كاۋا سامسىسى

ئورنى Wikipedia

كاۋا سامسىسى ئۇن ئىككى كىلوگرام، كاۋا ئىككى يېرىم كىلوگرام، سۇ بىر كىلوگرام، داغلانغان سۇ يېغى 70 گرام، خېمىرتۇرۇچ 35 گرام، زىرە مۇۋاپىق، پىياز ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1 . سەي كاۋىسىنىڭ پوستىنى شىلىۋېتىپ، قىرغۇچ بىلەن قىرىپ ياكى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ 10 مىنۇت قويغاندا، كاۋىنىڭ سۈيى چىقىدۇ، سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ، پىياز، زىرە ۋە ياغ ئارىلاشتۇرۇپ كاۋا قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ كۆپتۈرۈپ، 20 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، پوزا بىلەن جىلت ئېچىپ، كاۋا قىيمىسى سېلىپ سامسا تۈگۈلىدۇ.

3. دوخاپكىنىڭ لېسىنى ياغلاپ، تۈگۈلگەن سامسىنى سېلىپ 20 ـ 15 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. تونۇرغا يېقىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. بۇ سامسا كۆپۈپ چىقىدۇ.