كالتەك توپ ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

كالتەك توپ ئويۇنى <غالتەك توپ ئويۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئويۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ تارقالغان. ئۇ يىلنىڭ ھەر قايسى پەسىللىرىدە قىز - ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىپ ئوينىشىغا باب كېلىدۇ. ئويۇننى باشلاشتىن ئىلگىرى، قىز - ئوغۇللار تەپمۇ تەڭ ئىككى كوماندىغا بۆلۈنسىمۇ ياكى ھەر ئىككى كىشى بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى ئوينىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئويۇن بىرلا ۋاقىتتا پەقەت ئىككى كىشى تەرىپىدىن ئوينىلىدىغان بولغاچقا، بىر كىشى بىر كوماندا ياكى بىر نەچچە كىى بىر كوماندا بولۇپ، بىر - بىرلەپ ئويۇن كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلار سېپى 50 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، يۈزى 15 سانتىمېتىر چوڭلۇقتا بىردىن تاختا پالاق تەييارلىشى شەرت. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر قېتىملىق ئويۇن ئۈچۈن چوڭ ئادەمنىڭ قوش مۇشتۇمى چوڭلۇقىدىكى توپتىن 2 - 3 دانە، 2 - 3 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تانا ھازىرلىنىدۇ. مەيداننىڭ مۇۋاپىق يېرىگە ئۇچىغا ھالقا ئورنىتىلغان، 5.1 - 2 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر موما (قانچىكى توم بولسا شۇنچە ياخشى) ياغاچ قادىلىدۇ. ئاندىن بايىقى تانىنىڭ بىر ئۇچى موما ئۇچىدىكى ھالقىغا، يەنە بىر ئۇچى توپقا چىگىلىدۇ. ئويۇن كۆرسەتمەكچى بولغان ئىككى كىشى مومىنىڭ ئىككى تەرىپىدە (<چېگرا سىزىقى> نىڭ سىرتىدىكى چەمبەر ئىچىدە) قوللىرىغدا پالاق تۇتقىنىچە ئويۇننىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئويۇن رىياسەتچىسى ياكى رېپىرنىڭ ئىجازەت بېرىشى بىلەن تەڭ ئويۇن باشلىنىپ، بالىلار نۆۋەت بىلەن توپ ئۇرىدۇ. باشقىلار بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە تۇرۇپ ئويۇن كۆرىدۇ. ئويۇن كۆرىدىغانلار مومىنى مەركەز قىلىپ، دائىرە سىزىقىدىن ھالقىماي تۇرۇشى، موما ئەتراپىدىكى ئۇيان - بۇيان ئۇچۇپ تۇرغان توپقا قول ئۇزاتماسلىقى، تەرەپبازلىق قىلماسلىقى، توپ ئويناۋاتقان ئىككى كىشىمۇ تاختا پالاقنى قائىدە بويىچە مەھكەم تۇتۇپ، ئۆز مەيدانىدا راۋرۇس تۇرۇشى، پالاقنى توپقا ئۇرۇشى، تانا يىپ ياكى قارشى تەرەپنىڭ قول ۋە پالىقىغا ئۇرماسلىقى، ئۆز ئارا نۆۋەت ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىكى، توپنى رىتىملىق ۋە سىستېمىلىق ئۇرۇشى، ئويۇن كۆرگۈچىلەرگە قارىتىپ ئۇرۇۋەتمەسلىكى، ئۆز ئارا بىر - بىرىنى گەپكە تۇتماسلىقى ۋە مومىغا تايىنىۋالماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئويۇن جەريانىدا رېپىر ئەستايىدىل كۆزىتىپ، توپنى سانايدۇ. پالاقنىڭ توپقا ھەر بىر ئۇرۇلۇشى بىر نومۇر ھېسابلىنىدۇ. ئويۇن بەلگىلەنگەن قائىدە بويىچە داۋاملىشىپ، بەلگىلەنگەن چەككە يەتكەندە ئاخىرلىشىدۇ. ئويۇن ئاخىرىدا يەڭگەن - يېڭىلگەنلەر ئايرىلىپ، يېڭىلگەنلەر شۇ كۈنى ئويۇنغا قاتناشقانلارنىڭ تەلىپىنى بەجا كەلتۈرىدۇ (ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ ياكى يۇمۇر سۆزلەپ ئۇلارنى كۈلدۈرىدۇ)"L"[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]