قەمبەرنىسا (تور پوۋېستى)

ئورنى Wikipedia

قەمبەرنىسا

پوۋېسىت

ئاپتورى: ئابلەت ئابلىكىم چىراغ

نۇر تورى ئەسىرى

*****************************************

قۇلاق تۈۋىمدە بىر ناخشا، ناخشا ئەمەس بەلكى بىر ناتىۋان يۈرەكنىڭ نالە پىغانى، ياكى زامان زۇلۇمىنىڭ خورلۇقىغا چىدىماي ئىسيان كۆتۈرگەن قەلىبنىڭ چۇقانى.... ئاۋغۇسىت ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى قەمبەرنىسا ناملىق بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ قالدىم. ناخشىنى مەن ئاڭلاۋاتامدىم ياكى ناخشا مېنىڭ يۈرۈكۈمنى تىڭشاۋاتامدۇ بىلمەيلا قالدىم. ناخشىنى قايتۇرۇپ نەچچە رەت ئاڭلاپ چىقتىم. دەرھەقىقەت مەن ناخشىنى ئاڭلاپتىمەن، ناخشا مېنىڭ يۈرۈكۈمنى ئەسىر قىپتۇ. شۇ چاغدىن باشلاپ قەلبىمنىڭ تىنىچلىقى بۇزۇلدى. بەڭباش خىياللىرىم يۈرۈكۈمنى غىدىقلاپ ماڭا ئاراملىق بەرمىدى. قۇلاق تۈۋىمىدىن بىر ناتىۋان ئانىنىڭ قىزلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىكى ھەسرىتى، زامان زۇلۇمى ئۈستىدىن قىلغان شىكايەتلىرى پەقەتلا كەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن خىياللىرىمنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئىھاملىرىمنى مەزكۇر ئەسەرنىڭ قۇرلىرىغا تۆكتۈم. سەۋىيەم چەكلىك، قەلەم قۇۋىتىم ئاجىز بولغاچقا، بەلكىم ئەسەرنى كۆڭۈلدىكىدەك يېزىپ چىقالمىغاندىمەن، ئەمما مەن قۇربىمنىڭ يېتىشىچە ئەسەر ۋەقەلىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۈرەتلەپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. ئوقۇرمەن دوسىتلارنىڭ ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا مەن ئەسەرنى يېزىۋاتقاندىكى روھى خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

1[تەھرىرلەش]

ماي ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى، كۆپكۆك ئاسمان شېشىدەك سۈزۈك ئىدى. مۇئەللەقتە ئېسىلىپ تۇرغان قۇياش گويا غايەت زور ئوت شارغا ئوخشاش زېمىنغا ئوت پۈركۈيتى. ئىسسىق دەستىدىن قاغجىراپ كەتكەن زېمىن گويا چاڭقاپ ھالىدىن كەتكەن سەيياھتەك سوزۇلۇپ ياتاتتى. يۈزىنى بىر قەۋەت قويۇق چاڭ توزان باسقان تېرەك، سۆگەت، ئۆرۈك، ئالما، ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ سولۇشۇپ قالغان يوپۇرماقلىرى گويا سۇنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالغان بېلىجانلاردەك سۇس پىلدىرلاپ تۇرۇشاتتى. رەسىدە بولغان قىزغا ئوخشاش ئەمدىلەتتىن رەڭ تۈزۈپ كۆپكۆك غورىلىرى سۈزۈلۈشكە باشلىغان ئۆرۈك دەرەخلىرى ئارىسىدىن زەينەپنىڭ ئاشىقى كاككۇكنى چاقىرغان نالە پىغانى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئەتراپنى بىر ئالغان جىگدە چېچىكىنىڭ خۇش ھىدى چاڭقاپ كەتكەن بۇ زېمىننى سىھىرلەپ قويغاندەك كۆڭۈللەرنى مەسىتخۇش قىلىدىغان گۈزەل بىر تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. ئېتىز قىرلاردىنمۇ، ئېغىل قوتانلاردىنمۇ، لاۋا لەش پۇراپ تۇرىدىغان زەيكەش پاتقاقلاردىنمۇ جىگدە چېچىكىنىڭ خۇش ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇراتتى. تەبىئەتنىڭ ئەركىسى بولغان كەپسىز شامالمۇ جىگدە چېچىكىنىڭ خۇش ھىدىنى يىراق يىراقلارغا ئۇچۇرۇپ كېتەتتى. كۈمۈش رەڭلىك يوپۇرماقلار ئارىسىدا غۇچچىدە ئېچىلىپ تۇرغان ساپسېرىق جىگدە چېچەكلىرى گويا كۆكتىكى سان ساناقسىز يۇلتۇزلاردەك جىمىرلاپ جىلۋە قىلىشاتتى. جىگدە چېچىكىنىڭ خۇش ھىدىدىن مەسىت بولغان نەغمىچى قۇشلار تۈمەن مىڭ خىل نازۇ كەرەشمە بىلەن شوخ ئاۋازدا تىنماي سايراپ جۆرە ئىزلەپ، ئۇۋا ياساش بىلەن ئاۋارە ئىدى.....

ئېتىزلىق ئوتتۇرسىدىكى چىغىر يولدىن بىر باغلام ئوتنى يۈدۈپ تۇمشۇقى يەرگە تەگكۈدەك بولۇپ كېلىۋاتقان زىۋىدىخاننىڭ يالاڭئاياق پۇتلىرى يولنىڭ يۇمشاق توپىسىغا ھوشۇقلىرىغىچە پېتىپ كېتىۋاتاتتى. قوللىرى ئۆشنىسىدىكى ئوتنى تاڭغان ئۆچكە چۇپۇرىدىن توقۇلغان قىل ئارغامچىغا مەھكەم كىرىشكەن، ئۇچىسىدىكى زىغىر رەڭلىك چىت كۆڭلىكىنىڭ ئىتەكلىرى پۇرلىشىپ ئۈستىگە يىغىلىپ قالغان بولۇپ، پۇتلىرىنى ئاران ئاران يۆتكەپ كېتىۋاتاتتى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سېرىقتال بولۇشقا باشلىغان بۇغداي باشاقلىرى ئايالنىڭ قەدەملىرىگە تەڭكەش قىلىۋاتقاندەك ئۇيان بۇيانغا تەۋرىنىپ باشلىرىنى لىڭشىتىپ تۇراتتى. ئايال قەدەمدە بىر ئۆشنىسىدىن چۈشۈپ قالايلا دېگەن ئوت چۆپنى ئۈستىگە ئېتىپ ئۆيىگە تېزرەك يېتىپ بېرىۋىلىش ئۈچۈن كۈچسىز قەدەملىرىنى تېزلىتەتتى. يولنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرىگە ئۇۋا سېلىۋالغان چۆمۈلىلەرنىڭ قىشلىق ئوزۇقنىڭ غىمى ئۈچۈن قۇرت قوڭغۇزلارنى ئۇۋىلىرىغا تارتقۇشلاپ سۆرەشلىرى ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇراتتى.

قىسماقتەك ئېگىلگەن بەللىرى، تىتىرەپ تۇرغان تىزلىرى يەرگە تېگىشكە ئاز قالغاندا زىۋىدىخان ئاخىرى ئۆزىنىڭ غۇربەتچىلىك، يوقسۇزلۇق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان غېرىبانە كۆلبىسىگە يېتىپ كەلدى. دەرۋازا ئورنىدىكى يۇلغۇن چىۋىقلىرىدىن توقۇلغان ئەگۈنمۇ گويا ئىگىسىىگە ئوخشاشلا ئەبگالىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك بىر تەرەپكە قىيسىيىپ قالغان ئىدى. زىۋىدىخان خامانلىق يەردەك يۇمشاق توپىلىق قاقاس ھويلىسىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇل ئېغىلىغا قاراپ ماڭدى. ئېغىلنىڭمۇ بىر قانچە يېرىگە تىرەك قويۇلغىنىغا باقماي بىر تەرەپكە قىيسىيىپ، ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك خەتەرلىك بولۇپ قالغان ئىدى. ئېغىلدىكى چىلە پاتقاققا چىلىشىپ ياتقان قارا ئالا كالا ئىگىسىنىڭ شەپىسىنى ئېلىپلا ئورنىدىن يىرىك تىلى بىلەن بۇرنىنى يالاپ چىتەن تۈۋىگە كەلدى. كالىنىڭ ئۆزىدىن يوغان مۈڭگۈزلىرى ئېگىلگەنلىكتىن بىر-بىرسىگە تېگىشىپ قالايلا دەپ قالغان ئىدى. بېقىنلىرى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن قوۋۇرغىلىرى سانىۋالغۇدەك مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كالا ئورۇق ھەم ناھايىتى قېرى ئىدى.

نەپىسى تاقىلداپ كەتكەن كالا ئىگىسىنىڭ ئوتنى تاشلاپ بېرىشىگە تاقەت قىلالماي بېشىنى سوزۇپ، زىۋىدىخاننىڭ ئۆشنىسىدىكى ئوتنى چىشلەپ تارتتى. ئايال ئۆزىنى كونترول قىلالماي ئوت چۆپ بىلەن قوشۇلۇپ كالىنىڭ ئوقۇرىغا موللاق ئاتقىلى تاسلا قالدى.

ــ ئووووووش، ئوووش دەيمەن، ھەي نەپسى يامان ئاژناپ بېشنى يەيدىغان ئوۋا تەككۈر ــ ئۇ شۇنداق دەپ كالىنى تىللىغاچ ئوتنى ئوقۇرغا تاشلىدى. ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ياندىكى ئېغىلدىكى قارا موزاي پاتراقلاپ تۇياقلىرىدىن پاتقاق چاچرىتىپ مۆرەپ ئېغىلنى بېشىغا كەيدى. قېرى كالا گويا ئالدېدىكى ئوتنى ئىگىسىنىڭ تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئوقۇرغا بېشىنى تىقىپ ئاچكۆزلۈك بىلەن يالماپ يېيىشكە باشلىدى. زىۋىدىخان موزايغىمۇ بىر قولتۇق ئوت چۆپ تاشلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېغىل ئەتراپىدىكى ئەخلەت چاۋارلارنى سۈپۈرۈپ كالىنىڭ ئاياغلىرىنى قۇرۇقدىدى. «بۈگۈن يىلىنى يامان ئەمەس ئېسىلىپتۇ، بىرە قاچا سۈت ئارتۇق چىققۇدەك، ئوتنىمۇ ئالدىغا ئاشقۇدەك تاشلاپ بەردىم، ھېلىمۇ مۇشۇ كالا بولۇپ قاپتىكەن بولمىسا بۇ كۈنلىرىمىزنى قانداقمۇ ئۆتكۈزەر بولغىيتتۇق» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى زىۋىدىخان. ئۇنىڭ ھەسرەت نادامەتنىڭ يالدامىسى ۋاقىتسىز ئىز سالغان سولغۇن چېھرىدە ئىلاجسىزلىقنىڭ موھتاجلىقنىڭ بەرگىلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئېقى سارغىيىپ كەتكەن قوي كۆزلىرىدىن مۇڭ ۋە ھەسرەت ئەگىيتتى.

ــ زىۋىدىخان ھوي زىۋىدىخان ...... ــ ھويلا تەرەپتىن بىرسىنىڭ ئۆزىنى چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كالىنىڭ ئوت يېيىشىىگە قاراپ خىيالغا كەتكەن زىۋىدىخان بىردىنلا ئېسىنى يىغدى. يۈرۈكى نېمىدىندۇر ئەنسىرىگەندەك دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. ئۇ قەدەملىرىنى ئىتتىكلىتىپ ھويلىغا چىقتى. ھويلىدا سېمىز قورسىقىنى پومپايتىپ قولىنى كەينىگە تۇتۇپ، يورغىلاپ يۈرگەن سالى قاۋاننى كۆرۈپ تېنى قورۇلغاندەك غۇژژىدە بولۇپ يۈرۈكى سىقىلدى.

ــ ھارمىغايلا سالىخان ــ دېدى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام قىلىپ، ئۇنىڭ چىرايى ئىپادىسى ھەرىكەتلىرىدىن تەڭقىسلىق، خىجىللىق، ئىلاجسىزلىق چىقىپ تۇراتتى. كۈلۈمسىرەشلىرىمۇ پەقەتلا قاملاشماي يۈز تېرىلىرى تارتىشىپ كەتتى.

ــ ھىم ــ دېدى سالى قاۋان قولىنى سىلكىپ دىمىقىنى قېقىپ. ئۇ ئايالنىڭ سالىمىنى ئېتىبارغا ئالمىغان ئىدى، ــ بۈگۈن ئالىدىغاننى ئالسام ھاردۇقۇم چىقىدۇ، سىلىنىڭ ئۆيلىرىگە تولا قاتراپمۇ نەچچە ئايىغىمنىڭ چەمىسى يولدا قالدى ــ دېدى ئۇ قوپاللىق بىلەن. زىۋىدىخان دەماللىققا نېمە دەپ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى.

ــ پاقا تەشكەن سويمىدەك كۆزۈمنىڭ تېگىگە قاراپ بېزىرىپ تۇرماي پۇلنى چىقارسىلا ــ دېدى سالى قاۋان چىرايىنى بىر يىرىنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغاندەك سەت پۈرۈشتۈرۈپ. زىۋىدىخان بىردىنلا ئېسىنى تاپقاندەك بولۇپ پايپاسلاپ ئۆي ئىچىگە يۈگۈردى. ئۆي ئىچى گۆردەك قاراڭغۇ ئىدى. سىرتتىن كىرگەن ئادەمنىڭ كۆزى دەماللىققا ئۆي ئىچىدىكى مۇھىتقا ماسلىشالمايتتى. ئاياقتەك چوڭلۇقتىكى تۈڭلۈكتىن شۇڭغۇپ كىرگەن يورۇقلۇق ئۆينىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە تولۇق يورۇتۇپ بېرەلمەيتى. زىۋىدىخان ئۆي ئىچىدە مۈدۈرۈلۈپ يۈرۈپ تامدىكى چىنە قاچا تىزىدىغان ئويۇقتىكى ئاياقنى ئاچتى. سىپاپ يۈرۈپ ئاياق ئاستىدىن بىر قانچە تەڭگىنى قولىغا ئالدى. تامبىلىنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ يىپ بىلەن قاتمۇ قات چىرمالغان تۈگۈنچەكتىن قەغەز پۇلدىن ئىككى ۋاراقنى ئالدى.

ــ مېنى ئىشىك تۈۋىلىرىگە سەدىقە تىلەپ كەلگەن تىلەمچى كۆرۈپ قالدىلىما، مۇشۇ ئىككى تۆت تال پۇل بىلەن مېنى گوللاپ يولغا سالماقچىما ــ دېدى سالى قاۋان زىۋىدىخان تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئۇزاتقان پۇلغا قاراپ.

ــ ھېلىمۇ چىشىمنىڭ كاۋىكىدا ساقلىغاندەك ساقلىغان، روزىغارىمدا بارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چىقتىم، ئوبدان سالىخان ئاز بولسىمۇ .... ــ ئايالنىڭ ئاۋازىمۇ قوللىرىغا ئوخشاش تىترەپ كەتتى.

ــ بۇ پۇللىرى قەرزنىڭ ئۆسۈمنى تۆلەشكىمۇ يەتمەيدۇ.

ــ بىزدەك يېتىملارغا ئىچىلىرى ئاغرىسۇن سالىخان غوجام، مەن ھېلىمۇ ساتا ساتقۇلۇقۇمنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ مۇشۇ پۇلنى ئاران غەملىدىم كىمنى مەن يەنە تېپىپ تولۇقلاي ــ ئايالنىڭ چىرايى ساماندەك سارغايدى. تىلى قىسىلدى.

ــ ئەمسە قىزلىرىنى ساتسىلا دەسلەپ قىلىپ بازىرىنى مەن ئېچىپ بېرەي......

بۇ گەپنى ئاڭلاپ زىۋىدىخاننىڭ قۇلاقلىرى غوڭۇلداپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى. يۈرۈكى تاشقا ئۇرۇلغان ئەينەك پارچىسىدەك چۇل چۇل بولۇپ كەتتى. ئىچىدىن قىيانلىغان ئاچچىق بىر يىغا پۈتۈن ۋۇجۇدىغا كەلكۈندەك يامراپ تىلىنى گەپتىن توسۇپ قويدى. سالى قاۋانغا دېمەكچى بولغان غەزەپ نەپرەتلىك سۆزلىرىنىمۇ ئىچىدىن قاپساپ چىققان ئاچچىق يىغىسى بېسىپ كەتتى. زىۋىدىخان يىغىدىن توختىغاندا سالى قاۋاننىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. يامان گەپ، يۈرەككە تاياق بولۇپ تېگىدىغان ئاھانەت بۇ ناتىۋان ئايالنىڭ ئىچ باغرىنى تىلغاپ لەختە-لەختە قان قىلىۋەتكەن ئىدى. زىۋىدىخان چوڭقۇر ئوف تارتقىنىچە بىر چۆگۈندە سۇ، يەنە بىر تۆمۈر چىلەكنى كۆتۈرۈپ ئېغىلغا كالا ساغقىلى ماڭدى. كالا ئوقۇرغا لىققىدە سېلىپ بەرگەن ئوت چۆپنى پاكپاكىز يەپ بولغان ئىدى. ئاچ بېقىنىمۇ بايقىغا قارىغاندا ئوبدانلا كۆتۈرۈلگەن ئىدى. زىۋىدىخان كالىنى ئېغىلدىن يېتىلەپ چىقىپ سىرتتىكى سوقۇمىغا باغلىدى. كەينى ئىككى پۇتىنى چېتىپ يېلىنىنى يۇدى. سېغىشقا كۆنۈپ كەتكەن كالا يۇۋاش ئىدى. كالىنىڭ ئاستىغا چىلەكنى قويىۋېلىپ سۈت سىغىشقا باشلىدى. كالىنىڭ ئەمچىكىدىن بېسىم بىلەن ئېتىلىپ چىققان سۈت چېلەكنىڭ تۈۋىگە تېگىپ جورت جورت قىلىپ ئاۋاز چىقىراتتى. كالا چېقىپ ئارام بەرمەيۋاتقان بىزەڭ چىۋىنلارنى قورۇپ جىم تۇرمايدىغان ئۇزۇن قۇيرۇقى بىلەن زىۋىدىخاننىمۇ ھە دېگەندە شاپاللاپ تۇراتتى. چېلەك يېرىم بولاي دېگەندە كالىدىن سۈت چىقماي قويدى. زىۋىدىخان ئانىسىغا قاراپ توختىماستىن مۆرەپ بىر ئىزدا جىم تۇرالمىغان موزاينى قويىۋەتتى. موزاي ئېغىلدىن چىقىپلا ئانىسىنى ئۈسسۈپ ئىمىشكە باشلىغاندا زىۋىدىخان موزاينىڭ بوينىدىن باغلاپ تارتتى. ئەمما موزاي ئانىسىنىڭ ئەمچىكىگە يېپىشىۋىلىپ زىۋىدىخانغا بوي بەرمەيۋاتاتتى. زىۋىدىخان موزاينىڭ ئارغامچىسىنى بار كۈچى بىلەن تارتىۋىدى، موزاي ئارقىسىغا بىر سەكرەپلا چېلەكنى تېپىۋەتتى. چېلەك ئۆرۈلدى. زىۋىدىخاننىڭ ئەجرى ئارمانلىرى سىڭگەن، ئۈمىدى باغلانغان ئاپئاق سۈت يەرگە تۆكۈلۈپ كەتتى.

ــ ۋاي ئېسىت، ۋاي ئېسىت! يېرىم كۈن ھەرەج تارتىپ ساغقان سۈتۈم ــ كۆپۈك ئۆرلەتكىنىچە يەرگە سىڭىپ كېتىۋاتقان سۈتكە قاراپ زىۋىدىخاننىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتتى. ــ تويغۇدەك ئىمە مانا ھۇ نەپسى يامان بېشىنى يىگۈر ــ ئۇ شۇنداق دەپ موزاينى تىللىغانچە كالا بىلەن قوشۇپ ئېغىلغا سولىۋەتكەندىن كېيىن يەردە ياتقان چىلەكنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا يېنىپ چىقتى. سالى قاۋاننىڭ يامان گېپى ئايالنىڭ ئۆتمۈشىدىن يالداما بولۇپ قالغان قەلبىدە شەلۋەرەپ تۇرغان دىل يارىسىنى تاتىلاپ قانىتىۋەتكەن ئىدى. خىياللىرى ئۆتمۈش قوينىغا قاراپ قەدەم باسقان ئايالنىڭ ئىچ باغرى چوغ يېقىلغاندەك پىژىلداپ كاۋاپ بولۇۋاتاتتى.

2[تەھرىرلەش]

چىڭقى چۈشتە جىگدىلىك ئېغىر ھالسىرايتتى. ساھىبجامالنىڭ قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىسىنىڭ ياقۇت كۆزلىرىدەك جىمىرلاپ كۈلۈپ تۇرغان جىگدە چېچەكلىرىدىن كىشى قەلبىنى مەھلىيا قىلغۇچى مۈشكى ئەنبەر ھىدى تۆكۈلەتتى. جىگدىلىكتە يىلىم كولاۋاتقان ئىككى قىز گويا چېچەكلەر ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن رەڭدار كېپىنەكلەرگە ئوخشايتتى. مۇشۇ زېمىندا ئەجدادتىن ئەۋلادقا ياشاپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ جىگدىگە ئالاھىدە ئىشتىياقى بارمۇ-قانداق، ئېتىز قىرلارنىڭ بويلىرىدا، ئېغىل سامانلىقنىڭ چۆرىلىرىدىمۇ جىگدە دەرەخلىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. جىگدە دەرەخلىرىنىڭ سانى كۆپ بولغاندەك تۈرىمۇ ئاق جىگدە، نان جىگدىسى، قاغا جىگدىسى دەپ بىر قانچە تۈرگە ئايرىلاتتى. يەرلىك چىلاندىن چوڭراق كەلگەن سارغۇچ سوقىچاق جىگدىنى نان جىگدىسى دەپ كىشىلەر ئەتىۋارلاپ يەيتتى. ئۆزى ئۇششاق كەلگەن ئاق جىگدىدە بولسا ئەتيازنىڭ سېرىقتال كۈنلىرىدە شەربەت سىقىپ ئىچىشەتتى. مارجاندەك ئۇششاق، ياقۇتتەك قىپقىزىل قاغا جىگدىسىنى بولسا بۇ ئۇچار قانات جان جانىۋارلارنىڭ جىگدىسى دەپ ھېچكىم چىقىلمايتتى. تاكى كېلەر يىلى جىگدە چېچەكلىگەنگە قەدەر جىگدە دەرەخلىرىنىڭ ئۇچىدا بەش بارماقتەك ئېسىلىپ تۇرغان ئاسماق ئاسماق جىگدىلەرنى كۆرگىلى بولاتتى. مەھەللىنىڭ ئايىقىدا بىر جىگدىلىك بولۇپ ئۇ ھېچكىمگە تەۋە ئەمەس ئىدى. ھېچكىممۇ سۇ باشلاپ پەرۋىشلەپ باشقۇرمايتتى. ئەمما مېۋىسىدىن ھەممەيلەن ئورتاق بەھرىلىنەتتى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا بىرەر قېتىم تۈۋىگە سۇ كىرمىسىمۇ، ھەر يىلى ياز بويى ياپيېشىل ياشىرىپ تۇراتتى. ياز كۈنلىرى جىگدىلىكتە يىلىم كولايدىغان قىز چوكانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ھەتتا -مەن چېپىپ قويغان جىگدىنىڭ يىلىمنى سەن كولىۋاپسەن،- دەپ بىر بىرى بىلەن قىزىرىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ پات-پاتلا يۈز بېرىپ تۇراتتى.

ــ مۇشۇ جىگدە دەرىخىدە زادى قانداق خىسلەت باردۇ-ھە، ئاداش ــ دېدى قېرى جىگدە دەرىخنىڭ غولىدىن قايناپ چىققان سۈزۈك يىلىمنى قىڭراقنىڭ ئۇچى بىلەن قومۇرىۋاتقان قەمبەرنىسا يېنىدىكى دوستى بادامخانغا.

ــ قانداق دەيسەن؟ ــ دېدى دوستى.

ــ باشقا دەرەخلەرگە يىلدا نەچچە قېتىم سۇ قويمىسا قۇرۇپ قالىدۇ، مېۋىسىمۇ بولۇق بولمايدۇ، مۇشۇ جىگدىلىككە ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا ھېچكىم سۇ قويمايدۇ، يىلدا بىر قىتىم ھۆل يېغىن يىغىپ قالسا سۇ ئىچەمدىكى بولمىسا قاقاسلىقتا تۇرغىنى تۇرغان، شۇنداق تۇرۇپ يەنە شۇنچىلىك مەزمۇت دېسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق دەرەخنىڭ چېچىكى جىگدە چېچىكىدەك مېزىلىك پۇرىمايدۇ.

ــ ھە مۇنداق دە، نېمە دېمەكچىكىن دەپتىمەن تېخى سېنى ــ دېدى بادامخان قەمبەرنىساغا قاراپ ھەييارلارچە كۈلۈپ،ــ ئەسلىدە جىگدە پۇراپ قاپتىكەنسەندە؟

ــ جىگدە پۇراپ قېلىش دېگەن نېمە دېگەن گەپ ــ دېدى قەمبەرنىسا چۈشىنەلمەي.

ــ ئويەي، تولا بىلمەس بولىۋالمىغىنا خېنىم،ــ بادامخان ئاستى كالپۇكىنى بېسىپ تۇرغان ئۇتتۇردىكى ئىككى تال چىشىنى ھىڭگايتىپ، قاش ئورنىدا بىر قانچە تال سېرىق تۈك دىردىيىپ تۇرغان سىدام قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ كۈلۈپ كەتتى.

ــ راسىت شۇ بىلسەم سەندىن سورامتىم، دېگىنە نېمە گەپ ئۇ ــ دېدى قەمبەرنىسا.

ــ ئەرگە تەگكۈسى كەلگەننىچۇ جىگدە پۇراپ قاپتۇ دەيمىز، قارىغاندا سېنىڭ ئەگە تەگكۈڭ كەپتۇ-دە، ھا....ھا...ھا... ــ بادامخاننىڭ قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋازى جىگدىلىكنى لەرزىگە سېلىۋەتتى. جىگدە چېچەكلىرى ئارىسىغا يۇشۇرنۇۋېلىپ تىنماي سايراۋاتقان بىر جۈپ دەمدەرمۇ بادامخاننىڭ كۈلكىسىدىن ئۈركۈپ پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى. بادامخاننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قەمبەرنىسانىڭ سۈت ئالمىسىدەك ئاپئاق مەڭزى قىزىرىپ پىشقان گۆشگىردىدەك ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى.

ــ ھۇ ئىزا تارتمايدىغان داپشاق، سېنىڭ ئەرگە تەگكۈڭ كەپتۇ ــ قەمبەرنىسا شۇنداق دېگەنچە ئالقانلىرى بىلەن يۈزىنى توسۇپ باتنىغان بولۇپ ئولتۇرۇۋالدى.

ــ ۋىيەي تاۋى نازۇك تۇمۇچۇقۇم، ئەر دېگەنچۇ تەگمەيدىغان نەرسە ئەمەس، ھەممە ئايال كىشى تېگىدۇ شۇ ئەرگە ــ دېدى بادامخان ئۇنى تېخمۇ تېرىكتۈرۈپ.

ــ تەگكۈڭ كەلگەن بولسا ئۆزۈڭ تېگىۋال، يەنە شۇنداق دەيدىغان بولساڭ ئاغزىڭنى يىرتىۋېتىمەن ــ دېدى قەمبەرنىسا يۈزىدىن ئالقانلىرىنى ئاجرىتىپ.

ــ سېنىڭ تەگكۈڭ كەلمىدىما جىگدە پۇرىغان تۇرۇقلۇق، جىگدە پۇراپ قاپتۇ ئەرگە تەگكۈسى كەپتۇ، جىگدە پۇراپ قاپتۇ ئەرگە تەگكۈسى كەپتۇ ھا....ھا...ھا... ــ بادامخان شۇنداق دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ چاۋاك چېلىپ قەمبەرنىسانىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەشكە باشلىدى. قەمبەرنىسا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ بادامخانغا ئېتىلدى. بادامخان ئۇنىڭ ئالدېدىن ئۈركىگەن توشقاندەك پارتتىدە قېچىپ «جىگدە پۇراپ قاپتۇ، ئەرگە تەگكۈسى كەپتۇ» دەپ ئۇنى تېرىكتۈرۈشكە باشلىدى.

ــ توختا....توختا دەيمەن، ــ قەمبەرنىسا شۇنداق دەپ ۋارقىراپ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. ئىككى قىزنىڭ كۈلكىسى جىگدىلىكتىن چاڭ چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ئۇلار گويا تاغ قاپتاللىرىدا ئەركىن سەكرەپ تاقلاپ ئويناپ يۈرگەن بىر جۈپ كىيىك بالىلىرىغا ئوخشايتتى. تۇيۇقسىزلا جىگدىلىك ئارىسىدىن چىقىپ كەلگەن ئۈچ ئاتلىقنىڭ ئالدىغىلا چىقىپ قالغان قەمبەرنىسا ئات تۇياقلىرى ئاستىدا قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ چىرقىرغانچە ئۆزىنى يانغا تاشلىدى. بۇ تاسادىپىيلىقتىن چۆچۈپ كەتكەن ئاتمۇ قاتتىق كىشنىگەنچە ئالدى ئىككى پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئۆرە بولدى. قورقۇپ كەتكەن قىز كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋېلىپ، يارىلانغان كىيىك بالىسىدەك غال غال تىتىرىگەنچە سوزۇلۇپ ياتاتتى.

ــ بېگىم سىلىگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ــ دېگەن چىقىراق يېقىمسىز ئاۋاز قىزنىڭ قۇلاقلىرىغا ئاڭلاندى.

ــ ھېچ ئىش يوق ــ دېدى يەنە بىرەيلەن كۆتەك يارغاندەك بوڭ بوڭ ئاۋازدا.

ــ سەنلەر كىمنىڭ قانجۇقلىرى؟ بېگىم ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئالىمادىس بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ھۆددىسىدىن چىقىشالامتىڭ ــ بايقى يېقىمسىز ئاۋاز قىزنىڭ قۇلاق پەردىسىنى تىتىرىتىپ ئۆتتى. قىز قورقۇپقىنە كۆزىنى ئاچتى. دوقا ماڭلاي، ياغاق يۈز، چېقىر كۆزلىرى ھازىرلا چانىقىدىن چاچراپ چىقىپ كېتىدىغاندەك قورقۇنچلۇق پولتىيىپ چىققان، ئۇچلۇق ئىڭىكىدە بىر تۇتام ساقىلى ساڭگىلاپ تۇرغان ئۆچكە ساقال بىر ئادەم قىزنىڭ بېشىدا قامچا تەڭلەپ دىۋەيلەپ ھەيۋە قىلىپ تۇراتتى.

ــ بولدى كىچىك قىزنى قورقۇتۇپ يۈرۈكىنى قېپىدىن چىقىرۋەتمىگىن يەنە،ــ قەمبەرنىسا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. يۇلتۇز قاشقىلىق چىلان تورۇققا مىنگەن سېمىز، يېشى ئاتمىشلاردىن ھالقىغان، ئانچە مۇنچە چېچەك ئېزى قالغان يوغان يۈزلىرى ئۆپكىدەك لىغىرلاپ تۇرىدىغان، توم بۇرۇتلىرى قۇلاق تۈۋىگىچە ئۇلىشىپ كەتكەن چىرايى ناھايىتى سۈرلۈك بىر ئادەم ئۇنى توسۇپ قالدى. قەمبەرنىسا ئۇنىڭ ئاۋازى بوڭ بوڭ چىقىدىغان بېگىم ئىكەنلىكىنى بىلدى. بەگنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا ھېلىقى ياغاق يۈز ئادەم خۇددى مەخسۇس كۆندۈرۈلگەن ئاپشاركىدەك شاققىدە كەينىگە يېنىپ بەگنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇردى. بەگنىڭ قارچۇغىنىڭ كۆزلىرىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرى قەمبەرنىساغا قادىلىپلا قالغان ئىدى. قىزنىڭ بەدىنى تىكەنلىشىپ، تېنى غۇژژىدە قورۇلدى.

ــ بىرەر يېرىڭىز زەخمە بولدىمۇ يوق، ئورنىڭىزدىن تۇرالامسىز؟ــ بەگ شۇنداق دېگەنچە سېمىز بەستىنى ئېگىپ قىزنى يۆلىمەكچى بولۇپ قول سوزدى.

ــ مەن ھېچنىمە بولمىدىم ــ دېدى قىز بەگنىڭ قولىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تىرمىشپ. ئاڭغىچە قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ بىر چەتكە چىقىپ تۇرغان بادامخان كېلىپ قەمبەرنىسانى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى. قىزنىڭ قىزىلگۈلنىڭ سۈرىتى كەشتىلەنگەن گىلەم دوپپىسى قاشقا يۇلتۇزنىڭ تۇياقلىرى ئاستىدا دەسسىلىپ شاپتۇلدەك ماكچىيىپ تۇراتتى. دوپپىسىغا قاراپ گويا ئات تۇيۇقى ئاستىدا دەسسىلىپ تۇرغىنى ئۆزىنىڭ يۈرۈكىدەك تۇيۇلۇپ ئۈمچىيىپ كەتتى. قىزنىڭ قىرىقتال كۇكۇلىسى چىرايلىق يۇمىلاق مۈرىلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئاق چېكىم گۈللۈك ھالرەڭ چىت كۆڭلەك ئىچىدىكى ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان بىر جۈپ كۆكسى دەممۇ دەم كۆتۈرۈلۈپ پەسلەيتتى. بەگنىڭ كۆز قارچۇقلىرى گويا بىر نۇقتىدا قېتىپ قالغاندەك قىزدىن زىنھار يۆتكەلمەيتتى. قىز چىلان تورۇق چىڭڭىدە دەسسەپ قۇمساڭغۇ توپىغا چۆكۈرۈۋەتكەن دوپپىسىغا قول سوزدىيۇ ئاتنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ ئالالمىدى. بەگ يېنىدىكى ئۆچكە ساقال ئادەمگە ئىشارە قىلىۋېدى، مىجىلىپ ئىسكەتىنى يوقىتىپ شاپاققىلا ئوخشاپ قالغان دوپپىنى ئېلىپ بەگكە بەردى. بەگ دوپپىنىڭ توپىلىرىنى قېقىپ تۆت بۇلۇڭىغا كەشتىلەنگەن چوغدەك يىلىنجاپ تۇرىدىغان قىزىل گۈللەرگە بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كېيىن قىزغا قارىدى.

ــ ئىسمىڭىز نىمە، كىمنىڭ قىزى سىز؟

بەگنىڭ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان قىزنىڭ تىلىغا دەماللىققا گەپمۇ كەلمەي قالدى.

ــ گەپ قىل قانجۇق، بېگىم سەندىن گەپ سوراۋاتىدۇ ــ ياغاق يۈز ئۆچكە ساقال چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ، قىزنىڭ بېشىدا قامچا ئوينىتىپ ھەيۋە قىلدى. قىز قورقۇپ بۆجەندەك تۈگۈلۈپ كەتتى. بەگ يەنە ئۆچكە ساقالنى قول ئىشارىسى بىلەن ئارقىسىغا قايتۇردى.

ــ مەن... مەن... ئۇرايىم پاسارنىڭ قىزى .... قەمبەرنىسا... ــ دېدى قىز قورقۇپ تىتىرەپ تۇرۇپ.

ــ قەمبەرنىسا....قەمبەرنىسا چىرايلىق ئىسىمكەن بولىدىكەن ــ دەپ بېشىنى لىڭشىتتى بەگ نېمىنىدۇر بىر نەرسىنى دەڭسەۋاتقاندەك. بەگ قىزغا يەنە بىر قىتىم لاپپىدە قاراپ قويۇپ دوپپىنى قاتلاپ سېمىز قورسىقى ئۈستىدىن باغلانغان پوتىسىنىڭ ئارىسىغا قىستۇردى. قىز چوغقا دەسسەپ سالغاندەك تېپىرلاپ كەتتى. ئەمما دوپپىسىغا قول ئۇزىتالمىدى. بەگ گويا قىزنىڭ جىسمىدىن بىرەر ئەيىب نۇقساننى تاپماقچى بولغاندەك چوققىسىدىن تارتىپ تاپىنىغىچە يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقتى. قىز پۈتۈن بەدىنىدىن سان ساناقسىز كۆزلەر تېشىپ ئۆتۈۋاتقاندەك چۇلغىنىپ كەتتى. بەگ قىزغا شۇ قاراشلىرى ئاستىدا ئېتىغا قامچا سالدى. ئىككى قىز ئاتلارنىڭ تۇياقلىرى ئاستىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ توزان ئارىسىدا قالدى. چاڭ توزانلار بېسىققاندا ئاتلىقلارنىڭ سايىسىمۇ قالمىغان ئىدى. جىگدىلىك يەنە ئىلگىرىكى تىمتاس ھالىتىگە قايتقان ئىدى. قورققىنىدىن چىرايى خەسىدەك ئاقىرىپ، روھى تېنىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالغان قەمبەرنىسا تاپانلىرى ئاستىدىكى توپىغا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.

ــ مەن ئەمدى ئۆيۈمگە قانداق قايتىمەن، ئانامغا نېمە دەيمەن، نېمە پوق يەپ بۇ جىگدىلىككە كەلگەن بولغىيتتىم ــ قىز چاچلىرىنى قاماللاپ يىغلاشقا باشلىدى.

ــ بولدى ئاداش يىغلىمىغىنە، ھېچ ئىش بولمىدىغۇ مانا ــ دېدى بادامخان قەمبەرنىسانى قولتۇقىدىن يۆلەپ.

ــ قانداقسىگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، يات بىر ئەركىشى مېنىڭ دوپپامنى ئېلىپ كەتكەن تۇرسا، مەن ئانامغا بۇنى قانداق چۈشەندۈرىمەن، ــ دېدى قىز يىغلاپ تۇرۇپ.

ــ مانا مەن دوپپامنى ساڭا بېرەي يىغلىما، مەن ساڭا يېڭى دوپپىدىن بىرنى تىكىپ بېرەي، بۇنداق يىغلاپ مېنى قورقۇتما بولامدۇ؟ ــ بادامخان شۇنداق دەپ بېشىدىكى دوپپىسىنى ئېلىپ قەمبەرنىسانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويدى. قەمبەرنىسا ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېيىملىرىدىكى توپا چاڭلارنى قېقىشتۇردى.

قىز مەھەللىگە كەلگەندىن كىيىن بادامخاننىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويغان بوغما قاپىقىغا كۆلدىن بىر قاپاق سۇ ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. زىۋىدىخان ھويلىسىدىكى شاخ شۇمبىلاردىن ئاددىيلا قىلىپ ياسىۋالغان كۆرۈمسىز چەلگە ئاستىدىكى پاكارغىنە سۇپىدا نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلغىنىچە مۇڭغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى.

ــ ئىككى ئاش پىشىم بولدى، نەگە يوقاپ كەتتىڭ؟ ــ دېدى زىۋىدىخان قىزىنى كۆرۈپ.

ــ كۆل بېشىغا سۇغا بارغانتىم، بادامخان ئۇچراپ قىلىپ ئۆيىگە كىرىپ بىردەم مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ چىقتىم ــ دېدى قىز كۆزلىرىنى ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىن قاچۇرۇپ. ئۇنىڭ ئانىسىغا تۇنجى قېتىم يالغان گەپ قىلىشى ئىدى. ئانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچە قىزنىڭ پۇتلىرى تىتىرەپ يېقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قالدى. ئەمما ئانىنىڭ كۆڭۈلنىڭ ئارامى بولمىغاچقا قىزىدىكى بۇ نورمالسىزلىقلارنى ھېس قىلالمىدى. ئەگەر قەمبەرنىسا ئانىسىغا ئۆزىنىڭ جىگدىلىككە يىلىم كولىغىلى بارغانلىقىنى دېسە ئانىسى چوقۇم قاتتىق خاپا بولاتتى. چۈنكى ئانا قىزلىرىغا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ «جىگدىلىككە يېقىن يولىغۇچى بولماڭلار، جىگدىلىكتە جىن ئالۋاستىلار بار، ئۇلار جىگدىلىككە بارغان قىزلارنى بۇلاپ كوھىقاپقا ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ» دەپ قورقۇتۇپ تەربىيە قىلاتتى. بىر قېتىم قەمبەرنىسانىڭ مەھەللىسىدىكى بالىلار بىلەن جىگدىلىككە بېرىپ مۆكۈشمەك ئوينىغانلىقىنى ئانىسى بىلىپ قېلىپ «بارماڭ دېگەن يەرگە بارىدىغان، جىم تۇرمايدىغان پاچاق دېگەن مۇشۇما، يەنە جىگدىلىككە بارامسەن، دېگىنە مەن ساڭا نېمە دەپ تەربىيە قىلغان، گېپىم قۇلىقىڭدا تۇرامدۇ يوق» دەپ ئىنچىكە سۆگەت چىۋىقى بىلەن پاچاقلىرىدىن قان چاچراپ چىققۇچە ساۋىغان ئىدى. تاياق زەربىسىدىن چىر-چىر چىرقىراپ يەردە يۇمۇلىنىۋاتقان قىز ئانىسىغا توختىماي يالۋۇرغان ئىدى.

ــ جېنىم ئانا، مەن گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن بۇندىن كېيىن ئىككىنچى جىگدىلىككە قەدەم باسمايمەن. مېنى ئۇرماڭ جېنىم ئانا مېنىڭ سىزدىن باشقا ھېچنىمەم يوق ....

قىزنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئانا قىزىنى باغرىغا باسقىنىچە ئۆزىمۇ يىغلىغان ئىدى.

ــ بۇندىن كېيىن ھەرگىز جىگدىلىككە يىقىن بارغۇچى بولما، جېنىم قىزىم، جىگدىلىكنىڭ كۈلپەتلىرى مەن بىلەنلا كەتسۇن جىگدىلىككە يېقىن بارما....

قىز ئانىسىنىڭ جىگدىلىكتە نىمە كۈلپەتلەرنى تارتقانلىقىنى بىلمىسىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن پەقەتلا جىگدىلىككە ئاياغ بېسىپ باقمىغان ئىدى. بۈگۈن سۇ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بوغما قاپىقىنى يۈدۈپ كۆل بېشىغا چىققاندا، كۆل بويىدا ئۆيى بار دوستى بادامخان بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.

ــ ئازراق يىلىم كولاپ كېلەيلى، قاپىقىڭنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىرىپ قويغىن، ــ دېدى بادامخان. بادامخان ئىككىسى كىچىكىدىن تارتىپ ئايرىلماس دوسىتلاردىن ئىدى.

ــ نەدىن كولايمىز يىلىمنى؟ ــ دېدى قەمبەرنىسا.

ــ ئەلۋەتتە جىگدىلىكتىكى جىگدىدىن كولايمىزدە ــ دېدى بادامخان. جىگدىلىكنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا قەمبەرنىسانىڭ كۆز ئالدىغا ئانىسىنىڭ غەزەپلىك چىرايى كەلدى.

ــ بولدى مەن بارماي، ئۆزۈڭ كولاپ كېلىۋەرگىن ــ دېدى قەمبەرنىسا.

ــ بىللە بېرىشىپ بەرگىنە جېنىم ئاداش ــ دېدى بادامخان يالۋۇرۇپ. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قەمبەرنىسا تەڭقىسلىقتا تۇرۇپ قالدى. بىللە بارماي دېسە تېخى دوستى يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاتسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ چېچىغا چېپىۋاتقان يىلىملارنىڭ ھەممىسىنى بادامخان بېرىۋاتقان تۇرسا، باراي دېسە تېخى ئانىسىنىڭ گېپى...

ــ ئاداش مەن يەنىلا بارماي مېنىڭ جىگدىلىككە بارغىنىمنى بىلىپ قالسا، ئانام قاتتىق خاپا بولىدۇ، ــ دېدى قەمبەرنىسا.

ــ سەن تېخىچە ئاناڭنىڭ كىچىك ۋاقتىڭدا قورقۇتۇپ دەپ بەرگەن «جىگدىلىكتە جىن بار» دېگەن ھېكايىسىگە ئىشىنىپ يۈرۈيدىكەنسەندە ــ بادامخان قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

ــ ئەمسە نېمە بار؟ ــ دېدى قەمبەرنىسا.

ــ بارغاندا بىلىسەن جىگدىلىكتە نېمە بارلىقىنى ــ بادامخان شۇنداق دىگەنچە قەمبەرنىسانىڭ قولىدىن سۆرەپ جىگدىلىككە ئېلىپ كەلدى.

ــ قەمبەرنىسا مېنىڭ تازا مىجەزىم يوق تۇرىدۇ، كەچلىك قازاننىڭ غىمىنى قىلغىنە قىزىم ــ دېدى ئانا قىزىنى چاقىرىپ.

ــ ماقۇل، كۆڭلىڭىز نېمىگە تارتىدۇ ئانا؟ ــ سورىدى قىز ئانىسىدىن.

ــ كۆك چامغۇر بىلەن غورىدىن جىق سېلىپ ئاچچىق چۈچۈك قىلىپ يوبدان ئەتكىنە قىزىم.

ــ ماقۇل ــ قەمبەرنىسا ئانسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ئوتياشلىققا چىقتى. ئوت ياشلىقتا ئانىسى تېرىغان تۇرۇپ، چامغۇر، سەۋزە، بەسەي، قاپاقمۇچ، باقىلە، پالەك، ماش قاتارلىق سەي كۆكتاتلار رەت رېتى بىلەن تۇراتتى. قىز باغنىڭ شورا تېمىدىن ئارتىلىپ تۇرغان جانان ئۆرۈكنىڭ سۈزۈلۈپ ئالا بولۇشقا باشلىغان غورىسىدىن بىر ئېتەك پۇتىدى، ئاندىن ئوتياشلىقتىن بىر سىقىم چامغۇر يۇلۇپ ھويلىغا قايتىپ چىقتى.