سۇلانغان ئىگىسىز پادا دەپ بىلمەكتە ئىدى.كۆزىگە سىمىز كۆرىنگەن قوينى نۆۋەت بىلەن ئولتۇرەتتى.ھىچ بىرىنىڭ ئاۋازى چىقمايتتى.بۇ پادىدىن ھىچقاچان ،ھەتتا نەسلى تۇگۇگىچە نارازىلىق ساداسىنىڭ چىقىشىغا ئىشەنمەيتتى. بىراق،8.ئاينىڭ.4. كۇنى ئەزىزانە قەشقەرنىڭ سەمەن يولىدىن “توختا قاتىللار!بىز پادا ئەمەس،ئىنسان”دىگەن سادا ياڭرىدى.بۇ سادا ۋاڭ لو چۇان ۋە ئونىڭ قاتىللىق گۇروھىغا مەنسۇپ جىنايەتچىلەرنىڭ يۇرىگىنى مۇجۇپ ئوتۇپ،گۇلدۇرمامىدەك ھەيۋەت،چاقماقتەك تىزلىك بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى.ئۇيغۇر مىللىتىڭ ياڭراق ساداسىنى دوس ۋە دۈشمەنگە، پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزگەن ھىمالايا تەغىدەك گىگانىت قەھرىمانلىرىمىز ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىتكە بارلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى 100 يىل مەدىيە ئوقۇسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ
بارلىق دىكتاتورلۇق تۇزىمىدىكى دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىڭ بەشىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قورقۇنچاق بولىدۇ،ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئۆز خەلقىدىن قوغداش ئۈچۈن ئارمىيە،ساقچى،جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنى داۋاملىق سەپەرۋەر ھالەتتە تۇتۇدۇ.ئامما،ئولار ئۈچۈن ئۆلگەن ئادەمنىڭ ئەھمىيىتى يوق.قەشقەردە ئولگەن 16 ئەسكەرنى دەپنە مۇراسىمىغا ۋاڭ لو چۇان كىلىپمۇ قويمىدى.بۇنىڭ ھىساۋىنى سوراش بىزنىڭ ئەمەس،ئەلبەتتە خىتاي خەلقىنىڭ ۋەزىپىسى
گىزى كەلگەندە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇكى؛ ۋاڭ لو چۇان ، دولەتنىڭ سىياسى،ئىختىسادى،ھەربى،ساقچى،تەشكىلى،تەخنىلوگىيە…كۇچ ۋە ئىمكانلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ۋەتىنىدە تامامەن يوق قىلىش پاالىيىتىنى سۈرئەت بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا.2.دۇنيا ئۇرۇشىدا ياۋرۇپادا يەھۇدىلارنى مىللەت سۇپىتىدە قىرغىن قىلغان گىتلەر،90.يىللاردا يوگۇسلاۋىيەنىڭ تارقىلىشى جەريانىدا بوسنالىق مۇسۇلمانلارنى مىللەت سۇپىتىدە قىرغىن قىلغان مىلوسىۋىچ، كارادىچ..لەر خەلقارا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتىدا سوتلاندى.كەلگۈسى بىر كۈنى، بىرىنجى بۇلۇپ ئۇرۇش جىنايىيەتچىلىرى سوتىغا تاپشۇرىلىدىغان باش جىنايەتچى ۋاڭ لو چۇان بولىدۇ.پەقەتلا2008.يىلى 7،ئاينىڭ 8. كۈنى ئۇرۇمچىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆيگە بەسىپ كىرىپ ئەتىپ تاشلانغان 5 نەپەر بىگۇنا ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم پاكىتى ۋاڭ لو چۇاننى خەلقارا سوتقا ئەلىپ چىقىشقا يەتىدىغان بىر دەلىلدۇر.ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ۋاڭ لو چۇان ۋە ئونىڭ قاتىللار گۇروھى سادىر قىلغان بۇ خىلدىكى جىنايى پاكىتلارنى توپلاشقا جىددى شەكىلدە كىرىشىشىمىز لازىم.چۈنكى،ئىككى نەپەر قەھرىمانىمىز بۇ تارىخى ۋەزىپىنى بىزگە تاپشۇردى
سەككىزىنجى: ئاۋام خەلققە زىيان يەتكۈزمەسلىك
[تەھرىرلەش]ئالىجاناپ پەزىلەتكە ئىگە بۇ ئىككى نەپەر قەھرىمانىمىز ئىلىپ بارغان ئىستىراتىگىيىلىك جەڭدە گەرچە،16 خىتاي ئەسكىرى ئولۇپ،16 سى يارىلانگان بولسىمۇ،ئامما،بىر نەپەرمۇ ئاۋام پۇخراغا زىيان يەتكۈزمىدى. ئۇلار ،ئىنسانپەرلىكنى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ جىددى پەيتلىرىدىمۇ ئۇنۇتمىغان.بۇ نوقتا ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىق ھەركىتىدە كۈرەش سەپىدە تۇرۇۋاتقان ھەر بىر رەھبەر،مۇجاھىت،جەڭچى ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم پىرىنسىپ. خىتاي ھاكىمىيەت كۇچلىرى بىلەن بىگۇنا خىتاي خەلقىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قاراش ئىنتايىن نازۇك مەسىلە. گەرچە، ۋەتىنىمىزگە ئۈزلىكسىز كۆچۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى،بىزنىڭ ماددىۋى ۋە مەنىۋى مۈلۈكلىرىمىزنى تالان-تاراچ قىلىشتا ۋاستا سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، نەپرەت پەردىسى كۆزىمىزنى كور قىلىشقا سەۋەپ بولماسلىغى كەرەك.بىزنىڭ، خىتاي كومىنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بىزگە قىلغان زۇلىمىنى دۇنيا جاماەتچىلىگىنىڭلا ئەمەس،بىر مىليارت 300 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي خەلقىگەنمۇ چۈشۈنىشىنى،ھىسداشلىغىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىھتىياجىمىز بار.شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىغى،شەرقى تۈركىستاندا ياشاۋاتقان خىتاي مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ تەڭ-باراۋەلىك ئىچىدە بەخىت-ساادەتلىك ھاياتقا ئىرىشىشنىڭ بىردىن بىر كاپالىتى ئىكەنلىگىنى دۇنيادىكى بارلىق خىتاي مىللىتىنىڭ چۈشۈنىشىنى قولغا كەلتۇرۇشىمىز لازىم
خىتاي خەلقىنىڭ ئاتاغلىق يازغۇچىلىرىدىن بىرى،دىمۇگىراتىك زات لىن باو خۇا 2008.يىل.8.ئاينىڭ 6.كۇنى “شىنجىاڭلىق ئۇيغۇرلار قارشىلىق كورسۇتۇشكە مەجبۇرلاندى” سەلەۋھەلىك بىر پارچە ماقالە ئەلان قىلدى.لىن باو خۇا ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ يەقىنقى يىللاردىن بىرى “تەرورىزىمغا قارشى تۇرۇش” باھانىسى بىلەن ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قانداق ئاياق-ئاستى قىلىنغانلىغى ئىخئچام ۋە ئۇچۇق شەكىلدە پاش قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ “تەرورىست” ئەمەسلىگىنى “دولەت تەرورى” ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىغى جانلىق پاكىتلار بىلەن ئىپادىلەنگەن
مەن, لىن باو خۇا غا قىزىقىپ باشقا ئەسەرلىرىنىمۇ تەپىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.ئونىڭ “خىتاينىڭ 1949.يىدىن كىيىن شىن جاڭنى باشقۇرىشى” ئىسىملىك كىتاۋىنىڭ تۇنجى جۇملىسى مۇنداق باشلىنىدۇ ؛ “شىنجاڭ دىكى “شىن”(يەنىڭى-ت)(بۇ زىمىننىڭ)ئەزەلدىن خىتاينىڭ زىمىنى بولمىغانلىغىنى چۇشەندۇرىدۇ.شىن جاڭنىڭ تارىخى , خىتايلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىدىن ئىبارەت.شىن جاڭدىكى يەرلىك خەلق خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئىزچىل بوي ئەگمەي كەلدى.بۆلۈنۈش ھەركىتى توختاپ قالمىدى.“لىن باو ھۇا ئىنسانپەرۋەر بىر ئۇيغۇر دوستى ئىكەنلىگىنى يازغان ئەسەرلىرىدىن كورگىلى بولىدۇ..بىزنىڭ بىر لىن باو خۇا غا ئەمەس،يۇزلەرچە،مىڭلارچە لىن باو خۇا غا ئىھتىياجىمىز بار. بىز خىتاي خەلقىنىڭ قانچە كۆپ چۈشۈنىشىنى،ھىسداشلىغىنى قولغا كەلتۈرسەك ئۇيغۇرلار بىلەن ئەركىنلىك ئارىسىدىكى مۇساپە شۇنچە قىسقىرايدۇ.قان توكۇلۇش نىسپىتى شۇنچە ئازىلىدۇ
قۇرانى-كەرىمدە ئاللاھ تائالا بىزگەن مۇنداق تەلىمات بىرىدۇ “(كۇپپارلاردىن)سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن قوغلاپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك،ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن،ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ.شۆھبىسىزكى ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ” (مۇمتەھنە سۇرەسى 8.ئايەت)ئاللاھنىڭ دىگىنىنى قىلساق بۇ دۇنيادا ساۋاپ،ئۇ دۇنيادا جەننەتكە قازىنىمىز
قەھرىمان يىگىتلىرىمىز ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت گەرچە،دىنى ئالىم،ياكى سىياسى ئەرباپ ،ئىستىراتىگىيە مۇتىخەسسىسى بولمىسىمۇ، قايسى ھەركىتىمىزنىڭ مىللىتىمىزگە پايدىلىق،قايسىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىگىنى قىممەتلىك ھاياتىنى پىدا قىلىش ئارقىلىك بىزگە يول كورسەتتى.بىز ئولارنىڭ ئىزىدىن ماڭساق توغرا يولدا ماڭغان بۇلىمىز
توققىزىنجى: مۇقىملىق ساختا چۇمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلاش
[تەھرىرلەش]ھايات قايناۋاتقان قازانغا ئوخشايدۇ.دىموگىراتىك دۆلەتلەر ئاغزى ئۇچۇق،دىكتارتۇر دۆلەتلەر ئاغزى يەپىق قازانغا ئوخشايدۇ.ئاغزى ئوچۇق قازاندا قاينىغان سۇ بۇخارغا ئايلىنىپ ھاۋاغا سىڭىپ كىتىدۇ.ئاغزى يەپىق قازان قاينىغانسىرى بۇخار سىقىشىدۇ.بۇخار سىقىشىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە قازان پارتلايدۇ.
ۋەشقەر “8.4”ۋەقەسىمۇ تۇۋىغىنى مەھكەم بىكىتىۋەلىپ قايناتقان قازاننىڭ پارتلىشىنىڭ بىر كورۇنىشىدۇر
قەھرىمان يىگىتلىرىمىز ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ “مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى”،”ئىناق جەمىيەت”،”مۇقىملىق”… دىگەندەك ساھتا چۇمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلىدى.ۋاڭ لو چۇان بەي جىڭ ئالدىدا،بەي جىڭ دۇنيا ئالدىدا رەزىل بولدى.ئۇيغۇر خەلقىدە “كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۇم ئاشكارە” دەيدىغان تەمسىل بار.ۋاڭ لو چۇان بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى باستۇردى.بىر تەرەپتىن ھەقىقى ئەھۋالنى بەي جىڭدىن يۇشۇردى.ئامما،ئاقىۋەتنى يۇشۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. بۇ ۋەقەدىن كەيىن،شەرقى تۇركستاندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ قانچىلىك كەسكىن،قانچىلىك جىددى،قانچىلىك خەۋىپلىك نوقتىلارغا بەرىپ يەتكەنلىگىنى خىتاي خەلقىمۇ،دۇنيا جاماەتچىلىگىمۇ تونۇپ يەتتى.قانداق تونۇپ يەتتى؟ ئىككى مىللىي قەھرىمانىمىز ساختا ”بەخىت-سائادەت”،ساختا “ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى”ساختا”ئىناق جەمىيەت” چۇمپەردىسىنى يەرتىپ تاشلىغاندىن كەيىن
ئونىنجى: دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىش
[تەھرىرلەش]قەشقەر “8.4”ۋەقەسى قەشقەرنى لەرزىگە سەلىشتىن باشقا،ئۇرۇمچىدە ۋاڭ لو چۇاننىڭ يۇرۇگىنى قاتتىق بىر مۇجۇپ ،تەختىنى تەۋرىتىپ ئۆتۈپ ،بەي جىڭ دا خۇ جىڭ تاو نىڭ يۇزىگە شاپىلاقتەك ئۇرۇلدى.دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ھەۋەر ئاگىنىتلىقلىرى بۇ خەۋەرنى پۈتۈن دۇنياغا تارقاتتى.غەرىپ ۋە مۇسۇلمان دولەتلىرىدىكى تىلۋىزور،گىزىت،جورناللارلا ئەمەس،ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنىڭ دۇنيادا ياشايدىغانلىغىنى بىلمەيدىغان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرمۇ ئۇيغۇر دىگەن بىر مىللەتنىڭ بارلىغىنى ئۈگەندى. ۋەقەنى خەۋەر قىلىپلا ئارقىدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئولارنىڭ تارىخى،ئۆرپى-ئادەتلىرى،20.ئەسىردە 2 قەتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانلىغى… تونۇشتۇرۇلدى. گەرچە بىر مۇنچە خەۋەر ئاگىنىتلىغى خىتاينىڭ شىن خۇۋا خەۋەر ئاگىنىتلىغى بەرگەن خەبەرلەرنى ئاساس ئالغاچقا ۋەقەنى “تەرور ھۇجۇمى”دەپ يەزىشقان بولسىمۇ،بىراق، مۇستەقىل جورنالىست،يازغۇچىلار مەسىلىنىڭ” ئازاتلىق ھەركىتى”،” بەسىمغا قارشى جاۋاپ” ئىكەنلىگى ھەققىدە ھەم پىكىردە بولۇشتى.8.ئاينىڭ 4.كۇنىدىن بەي جىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ تەنتەنىلىك مۇراسىمى ئەچىلىدىغان 8.ئاينىڭ 8.كۇنىگىچە 4 كۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە كەڭ-كۇشادە خەۋەر ۋە مۇلاھىزە تارقاتتى.بۇ ئىككى نەپەر داھى قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ھەركەت پىلانىنى بەي جىڭ ئولىمپىك يەغىنى بۇلىدىغان ۋاقىتتىن 4 كۇن بۇرۇنغا ئورۇنلاشتۇرىشى ،دۇنيادىكى ئىستىراتىگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئۇچۇن پەۋقۇلاددە قىممەتلىك بىر تەتقىقات تىمىسىدۇر
بىز مىليارت دوللار پۇل چىقىم قىلىپمۇ دۇنيادا ئۇيغۇرلارنى بۇنداق كەڭ كۈلەملىك تونۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايتتۇق.مىللىي قەھرىمانلىرىمىز ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت،ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ئۆزلىرىنىڭ بىباھا ھاياتى بەدىلىگە پەۋقۇلئاددە زور تۆھپە قوشتى
ئونبىرىنجى: مىللەتنىڭ غۇرۇر ۋە شان-شەرىپىنى قوغداش
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇر مىللىتى ئۆز ۋەتىنىدە سىياسى ھوقۇقتىن،دىنى ئىتىقات ھوقۇقىدىن،ئىنسان ھوقۇقلىرىدىن،ئىختىسادى ھوقۇقتىن،سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىدىن…قىسقىسى ئىنسان توغۇلۇشتىن ئىگە بولغان-ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان بارلىق ھوقۇقتىن مەھرۇم ياشاشقا مەجبۇر قىلىندى.ۋەتىنىمىزدە ۋەتەنسىز،بايلىقلىرىمىز ئىچىدە يوقسۇل،ئۆيىمىزدە يەتىم ۋە بوينى قىسىق ياشاش 60 يىل ئىچىدە ئەلىپ بەرىلغان خىلمۇ-خىل سىياسى ھەركەتلەر بىلەن بىزگە قوبۇل ئەتتىرۈلدى.غۇرۇرىمىز،ئىززەت-نەپسىمىز،شان-شەرىپىمىز ئەغىر دەرىجىدە يارىلاندى. دۇنيادا سەۋىر-تاقەتكە ئۇيغۇرلاردىنمۇ چىداملىق باشقا بىر خەلىق بارمۇ-يوقمۇ تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك بىر تىما
ياۋروپا ۋە باشقا دەموكىراتىك غەرىپ دولەتلىرىنىڭ يەڭى سايلانغان پارلامەنت ئەزالىرى،دۆلەت باشلىقلىرى ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئەلىش مۇراسىملىرىدا قەسەمنىياتلىرىنى “شەرىپىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى…” دەپ باشلايدۇ. ئىنسان ئۇچۇن شان-شەرەپنىڭ قانچىلىك مۇقەددەس بىر ئۇقۇم بولغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم.خىتايلار ئالدىدا بىزنىڭ شان-شەرىپىمىز بارمۇ؟ مەسىلەن؛ۋاڭ لو چۇاننى مىسالغا ئالساق ھويلىسىدىكى بىر ئىتنىمۇ،”چۇي داڭ ۋىي”دا ئۆزىگە مۇاۋىن قىلىپ تاللىۋالغان بىر ئۇيغۇرنىمۇ ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدۇ.چۇنكى ھەر ئىككىسى ئونىڭغا سادىق.سادىق ھايۋانغا سويگۇ يەتەرلىك .ئامما ئادامگە سۆيگۈدىن باشقا ھۆرمەت قىلىش لازىم.ھۆرمەت-ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقلىق ھالدا ئىنسان بولۇپ يارىلىش شەرىپى ئۈچۈندۇر.ۋەتىنىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويغان بىر مىللەتنىڭ،ئىگىسىنى يوقۇتۇپ قويۇپ كوچىدا تىنەپ قالغان ئىتتىن پەرقى يوقتۇر
شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنغان بىر خەلق-كۈندۈز كۈنى،كىيىمسىز قىپ-يالاغاچ كوچىغا ھەيدەپ چىقىرىلىپ ،ئار-نۇمۇس ئىچىدە قالغان بىر چارىسىز ئادەمگە ئوخشايدۇ.خىتايلار بىزنى بۇ قەدەر چارىسىزلىق ئىچىدە قويۇپمۇ كوڭلى رازى بولمىدى.ئىپلاس ۋە ئىبلىس قولىنى ھىچ تەپ تارتماستىن ئاىلىمىزگە ئۇزۇتۇشقا باشلىدى؛بەزىلىرىمىزنىڭ قىزىنى،بەزىلىرىمىزنىڭ سىڭلىسىنى،بەزىلىرىمىزنىڭ ھەدىسىنى،بەزىلىرىمىزنىڭ سويگىنىنى… گۈزەل ۋەدىلەر بىلەن ئالداپ ياكى تەھدىت سەلىپ توپلاپ كوللىكتىپ ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ ئادەم تىجارىتىدە ئىشلەتتى.ئۇيغۇر مىللىتى، ئەڭ ئاخىرقى مىللىي ئورپە-ئادەت،مىللىي مەدىنىيەت، شان-شەرەپ،ئەخلاق ۋە ئار-نۇمۇس قورغانى بولغان ئاىلەلىرىنىمۇ خىتايلاردىن قوغداشقا چارىسىز قالدى.1931.يىلى قۇمۇلدا پارتلاپ،1933.يىلى قەشقەردە شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا سەۋەپ بولغان ئىسياننىڭ بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئىپپەت-نامۇسىنى قوغداش مەسىلىسىدىن باشلانغانلىغىنى،خىتايلار ئۇنۇتتى ياكى “قولۇڭدىن نىمە كىلەتتى?”دەپ قارىدى. بۇگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەرلىرى،خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ئىپپەت-نامۇسىنى قوغداپ قالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىغى ئۇچۇن، خوتۇن-قىزلىرىنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ پەتىنالمايدىغان قىيىن ئەھۋالدا قالدى
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 2003-يىلىدىن-2007-يىلى 11.ئايغا قادەر ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ كىتىلگەن ئادەم سانى 1،200،000 قىتىم غا يەتكەن.قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى،قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەلىپ كىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئەلىش ئۇچۇن،12-17 ياش ئارىسىدىكى كۆپلىگەن قىزلارنى ئەرگە بىرىۋەتكەن.بۇگۈن قەشقەر شەھەر يەزىلىرىدا كىزىدىغان بولسىغىز،13-14-15-16 ياشلىرىدىكى، بۇۋاق كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن نارىسىدە ئانىلارنى كۆرەلەيسىز.ياتلىق قىلىنغان قىزلار ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ھاشاسىدىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ
پىچاق سوڭەككە يەتكەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە ۋىجدان ۋە ئىمان ئىگىسى بولغان قەھرىمان ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرى ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت”توختا!شان-شەرەپ،ئار-نامۇسىمىزغا ئەل ئۇزاتما” دىگەن خىتاپنى ئۇرۇمچى ۋە بەي جىڭغا نەخ ۋە تۇسالغۇسىز يوللىدى.شان-شەرپتىن ،غۇرۇر-ئىپتىخاردىن مەھرۇم قىلىنغان ئىنسانلار پەقەتلا جىھات ئارقىلىق بۇ ئىنسانى خىسلەتلىرىنى تەكرار قايتۇرۇپ ئالالايدۇ.قەھرىمانلىرىمىز ھاياتلىرى بەدىلىگە،شان-شەرىپىمىزنى قايتۇرۇپ ئەلىشتا ۋە ئونى قوغداشتا بىزگە مۇقەددەس بىر ئۆلگە يارىتىپ بەردى.ئولار بەرگەن مەشئەلنى كۆتۈرۈپ مەڭىش،ئۇيغۇر ئانىلىرى تەرىپىدىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئوغۇل بالىلىرىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋەزىپىسىدۇر
شان-شەرپسىز ياشاشتىن ئۆلۈم ئەلادۇر
ئونىككىنجى: مۇرەسسەسىز كۇرەش
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئەڭ ئاخىرىدا خەلقارا جەمىيەتنىڭ كاپالىتى ئاستىدا خىتايلار بىلەن مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ھەل بولىدىغان مەسىلە.ئامما،بۇ مۇرەسسە ھەرگىزمۇ خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى بىلەن بولمايدۇ. يەقىنقى تارىخ بىزگە شۇنى ئىسپاتلىدىكى؛1949 يىلى غۇلجىدىكى شەرقى تۇركىستان دۆلەت رەھبەرلىرى خىتاي كومىنىستىك پارتىسى بىلەن مۇرەسسە قىلىش ئۇچۇن تەكلىپ بىلەن بەي جىڭغا ئۇچتى.4 نەپەر ئالى دۆلەت رەھبىرى بەي جىڭغا يەتىپ بارالماي ھاياتىدىن ئايرىلدى.سۈيقەست بىلەن ئۆلتۇرۇلدى.شەرقى تۇركىستاننىڭ ئازات قىلىنغان زىمىنلىرىنى،شەرقى تۇركىستان ئارمىسىنى ۋە دۆلەت تەشكىلاتىنى خىتاي كومىنىست پارتىيىسىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن سەيپىدىن ئەزىز،شەرقى تۇركىاستاننىڭ گومىنداڭ ئىشخالىيىتى ئاستىدىكى رايونلارنى تىنىچ يول بىلەن كومىنىست پارتىيىگە ئۆتكۇزۇپ بىرىشتە زور ھەسسىسى بولغان بۇرھان شەھىدى. بۇ ئىككى شەخىس ئىشخالىيەتچى كومىنىست ھاكىمىيەتكە بولغان ساداقەت ۋە غالچىلىقتا دۇنيا رەكورتىنى بوزۇپ تاشلىغان كىشىلەر بولىشىغا قارىماي ھاياتىنىڭ يەرىمى خىتاي تۇرمىلىرىدا، ياكى،ئۆيلىرىدە نەزەربەنت ئاستىدا ئوتتى
بۇگۇنكى خىتاي ھاكىمىيىتى،خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۇتۇنلىگىنى،ئەنىرگىيە ۋە خام ماددا مەسىلىسىنى ئۇزۇل-كىسىل كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئالدىدىكى بىردىن-بىر توسالغۇ ئۇيغۇرلار دەپ قارىماقتا. ئۇيغۇرلارنى يىلدىزىدىن يوق قىلىۋەتىش ئۈچۈن توغۇت كونتىرولى،ئۇيغۇر قىزلىرىنى كوللىكتىپ ھالدا ئىچكى ئولكىلەرگە يۆتكەش،ئۇيغۇرلارغا ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىتىش،ئىچكىردىن كۆچمەن يوتكەشنى تىزلىتىش …قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ قەبىھ ۋاستىلارنى شەپقەتسىزلىك بىلەن قوللىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا،يەنە، خىتاي كومىنىست ھاكىمىيىتى بىلەن مۇرەسسە قىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىۋاتقان،ئۇمىت بىلەن خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ چەتئەلدىكى ۋاكالەتخانىلىرىغا كوڭلىنى ئىزھار قىلىۋاتقانلار بار
مىللى قەھرىمانلىرىمىز ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت، ماو زە دوڭنىڭ نىڭ ئاخىرقى ھەيكىلىنىڭ ۋەھىمىسى ئاستىدا دۆلەت تەرورى يۇرگۇزۇلىۋاتقان قەدىمى قەشقەردىن خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى بىلەن قەتئى مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغانلىغى توغرىسىدا گۈلدۇرمامىدەك كۇچلۇك بىر سىگنال بەرمىدىمۇ؟ بۇ سادا گاس قۇلاقلارنىڭ،كور قەلپلەرنىڭ ئەچىلىشىغا يەتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ،مۇرەسسە قىلىشقا توغرا كەلسە،ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىنى ئەلىۋاتقان كومىنىست ھاكىمىيەت بىلەن ئەمەس،كەلەچەكتىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نامزاتى بولغان خىتاي دىموكىراتىيەچىلىرى بىلەن بولىشى لازىم.ئەڭ توغرا يول بۇ.خىتاي كومۇنىستلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلىش تاماسىدا بولغۇچىلارنىڭ،بۇ ئىككى نەپەر مۇرەسسەسىز مىللىي قەھرىمانىمىزنىڭ مۇبارەك روھلىرىنى يەنچىپ ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس
دالايلامانىڭ ۋەكىللىرىنىڭ خىتايلار بىلەن سۆھبەت ئەلىپ بارغانلىغى، ھەرگىزمۇ بىزنى خاتا ئۈمىتلەندۇرۇپ قويماسلىغى كەرەك. دالايلامامۇ قۇرۇق سوسكا ئىمىۋاتقانلىغىنى ياخشى بىلىدۇ.نىمىشكە بىلىپ تۇرۇپ ئىمىدۇ؟ خىتاي كومىنىستلىرىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىگىنى دۇنيا جامائەتچىلىگىگە ئاشكارىلاش ئۇچۇن.دالايلاما 1951.يىلى بەيجىڭدا ماو زەدوڭ بىلە 17 ماددىلىق كىلىشىم ئىمزالىغان.بىزنىڭ كىلىشىم ئىمزالاش ئۈچۈن بەيجىڭگە ماڭغان دۆلەت رەھبەرلىرىمىز ئايرۇپىلاندا سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.بىزنىڭ كومۇنىست خىتاي بىلەن ھەر قانداق بىر كىلىشمىمىز يوق.خىتاي كومۇنىست ئارمىيەسىنىڭ يۇرتىمىزغا كىرىشى تامامەن قانۇنسۇزدۇر
بايرىغى،ئارمىيەسى،دۆلەت تەشكىلاتى،دۆلەت چىگراسى بولغان بىر دۆلەتنى ئارمىيە كۇچىغا تايىنىپ ئىشخال قىلىۋەلىشنىڭ ھىچقانداق خەلقارالىق قانۇنى ئاساسى يوقتۇر.قانۇنسىز ھاكىمىيەت بىلەن دىئاولگ قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە ياكى شەخىسلەر،ئۇيغۇر مىللىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز خىيانەتچىلەر،دەپ بىلىنىشى لازىم.شەھىتلەرىنىڭ قىنىنى ئۆرلەشنىڭ شۇتىسى قىلىش نىيىتىدە بولۇش،يىرگىنىشلىك ئەخلاقسىزلىقتۇر
خىتاي كومىنىستىك ھاكىمىيىتى بىلەن مۇرەسسەسىز كۇرەش قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىككى نەپەر ئاللاھنىڭ مۇجاھىدى،بىزنىڭ مىللىي قەھرىمانىمزغا بولغان ساداقەت ۋە ئىھتىرامىمىزنى بىلدۇرۇشىمىز لازىم
ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بار. شەھىتلەر ئولمەيدۇ
ئابدۇراخمان ئازات،قۇربانجان ھىمىت،ۋەتىنىمىز ئاسارەتكە چۇشكەن بارلىق تارىخى دەۋىرلەردە ئورتتورىغا چىققان ئەڭ پارلاق،ئەڭ ئۇلۇغۋار قەھرىمانلار ئارىسىدا يەر ئالدى.مۇشۇنداق ئالەمشۇمۇل قەھرىمانلار بىلەن دەۋىرداش بولۇپ ياشىغانلىغىمىزدىن چەكسىز ئىپتىخارلىق ھىس قىلماقتىمىز
بۇ 21. ئەسىر، ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىنىڭ كۆكتىكى يۇلتۇزلاردەك سۈرئەت بىلەن كوپىيىدىغان ئەسىرى بولدۇ.ئازاتلىق-ئازاقتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنىڭ ھەققىدۇر.ھەر قانداق ئىزىلىگەن بىر مىللەت ئازاتلىقنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغاندىلا ئازاتلىققا ئىرىشەلەيدۇ
ياشىسۇن ئابدۇراخمان ئازاتنىڭ مۇبارەك روھى
ياشىسۇن قۇربانجان ھىمىتنىڭ مۇبارەك روھى
تارىخ:2008.يىلى 8.ئاينىڭ 7-8.كۈنىمەنبە
新疆喀什公安边防支队遭爆炸袭击16死16伤
新疆喀什袭击案缴获装置类似东突装备
林保华-新疆维吾尔族人被迫反抗 -
1949年后中国对新疆的统治