كالكولارىيە گۈلى

ئورنى Wikipedia
كالكولارىيە گۈلى

كالكولارىيە گۈلى بۆرتمىگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۇقا ئائىلىسى كالتسېئولارىيە ئوتى ئۇرۇقدىشىدىكى بىر كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، يوپۇرمىقى يۇمشاق، سارغۇچ يېشىل رەڭلىك.

تونۇشتۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

كالكولارىيە گۈلى بۆرتمىگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۇقا ئائىلىسى كالتسېئولارىيە ئوتى ئۇرۇقدىشىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، يوپۇرمىقى يۇمشاق، سارغۇچ يېشىل رەڭلىك. تەرتىپسىز توپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى ئىككى كالپۇكسىمان، كالپۇكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شەكلى قاپچۇقسىمان، دىئامېتىرى 3 ~ 4 سانتىمېتىر، يۇقىرىغا قاراپ ئاستا-ئاستا كىچىكلىگەن. رەڭلىرى مول، سارغۇچ، سۈتتەك ئاق، ئاچ قىزىل، قىزىل، سارغۇچ قىزىل قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ، ھەمدە قوڭۇر ياكى قىزىل رەڭلىك داغلىرى بولىدۇ.

ئۆستۈرۈلگەن بۆرتمىگۈل ئەينۇلىنىڭ ئارىلاشما سورتى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىي ئۇرۇقى 1822-يىلى ياۋروپاغا كىرگەن، 1830-يىلى ئەنگلىيە نۇرغۇن شالغۇت بۆرتمىگۈل يېتىشتۈرۈپ چىققان. 20-ئەسىر ئەنگلىيە چوڭ گۈللۈك قىلىپ كالكولارىيە گۈلىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، كېيىن گېرمانىيە كۆپ گۈللۈك پاكار سىستېمىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۆرتمىگۈلنىڭ گۈل مەزگىلى ئۇزۇن، رەڭگى چىرايلىق، شەكلى ئاجايىپ-غارايىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغاندا خۇددى سانسىزلىغان كىچىك ھەميان ئېسىلغاندەك، رەڭ ۋە ھەر خىل داغلىرى بولۇپ، ئىنتايىن كۆركەم. چېچەكلەش مەزگىلى دەل چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە. قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدىكى مۇھىم تەشتەك گۈلى.

سىرتقى شەكىلى[تەھرىرلەش]

كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، باغلاردىكى كۆپىنچە بىر يىلدا ئۆسۈپ يېتىلىدىغان گۈل، تۈپ ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىردىن ئارتۇق، پۈتۈن تۈپى غوللۇق بولۇپ، چىۋىق تاللىق، يوپۇرماق ئۈستىدە ئۇششاق تۈكچىلىرى بار.

يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە جۈپ ئۆسىدۇ. گۈل شەكلى ئۆزگىچە، گۈل تاجىسى قوش كالپۇكسىمان، ئۈستۈنكى كالپۇك ياپراقچىسى تىك كىچىكرەك، يوغىناپ خۇددى يېكەن قاپلىق شەكىلگە ئۆزگەرگەن، ئوتتۇرىسىدا ئانىلىق ئۆسىدۇ، غول بېشى ئىككى خالتىسىمان نەرسە ئوتتۇرىسىدا ئۆسىدۇ.

رەڭ ئۆزگىرىشى مول، بىر خىل سورتلاردىن سېرىق، ئاق، قىزىل قاتارلىق سۇسلۇقى ئوخشاش بولمىغان رەڭگى بار، مۇرەككەپ رەڭگىدىن بولسا ھەر قايسى رەڭلىك يېپىشىپ ئۆسكەن ئاپېلسىن، ھال رەڭ، قوڭۇر قىزىل قاتارلىق داغلىرى بار. مېۋىسى كۆركەم، ئۇرۇقى ئۇششاق دېنى كۆپ بولىدۇ.

تارقالغان رايۇنى[تەھرىرلەش]

مىكسىكا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە، پېرو، چىلى ئەتراپىغا تارقالغان.

ئىشلىتىلىش قىممىتى[تەھرىرلەش]

ھوزۇرلىنىش-گۈلى ئالاھىدە، رەڭگى ئوچۇق، چېچەك مەزگىلى ئۇزۇن بولغاچقا تاماشا قىلىش قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.