كانايچە كېڭىيىش

ئورنى Wikipedia

كاناي ۋە كانايچە ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ سوزۇلما ياللۇغلىنىشى ۋە توسۇلۇشى تۈپەيلىدىن كانايچە دىۋارى بۇزۇلۇپ، كانايچە كانال بوشلۇقى كېڭىيىپ، كلىنىكىدا سوزۇلما يۆتىلىش، كۆپ مىقداردا يىرىڭلىق بەلغەم تۈكۈرۈش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بالىلار ۋە ياشلاردا، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

كىسەللىك ئورنى كاناي ۋە كانايچە ئەتراپى
تەۋە بۆلۈم ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈم
خەنزۇچە نامى 支氣管擴張
كېسەللىك نامى كانايچە كېڭىيىش
ئاساسلىق ئالامىتى يۆنىلىش ۋە بەلغەم تۈكۈرۈش،قان تۈكۈرۈش، كانايدا ئاجرالما ماددىلار كۆپىيىش


سەۋەبى[تەھرىرلەش]

1. نەپەس يوللىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆپكە ياللۇغى قوشۇلۇپ كېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كۆكيۆتەل، تارقىلىشچان زۇكام، قىزىل قاتارلىقلارغا ئۆپكە ياللۇغى قوشۇلۇپ كەلگەندە كانايچە دىۋارى يۇقۇملىنىشتىن زەخىملىنىشكە ئۇچراپ، ئاجراتما ماددىلار كانايچىنى توسۇۋېلىپ، كانايچە بېسىمى ئاشىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۆپكە ياللۇغى قوشۇلۇپ كەلسە، ئۆپكە توقۇلمىلىرى تالالىشىپ كانايچە دىۋارىدىكى ئېلاستىكىلىق تالالار ۋە سىلىق يوللۇق مۇسكۇللارنىڭ قۇرۇش كۈچى بىلەن ئەتراپتىكى ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ تارتىشىپ كۆپتۈرۈش كۈچى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، كانايچىلار بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە تالالاشقان ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ تارتىشىش كۈچى قوشۇلۇپ، كانايچىلارنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. كانايچە ياللۇغى بىلەن ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى ۋە كۆكرەك پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلۇپ كېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كاناي ياللۇغى بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا كانايچىلار دىۋارى زەخىملىنىپ ئاجراتمىلار كۆپىيىپ، كانايچىلارنى توسۇۋېلىش بىلەن كانايچىلارنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا ئۆپكە توقۇلمىلىرى تالالىشىپ، ئۇلارنىڭ تارتىشىش كۈچى كۈچىيىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە كانايچە بېسىمى يۇقىرى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ كانايچىلارنى تارتىشى تۈپەيلىدىن كانايچىلارنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، كانايچە بوشلۇقىنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

مەسىلەن: كانايچىلارغا يات ماددىلار تۇرۇپ قېلىش، ھەرخىل ئۆسمىلەرنىڭ كانايچىلارنى بېسىۋېلىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كانايچىلارنىڭ بېسىمى يۇقىرىلاپ تەدرىجىي كانايچىلار كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. تۇغما ئامىل:

تۇغما خاراكتېرلىك كانايچە كېڭىيىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە يۈرەكنىڭ تۇغما ئوڭغا جايلىشىشىغا قوشۇلۇپ كېلىدۇ

ئالامىتى[تەھرىرلەش]

1. يۆنىلىش ۋە بەلغەم تۈكۈرۈش بولىدۇ. يۆتىلىش ۋە بەلغەم تۈكۈرۈش بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بولۇپ، دەسلەپتە سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا ۋە كەچتەياتقان ۋاقتىدا كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش بولغاندا يۆتەل ئېغىرلىشىپ، بەلغەم مىقدارى كۆپىيىدۇ. بەلغەم سېرىق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. ئوكسىگېن خالىمايدىغان جاراسىملار بىلەن يۇقۇملانغاندا بەلغەم سېسىق پۇراقلىق بولىدۇ.

2. قان تۈكۈرۈش بولىدۇ. تەخمىنەن %90 بىماردا ئارىلاپ كۈن تۈكۈرۈش كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە زىيادە چارچاش ياكى يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولىدۇ. قان تۈكۈرگەندىكى قاننىڭ مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ. دەسلەپتە بەلغەمگە قان يىپلىرى ئارىلاشقان بولىدۇ. كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا تۈكۈرگەن بەلغەمدىكى قاننىڭ مىقداىر كۆپ بولىدۇ. ئەگەر بەلغەم مىقدارى ئاز بولسىمۇ تەكرار قان تۈكۈرۈشنى مۇھىم ئىپادە قىلغان بولسا، بۇ «قۇرۇق كانايچە كېڭىيىش كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ.

باشقا ئالامەتلەر:

كانايدا ئاجرالما ماددىلار كۆپەيگەنلىكتىن، چەكلىك دائىرىدە مۇقىم بولغان ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىدۇ. يۆتىلىپ بەلغەمنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ۋاقىتلىق يوقىلىپ، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن يەنە پەيدا بولىدۇ.

ئۆپكە سىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ھۆل خىرىپ ئۆپكىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن ئاڭلىنىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت تەكرار يۇقۇملانغان كىشىلەردە ناغرا چوكىسىدەك بارماق شەكىللىنىش بىلەن بىرگە ئومۇمىي بەدەنلىك ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىدۇ. ئەگەر ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە تالالىشىش، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلارنىڭ بىرى قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا، شۇ كېسەللىكلەرگە خاس ئالامەتلەر بولىدۇ.

كېسەللىك ئۆزگىرىشى[تەھرىرلەش]

ئۆپكىنىڭ ئاستى تەرەپكە قارىغاندا ئۈستۈنكى تەرەپتە، ئوڭ تەرەپكە قارىغاندا سول تەرەپتە كۆپ ئۇچرايدۇ. سول تەرەپ تۆۋەنكى ئۆپكە بۆلىكىدىكى كانايچىلار ئۇزۇن ئىنچىكە بولۇش بىلەن بىرگە يۈرەكنىڭ بېسىشىغا كۆپ ئۇچرىغانلىقتىن، ئاسانلا ئاجرالما ماددىلار يىغىلىپ قېلىپ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىل كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان كانايچە كېڭىيىش كۆپىنچە ئۆپكە يۇقىرىقى قىسمىدا بولىدۇ.

كېسەللىك يۈز بەرگەن ئورۇندىكى كانايچە دىۋارىنىڭ شىللىق پەردىسى، ئىلاستىك تالاسى، سىللىق يوللۇق مۇسكۇل ۋە كۆمۈرچەك سۆڭەكلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ زەخىملىنىشكە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى تالالىق توقۇلمىلار ئىگىللەيدۇ. كېسەللىك يۈز بەرگەن ئورۇندىكى ئىنچىكە قان تومۇرلار كېڭىيىدۇ. يەنى ئۆپكە ئارتېرىيىسى بىلەن كانايچە ئارتېرىيىسى كېڭىيىپ، قان تومۇر ئۆسمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭ زەخىملىنىشى بىلەن چوڭ قان تۆكۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.

تەشخىسى(دىئاگنوزى)[تەھرىرلەش]

1. سوزۇلما كانايچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

سوزۇلما كاناي ياللۇغى ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، يۆنىلىش، بەلغەم تۆكۈرۈش، سوغۇق پەسىلدە كۆپرەك قوزغىلىش، بەلغەمدە قان يىپچىلىرى بولۇش، ئەمما قان تۆكۈرۈش بولماسلىق، ئۆپكىدىن تارقاق ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىش، ئورنى مۇقىم بولماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. ئۆپكە سىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆپكە سىلىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆپىنچە ئۆپكىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا بولۇش، بەلغەم مىقدارى ئاز بولۇش، سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىدىن ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، قىزىش، تەرلەش ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇش، بەلغەمنى تەكشۈرگەندە سىل جاراسىمى تېپىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىدىكى كېسەللىك جەريانى قىسقا، كېسەللىك قوزغىلىشى جىددىي بولۇش، پۈتۈن بەدەن زەھەرلىنىش ئالامەلتىرى بولۇش، ئۆپكىنى چېكىپ تەكشۈرگەندە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بار ئورۇندىن بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىش، تىڭشاپ تەكشۈرگەندە نەپەس تاۋۇشى ئاجىزلاش، رېنتگېندە تەكشۈرگەندە چوڭ ياپىلاق سايە كۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدە يىرىڭ بوشلۇقى، بوشلۇق ئىچىدە سۇيۇقلۇق يۈزى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئەگەشمە كېسەللىكى:

1. ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقۇملىنىش كېسەللەنگەن كانايچىدىن بارلىق ئۆپكە بۆلەكلىرىگە تارقاپ كانايچە ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى، يىرىڭلىق كۆكرەكنى، قان يولى ئارقىلىق بېرىپ مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى 1. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

2. ياللۇغ قايتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىپ، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

جاراھەت پۈتتۈرۈش، قان توختىتىش ئۈچۈن دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

4. يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، يۈرەكنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

ياللۇغ قايتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە زۇپا شەربىتى، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئەنسىل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ پەريادىدۇس كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ لوئوقى چىلغوزا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، لوئوقى بادام كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، لوئوقى كەتەن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرادمىن، لوئوقى سەرپىستان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، سۇفۇپى زۇپا كۈندە ئىكىك قېتىم 7 گرامدىن، لوئوقى زۇپا كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

شەربىتى پەريادىدۇس نۇسخىسى: قىزىلگۈل، كۆكنار ئۇرۇقى، سەرپىستان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زۇپا، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئاق سەندەل، بەدىيان 10 گرامدىن، ئۇد سەلىپ، گاۋزىبان، پىرسىياۋشان 15 گرامدىن، ئۈزۈم 30 گرام، شېكەردىن 30 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

لوئوقى زۇپا نۇسخىسى: زۇپا، خەشخاش ئۇرۇقى 30 گرامدىن، بادام مېغىزى، زىغىر 100 گرادمىن، چىلغوزا مېغىزى 60 گرام، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى 10 گرامدىن، ھەسەلدىن 900 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە لوئوق تەييارلىنىدۇ.

سۇفۇپى زۇپا نۇسخىسى: زۇپا، چىلغوزا مېغىزى، قاپاق مېغىزى، بادام ئېغىزى ئۇرۇقى، تاۋۇز مېغىزى 30 گرامدىن، بېھى ئۇرۇقى، سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، نىشاستە 20 گرامدىن، گاۋزىبان، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، خەشخاش پوستى، خەشخاش ئۇرۇقى 10 گرامدىن ئېلىپ قائىدە بويىچە سۇفۇپ تەييارلىنىدۇ.

جاراھەت پۈتتۈرۈش، قان توختىتىش مەقسىتىدە، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان خەشخاش شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، لوئوق خەشخاش كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، لوئوقى كەتان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، قۇرسى سەرتان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 3~2 دانىدىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان سۇفۇپى سەرتان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سۇفۇپى سەرتان نۇسخىسى: خەشخاش پوستى، خەشخاش ئۇرۇقى 30 گرامدىن، سەرتان 15 گرام، سەمغى ئەرەبى، قاپاق مېغىزى، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، زىغىر 10 گرامدىن، بادام مېغىزى 60 گرام، نىشاستە بەش گرام، ناۋات 100 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە سوقۇپ تەييارلىنىدۇ.

خەشخاش شەرىبىت نۇسخىسى: خەشخاش پوستى 10 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، چاكاندا 50 گرامدىن، زۇپا، گۈلبىنەپشە 20 گرامدىن، شېكەر 300 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىرى ئەبرىشىم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىرى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئەبرىشىم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار[تەھرىرلەش]

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، مايلىق، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3. سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، زۇكام بولۇشتىن، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سوغۇق سۇ ئىچىش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن، زىيادە چارچاش، ئاچچىقلىنىشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەكلىك مۇھىتتا تۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

4. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.