Jump to content

قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى

ئورنى Wikipedia
ھېيتگاھ مەسچىتى
ھۆججەت:Heyitgah.jpg
ھېيتگاھ مەسچىتى
تىپى مەسچىت
ئورنى قەشقەر شەھىرى،
قۇرۇلۇش باشلانغان ۋاقىت 1436-يىلى
پۈتكەن ۋاقتى 1442-يىلى
ئارخىتېكتور ساقسىز مىرزا

قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Qeshqer Héytgah Meschiti ) ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتۇر. قەشقەر ھېيتىگاھ مەسچىتى شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مەشھۇر كاتتا مەسچىتى .ئورنى قەشقەر شەھىرى ئازادلىق يولىدا . << ھېيتگاھ >> سۆزى ئەرەبچە << ھېيت >> دېگەن سۆز بىلەن پارىسچە << گاھ >> دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان بولۇپ ، << ھېيت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان جاي >> دېگەن مەنىدە . بۇ مەسچىت شىنجاڭدا مۇسۇلمانلار يىغىلىش - مۇراسىملارنى ئۆتكۈزىدىغان كاتتا مەسچىت ، دىنىي تەلىم - تەربىيە ۋە مەدەنىيەت مەركىزى . بۇ مەسچىتنىڭ قاچان سېلىنىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدا قولىمىزدا ئىشەنچىلىك ماتېرىيال يوق . ئىيتىشلارغا قارىغاندا ، بۇ مەسچىت ئابباسىيلار سانغۇنى قۇتەيبە ئەرەبىستاندىن دىن تارقاتقىلى كەلگەن ئىمامنىڭ مازىرىنى كۆچۈرۈپ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلغانىكەن

چۈشەنچە

[تەھرىرلەش]

1436-1449 - يىللىرى قەشقەر ھۆكۈمرانى سانسىز مىرزا ئۆلگەندىن كېيىن مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىكەن ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مازارنىڭ يېنىغا بىر مەسچىت سالدۇرغانىكەن ، شۇ مەسچىت مۇشۇ ھېيتىگاھ مەسچىتىنىڭ ئاساسى ئىكەن . 16 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەكەن خانلىقىنىڭ قەشقەرنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ئەمەلدارلىرى بۇ مەسچىتنى كېڭەيتىپ چوڭ جامەگە ئايلاندۇرغانىكەن . 1798-يىلى يېڭىسارلىق ئۇيغۇر قىزى مۇسۇلمان زۇلپيە خېنىم پاكىستانغا كېتىۋېتىپ سەپەر ئۈستىدە قەشقەردە قازا قىپتۇ ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن قالغان سەپەر خىراجىتىنى ئىشلىتىپ ، بۇ مەسچىتنى يەنە كېڭەيتىپ ، ھېيتگاھ دەپ نام بېرىپتۇ . كېيىن يەنە كۆپ قېتىم كېڭەيتىلىپتۇ . چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋگۇاڭ يىللىرىدا (1821-1850-يىللىرى ) قەشقەر شەھىرى كېڭەيتىلگەندە ، ھېيتگاھ مەسچىتى شەھەرنىڭ ئىچىگە ئېلىنىپ ، تولۇق رېمونت قىلىنىپ ، يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىلگەنىكەن . 1872-يىلى قوقانلىق تاجاۋۇزچى ياقۇپبەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەزكۇر مەسچىت تېخىمۇ زور كۆلەمدە كېڭەيتىلىپ ، مەسچىت ئۆيلىرى ، ئىسسىق بۆلمىلەر ، غۇسلىغانا ، پەشتاق ، سۈنئىي كۆللەرنى ياسىغاندىن باشقا ، مەسچىت دەرۋازىسى ، جاينامازلارنى ھازىرلاپ ، مەسچىتنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ھېيتگاھ مەسچىتى ھازىرقى دائىرىگە ئىگە بولغان . مەسچىتنىڭ بارلىق ئىگىلىگەن يېرى 25 مو ، بۇ ئاساسەن مەسچىت دەرۋازىسى ، خانىقا ، پەشتاق ، مەسچىت ئۆيلىرى ، سۈنئىي كۆل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . ئالدىنقى دەرۋازىسى شەرىققە قاراپ تۇرىدۇ ، دەرۋازا ئالدىدا مەسچىت نامىدىكى ھېيتگاھ مەيدانى بار . دەرۋازا مۇنارى ئەرەبچە بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ، دەرۋازا چوققىسىدا قۇببە بار ، ئۈستىگە كىچىك ئۇچلۇق مۇنار سېلىنغان . دەرۋازا ئىچىدە سەككىز بۇرجەك دەھلىز ، دەھلىزنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە مەسچىت قورۇسىغا ئېچىلغان مېھرابسىمان ئىككى ئىشىك بار . ئېگىزلىكى 18 مېتىرچە كېلىدىغان ، خىشتا قوپۇرۇلغان ئىككى تۈۋرۈكسىمان ئەزان ئېيتىش مۇنارى مەسچىتنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدە قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ ، مۇنار تۆۋەندىن - يۇقىرىغا ھەر قەۋەتتە ئاز - ئازدىن قۇرۇلۇپ ، ھەر خىل نەقىش ۋە شەكىللەرنى چىقىرىپ قوپۇرۇلغان . مۇنار بىلەن دەرۋازا راۋىقى قىسقا تام بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان . تام ۋە دەرۋازا راۋىقى ھەممىسى سۇس سېرىق رەڭدە سىرلانغان ، خىشلارنىڭ ئارلىقلىرى ۋە تامغا چىقىرىلغان ئويۇقلار ھاك بىلەن ئەنكاپلانغان ، سىزىقلىرى ئېنىق ۋە راۋان بولۇپ ، كىشىگە كۈچلۈك سىتېرېئولۇق تۇيغۇ بېرىدۇ . خانىقا ( نامازخانا ) مەسچىت قورۇسىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ ، ياغاچ ۋە خىش بىلەن قۇرۇلغان . ئۆگزىسى تۈز ، ئۇزۇنلىقى 160 مېتىر ، ئىشىكتىن غول تامغىچە 16 مېتىر . ئىچكى - تاشقى نامازخانا ۋە دەھلىزدىن تەشكىل تاپقان ، ھەممىسىگە تۆۋرۈك قويۇلغان بولۇپ ، ئۇيۇلغان نەقىش 158 تال . ياغاچ تۈۋرۈك ئاق تورۇسنى تىرەپ تۇرىدۇ ، تورۇسقا ھەر خىل گۈل ۋە گېئومېتىرىيلىك شەكىللەر سىزىلغان . مەسچىت قورۇسى كۆركەم ، ئازادە ، دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان بولۇپ ، كىشىگە راھەت بەخىش ئېتىدۇ . پۈتۈن مەسچىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى مۇۋاپىق ، بىناكارلىق سەنئىتى نەپىس ، بېزىلىشى ئاددىي - ساددا بولۇپ ، كۆركەم كۆرىنىدۇ ، ئۇسلۇبى ئالاھدە . مەسچىت قورۇسى ۋە ھېيتگاھ مەيداننى قوشقاندا نەچچە ئون مىڭ كىشى بىمالال ناماز ئوقىيالايدۇ ، يېقىنقى زامانلاردىن تارتىپ ھېيتگاھ مەسچىتى قەشقەر شەھرىدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەت مەركىزى بولۇپ كەلدى . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن مەدىنيەت ئىنقلابى ۋاقتىدا باشقا مەسچىتلەرنى چاققاندا بۇ مەسچىتمۇ بىر ئاز دەخلىگە ئۈچىرىغان

2017 ~ يىللىرىدىن باشلاپ ساياھەت مۇزېيخانىغا ئايلاندۇرۋىتىلدى


ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ AAA ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ < ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻧﻮﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ > ﺗﯘﺭ . ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﻮﻝ ﮬﯚﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺯﯨﺒﯘ - ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﺯﯨﻴﻰ ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭ ﻣﯘﺯﯨﻴﻰ ، ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1442 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﺳﯩﻠﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .

ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 746 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1442 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ 565 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻦ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ . ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ، ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ، ﻛﯚﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ . ﺑﯘ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﯩﯔ 4 - ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ - ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﭘﯘﺭﯗﻗﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﯗﺭ . ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﻣﯘ ﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻼﺭ ﺗﻮﭘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﯨﻘﻘﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ (ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ) 120 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ (ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﯨﻘﻘﻪ) 120 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﻳﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ 16000 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ (25.22 ﻣﻮﻏﺎ ﺗﻪﯓ) . ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺧﺎﻧﯩﻘﺎ ، ﻛﺎﻳﯩﯟﺍﻥ ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ، ﮬﻮﻳﻼ ، ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ، ﻣﯘﻧﺎﺭ ، ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ .

ﺧﺎﻧﯩﻘﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ 36.5 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 10.5 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ 456 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﺎﻳﯩﯟﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻳﯩﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ 2600 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ 4200 ﻛﯩﺸﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﺳﯩﯖﯩﺸﻜﻪﻥ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻮﺭﯗﺳﻨﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﯚﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺟﻪﻛﻪ (ﻟﯩﻢ) ﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ 100 ﺋﺎﺭﺍﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺟﯩﭙﺴﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﯚﺕ ﺑﯘﻟﯘﯕﻠﯘﻕ ﮔﯧﺌﻮﻣﯧﺘﯩﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺷﺎﮬﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ . ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﻮﺭﯗﺳﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻦ 140 ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻠﻪﺭ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﺶ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﮔﻪ ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﯜﺭ ﺑﯩﺮﯨﭗ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﺘﺎ ﺩﻩﺑﺪﻩﺑﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﺭﺍﻏﺎ ﺭﻩﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﯜﻝ - ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ .

ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 18 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ 28 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 12 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 4.7 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 4.3 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺯﺍﻟﻰ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻳﯜﺯﻯ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ، ﺋﯜﺳﺘﻰ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﺗﻮﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺳﺎﻻﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺭ ﯞﻩ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﻠﻪﺭ ، ﺗﺎﻣﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﯧﮭﺮﺍﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺗﺎﻛﭽﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﺟﯩﻠﯟﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﯘﺭﯨﻘﯩﻨﻰ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﮬﻮﺯﯗﺭ ﺑﯩﻐﯩﺸﻼﻳﺪﯗ .

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺩﻩ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻪﺵ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ . ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ 9000 - 8000 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ . ﺭﻭﺯﺍ ﮬﯧﻴﺖ ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺟﺎﻣﻪ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ 50 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ . ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﯧﻴﺖ - ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼﺭ ( ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﮬﯧﻴﺖ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ ) ﺩﺍ ﮬﯩﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﻧﺎﻏﺮﺍ - ﺳﯘﻧﺎﻱ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﭘﻪﻟﻪﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺑﯘ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﺪﯨﻦ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ .

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ - ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 960 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﻘﻘﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ 1 - ﺑﺎﺯﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ - ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 5 - 6 ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﯞﻩ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﻏﺮﺍﺕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﺳﻪﻳﯩﺪ . ﺋﻪﻟﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ (1435-1458 ﻳﯩﻞ) ؛ < ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻩﺷﯩﺪ > ﺩﻩ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ : " ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﺧﻪﻳﺮﻯ - ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﻣﯩﺮ ( ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻝ ) ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ " ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ . ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻤﯘ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .

1442 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺳﻪﻳﯩﺪ . ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﺎﻗﺴﯩﺰ . ﻣﯩﺮﺯﺍ ( ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﺴﯩﺰ . ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺑﺎﺑﻪﻛﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ) ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺧﺎﻧﯩﻘﺎ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﻟﯩﺪﯗﺭ .

1538 - ﻳﯩﻠﻰ ( ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 944 - ﻳﯩﻠﻰ ) ﻳﻪﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻤﻰ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﺎﺩﻯ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﯧﺰﯨﺰ ﯞﻩﻟﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺩﻩﭘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﺎﺩﻯ ﺑﻪﮔﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﻐﯩﺸﻼﺵ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ - ﺩﻩ ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 944 - ﻳﯩﻠﻰ ( ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 944 - ﻳﯩﻠﻰ ) ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ < ﺑﻪﺵ ﯞﺍﺥ ﻧﺎﻣﺎﺯ > ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﯟﻯ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ < ﺟﺎﻣﻪ > ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ . < ﭼﻮﯓ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ > ﺩﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﺑﯘ ﮬﺎﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﺎﺩﻯ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﺰﻯ ﻳﻪﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 7 - ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﯩﺸﻰ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﺗﺎﻏﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯗﺭ ؛ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﻯ " ﻣﯚﮬﺘﯩﺮﻩﻡ " ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻙ ﺑﺎﻱ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻪﻛﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ " ﺧﺎﻧﯩﻢ ﭘﺎﺷﺎ " ﺩﯗﺭ .

1787 - ﻳﯩﻠﻰ ( ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1201 - ﻳﯩﻠﻰ ) ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﺌﯧﺮﯨﻖ ﻳﯩﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ " ﺯﯗﻟﭙﯩﻴﻪ ﺧﯧﻨﯩﻢ " ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ( 200 ﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﭼﺎﻛﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ) ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﻮﻝ ﺭﺍﺳﺨﻮﺗﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﮬﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﭼﻪﺕ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺟﺮﺍ ، ﺋﯘﺭﯗﺵ - ﺟﯩﺪﻩﻟﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺯﯗﻟﭙﯩﻴﻪ ﺧﯩﻨﯩﻢ ﺋﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﺩﯨﺮﺍﮬﯩﻠﻪ ( ﻳﻮﻝ ﺭﺍﺳﺨﻮﺗﻰ ) ﺳﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺧﺘﻪﻛﻠﻰ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻼ 3000 ﻣﻮ ﻳﻪﺭ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﯩﯔ ﯞﻩﺧﭙﻪ ﻳﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﮔﻪ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏﺎ ﮬﻪﻡ ﺭﺍﺳﺨﻮﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺧﯩﻠﻰ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﺗﺎﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .

1798 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﺍﻣﯩﻠﻪﮔﯜﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﯩﯔ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﭗ ﻧﺎﻣﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ - ﻳﯩﻘﯩﻨﻐﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﯜﺭﺩﻩ < ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ .

1809 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﯧﮕﻰ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﻪﮒ ﺯﻭﮬﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ( ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺯﻭﺭﺩﯗﻥ ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﯨﻨﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭې ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﻮﯓ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﻝ ﻛﻮﻻﭖ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ " ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ .

1870 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻪﺩﻩﯞﻟﻪﺕ ( ﻳﺎﻗﯘﭘﺒﻪﮒ ) ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪ ، ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ ، ﺷﻪﺭﻕ ، ﺟﻪﻧﯘﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 72 ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮬﯘﺟﺮﺍ ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ 100 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﯘﻳﯘﻧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ( ﻣﯘﻧﭽﺎ ) ، ﻣﯘﻧﺎﺭ ، ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ، ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻱ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﯩﻼﭖ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻮﭘﺘﻮﻏﺮﺍ 3 ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ، 1872 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻳﻮﻕ .

1902 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ، ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ 10 ﺑﺎﻝ ﺗﻪﯞﺭﻩﭖ ، ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻣﯧﻨﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ، 10 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﯚﺭﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ . ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺭﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ . 1904 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺑﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺮﯨﻢ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﯩﻼﺭ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻳﯩﻐﻘﺎﻥ . ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﻟﯩﻴﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ، ﻣﯘﻧﺎﺭﻧﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ .

ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺋﯜﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . 1955 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻣﻮﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . 11 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ 3 - ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ، ﺩﯨﻨﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1980 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺪﻧﯩﯔ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﻮﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ - ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ، ﺋﻪﺩﯨﭗ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﮬﯩﺮﻗﯩﺘﻰ (1634-1724 - ﻳﯩﻠﻰ) ﯞﻩ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﻧﯩﺰﺍﺭﻯ (1770-1848-ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ .

ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ، ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺩﯨﻨﻰ ﺯﺍﺗﻼﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯩﯖﻪﺵ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺴﻪﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ ؛ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﻤﺎﻗﺘﺎ .

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ 1962 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ . 2001 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ

ياشلار مۇنبىرى

[تەھرىرلەش]

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺟﺎﻣﻪ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﺳﻮﺩﺍ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯗﺭ، ﺋﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ، ﭘﻪﺷﺘﯩﻘﻰ، ﺋﺎﻕ ﮔﯜﻣﺒﯩﺰﻯ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﻛﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﻣﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﯧﻴﺘﺘﺎ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻱ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺑﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻧﺎﻏﺮﺍ ﺳﯘﻧﺎﻳﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻧﻨﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ ﺳﯘﻧﺎﻳﭽﻰ، ﺭﻭﺯﻯ ﺋﺎﻛﺎ (ﺑﺎﺷﻰ) ﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﯧﻴﺖ ﺋﯩﺸﺘﺮﺍﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻨﻤﯘ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﯧﻴﺘﺘﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ. ﮔﯩﺰﻯ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺴﻪﻙ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ؛ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ، ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭ، ﺭﻭﺯﻯ ﮬﯧﻴﺖ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﯞﻩ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﮬﯧﻴﺖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻣﯘﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯗﺭ. ﺳﺎﻣﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﯘﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﯩﺸﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﻧﺴﺎ، ﺳﺎﻣﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻦ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯩﺮﻻ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻣﺎ ﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﮬﺎﯓ ﻳﯚﺗﻜﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯦﺘﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺳﺎﻣﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻧﺎﻏﺮﺍ- ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ، ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﮬﯧﻴﺖ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻤﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﯧﻴﺖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﮬﯧﻴﺖ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭼﻪﺕ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1442- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﻪﮒ- ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﯧﮕﻰ ﺋﯘﺑﯘﻝ ﮬﺎﺩﻯ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﯞﻩﻟﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 944- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1558- ﻳﯩﻠﻰ) ﺋﯘﺑﯘﻝ ﮬﺎﺩﻯ ﺑﻪﮒ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﯞﺍﺥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1787- ﻳﯩﻠﻰ (ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1201- ﻳﯩﻠﻰ) ﻳﯩﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﺌﯧﺮﯨﻖ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺯﯗﻟﭙﯩﻴﻪ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ.

XIX ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﯞﺍﯓ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1224- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1809- ﻳﯩﻠﻰ) ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﻨﺎﭖ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻟﯟﺍﯓ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﯞﺍﯓ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻝ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺋﯧﺮﯨﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺳﯘ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﮭﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1235- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1820- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭﯗﺱ- ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻧﯩﺪﯨﺮ ﺧﻮﺟﺎ ﺋﻪﺑﺮﯨﺸﯩﻤﻜﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1255- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1839- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﯧﮕﻰ ﺯﻭﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﮒ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺳﻮﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﺎﻣﻪﻧﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.

XIX ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﺍ شەرقىي تۇركىستانغا ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ (ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺑﻪﮒ) ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ، ﻣﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺷﯘ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1290- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1872- ﻳﯩﻠﻰ) ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﭘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ، ﺷﻪﺭﻕ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 24 ﻗﺎﺗﺎﺭ 72 ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﮬﯘﺟﺮﺍ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ 100 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯩﻐﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﭽﺎ، ﻣﯘﻧﺎﺭ، ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ، ﭘﻪﺷﺘﺎﻕ، ﺩﻩﯞﺍﺯﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.

ﮭﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1320- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1903- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ① ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﺴﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺯﻩﺧﯩﻢ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ، ﻣﯘﻧﺎﺭ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1322- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1905- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺑﺎﻱ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﺎﻳﯟﻩﭼﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

ﮭﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1352- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1934-يىلى شەرقىي تۇركىستان ئسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺧﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭ ﺗﯘﻟﯘﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ، ﻛﯚﻟﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭼﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺭﯨﺸﺎﺗﻜﯩﻼﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﮭﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1354- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1936- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﮬﺌﯩﺴﻼﻣﻰ ﻣﻪﺩﺭﺳﯩﮭ- ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﮬﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻥ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯩﺮﯨﭗ- ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ .ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1355- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1937- ﻳﯩﻠﻰ) ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻜﻰ 24 ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﮬﯘﺟﺮﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﭽﺎ ﭼﯧﻘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ- ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﯘﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ۋەتەن ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻜﯩﺴﻜﯘﺭﯨﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.

مەنبەسى : ياشلار مۇنبىرى

تەسىرى

[تەھرىرلەش]

يېڭىلىقلار

[تەھرىرلەش]

مەنبە

[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار

[تەھرىرلەش]

ئېگىز بىنالار ۋە شەھەر ئولتۇراق كېڭىشى

دۇنيادىكىئاسمانپەلەكلەر
قىتئە ئاسمانپەلەكلەر
ئاسىيا: دۇبەي خور مۇنارى | جىددە مۇنارى | خەلىپە مۇنارى | پەتروناس قوشكېزەك مۇنارلىرى | شاڭخەي مەركىزى | پىڭئەن سودا مەركىزى | گۇاڭجۇ جۇدافۇ سودا مەركىزى | جۇڭتيەن مەيدانى
شىمالىي ئامېرىكا: دۇنيا سودا مەركىزى 1 | ۋىللىس مۇنارى
ياۋروپا: ئوكو مۇنارى | لاختا مەركىزى

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]