Jump to content

كافۇر

ئورنى Wikipedia

كافۇر دەرىخىدىن ئېلىنغان كىرىستال شەكىللىك جەۋھەر بولۇپ، ئىچنى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

[تەھرىر]

ئۇيغۇرچە نامى :كافۇر

خەنزۇچە ئاتىلىشى :樟脑 zhang nao

ئەرەبچە نامى :كافۇر

پارسچە نامى :كپۇر

ئىنگلىزچە :Camphor

ئوردۇچە نامى :كاپۇر

شەكلى :كىرىستال شەكىللىك

جىسمى :پۇرىقى ئۆتكۈر،

تەبىئىتى :ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

تونۇش

[تەھرىر]

كافۇركافۇر دەرىخىدىن ئېلىنغان كىرىستال شەكىللىك جەۋھەردىن ئىبارەت. ئەسلى ئۆسۈملۈكى كافور دەرىخى (Cinmamonum Camphora L.pres)

ئائىلىسى

[تەھرىر]

كافۇر دەرىخىكافۇرا ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى20-30 مېتىر ئۆسۈدىغان دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان، كافۇر دەرىخى

سۈپىتىنى ئېنىقلاش

[تەھرىر]

پاكىز ، ئاق، سۈزۈك، ئارىلاشمىلار بولمىغىنى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ.

دورىلىق ئورنى

[تەھرىر]

كافۇر دەرىخىدىن ئېلىنغان كىرىستال شەكىللىك جەۋھەر

ئۈنۈملۈك تەركبى

[تەھرىر]

ئاساسلىقى كامپوردا بولىدۇ.

مۇندەرىجە

[تەھرىر]
  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تونۇش
  • ئائىلىسى
  • سۈپىتىنى ئېنىقلاش
  • دورىلىق ئورنى
  • ئۈنۈملۈك تەركبى
  • خۇسۇسىيىتى
  • خاس تەسىرى
  • ئورۇنباسارى
  • ئەكىس تەسىرى
  • تۈزەتكۈچىسى
  • كېسەللىك مىسالى
  • فارماكولوگىيىلىك  تەسىرى
  • ئىشلىتىش ئۇسۇلى
  • يىغىش
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئائىلىسى

[تەھرىر]

كافۇر دەرىخىكافۇرا ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى20-30 مېتىر ئۆسۈدىغان دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان، كافۇر دەرىخى

سۈپىتىنى ئېنىقلاش

[تەھرىر]

پاكىز ، ئاق، سۈزۈك، ئارىلاشمىلار بولمىغىنى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ.

دورىلىق ئورنى

[تەھرىر]

كافۇر دەرىخىدىن ئېلىنغان كىرىستال شەكىللىك جەۋھەر

ئۈنۈملۈك تەركبى

[تەھرىر]

ئاساسلىقى كامپوردا بولىدۇ.

خۇسۇسىيىتى

[تەھرىر]

ياللۇغ قايتۇرۇش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشۇتۇش، ئارام بېرىش، تارتىشىشنى بوشۇتۇش، قوزغۇتۇش، تەرلىتىش، يەرلىك ئورننى مەس قىلىش، يەڭگىل دەرىجىدە چىرىشقا قارشى تۇرۇش، ئىچنى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

[تەھرىر]

غەيرى تەبىئى قان خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورا

ئورۇنباسارى

[تەھرىر]

تاباشىر، ئاق سەندەل، لويە  كافۇر

ئەكىس تەسىرى

[تەھرىر]

سوغۇق مىجەزلىكلەرگە زىيان قىلىدۇ. ھەزىمنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. چاچلارنىڭ ئاقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۆرەك، دوۋساققا تاش پەيدا قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

[تەھرىر]

ئىپار، ئەنبەر، قۇندۇز قەھىرى، گۈلقەنت، بىنەپشە

كېسەللىك مىسالى

[تەھرىر]

ئىچى سۈرۈش، قورساق ئېسىلىش، بەل ئاغرىقى، ئۆپكە جاراھىتى، سىل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۇيقۇسىزلىق، بۇرۇن قاناش، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك  تەسىرى

[تەھرىر]

1. يەرلىك ئورۇنغا بولغان تەسىرى: كافۇرنى تىرىگە سۈرسە غىدىقلايدۇ ھەم چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەڭگىل سۈرسە مىتالغا ئوخشاش سالقىن سېزىم بېرىدۇ. يەرلىك ئورۇننى سەزمەس قىلىش تەسىرىگە ئىگە.

2. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: كافۇرنىڭ پۈتۈن بەدەنگە بولغان تەسىرى ئاساسلىقى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ. بولۇپمۇ ئالىي نېرۋا مەركىزىنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە قوزغىتىدۇ.

3. قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: كافۇر ياسالمىسى يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا قىلىپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.

4. بەدەن ئىچىدىكى جەريانى، كافۇر شىللىق پەردىلەر، تېرە ئاستى مۇسكۇلىدىن ئۆتۈپ ئاسان شۈمۈرۈلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

[تەھرىر]

1. 125-500 مىللىگرام كافۇرنى سۈتتە ئېزىپ ئېرىتىپ ئىستېمال قىلسا سىل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، بۇرۇن قاناش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. 120 مىللىگرام كافۇرنى 30 مىللىگرام ئەپيۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۇمۇلاچ قىلىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن يەپ ياتسا ئېھتىلام بولمايدۇ.

3. كافۇرنـى گـۇلاپ، ئاق سەنـدەل قاتارلىقـلار بىلـەن ئارىلاشتـۇرۇپ باشقا چاپسا ئىسستىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى ساقايتىدۇ. سەزگۈر  نېرىپلارنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

4. كافۇرنى قائىدە بويىچە گۈل يېغى ۋە سىركە بىلەن قوشۇپ پېشانىگە چاپسا سەپرا خاراكتېرلىك باشئاغرىقى، قىززىق تەپلەرگە ئوبدان تەسىر قىلىدۇ.

5. كافۇرنى يۇمغاقسۈن سۈيى، پاقا يوپۇرمىقى سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ باشقا چاپسا (باشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر جايىغا قويسا) بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ.

6. كافۇردىن ئارپا مىقداردا ئېلىپ بادۇرۇچ، سىركە، غورا سۈيى قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرنىغا تىمىتسا ئىسسىق مىجەزلىكلەرنىڭ ئۇيقۇسىزلىقى ۋە مېڭە ئاجىزلىقىغا پايدا قىلىدۇ.

7. كافۇرنى يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن قۇلاققا تىمىتسا قۇلاق ئاغرىقى ۋە مېڭە مەنبەلىك بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ.

8. كافۇرنى يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى بىلەن سىپوپ قىلىپ چىشىغا باسسا قۇرت يېگەن چىشنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

9. كافۇرنى ئىپار، ئەنبەر بىلەن قوشۇپ يېسە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ھەر خىل زەھەرلىك ھايۋانلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ.

10. كافۇرنى ئېزىپ يەرلىك ئۇرۇنغا سەپسە يىرىڭلىق جاراھەتلەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ. ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

يىغىش

[تەھرىر]

9-، 12– ئايلارغىچە كونا دەرەخنىڭ يىلتىزى، غولى، شاخلىرىنى پارچىلاپ پار قازانغا سېلىپ پارلاندۇرسا كافۇر دەرىخىنىڭ تەركىبىدە تۇتقان كافۇر ۋە ئۇچۇچان ماددا سۇغا ئەگىشىپ تامچىلاپ چىقىدۇ. بۇ دەسلەپكى كافۇر بولىدۇ. دەسلەپكى كافۇرنى يەنە چەكللىسە ساپ كافۇر نوكچىسى شەكىللىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسى

مەنبەلەر

[تەھرىر]