كاڭ

ئورنى Wikipedia

بۇ ھاۋا كىلىماتى بىر قەدەر سوغۇق رايونلاردا قىش كۈنى ئىسىنىش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغا قۇرۇلما. ئۇ مۇنداق ياسىلىدۇ: ئالدى بىلەن ئۆينىڭ تۆر تەرىپىگە بىر سۇپا ياسىلىدۇ. سۇپا ئۈستىگە خام كېسەك بىلەن تۈتۈن يولى چىقىرىلىدۇ. بۇ بۇلۇڭغا مورا چىقىرىلىدۇ. ئاندىن تۈتۈن يولىنىڭ ئۈستىگە كاڭمەنزە يېپىلىدۇ (كاڭمەنزە )- ئون بەش سانتىمېتر سالغان كېسەك(، كاڭمەنزىنىڭ ئۈستى ئىنچىكە سۇراق بىلەن سۇۋۇلىدۇ. ئوچاققا قالانغان ئوتنىڭ تۈتۈنى تۈتۈن يولى ئارقىلىق مورىغا بېرىپ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. تۈتۈن ئارقىلىق كاڭمەنزە قىزىپ ئۆينى ئىسسىتىدۇ. كاڭنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ئوچاق ياكى پىلتە سېلىنىدۇ.

كاڭغا كىگىز، پالاز ياكى گىلەم سېلىنىدۇ. قىش كۈنلىرى بولۇپمۇ ئۇششاق بالىلىرى بار ئائىلىلەردە كاڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەل ئاغرىقى، رېماتىزم قاتارلىق سوغۇق يەلدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللەر ئۈچۈن كاڭدا يېتىپ - قوپۇشنىڭ شىپالىق رولى چوڭ. (ر)