كرىستىن دەلفى

ئورنى Wikipedia
كرىستىن دەلفى (Christine Delphy

فرانسۇزچە "كخىستىن دەلفى" دەپ ئوقۇلىدۇ)

ھۆججەت:AVT2 Delphy 4252.jpeg
كەسپى
  • جەمىيەتشۇناس،
  • ئايالىزىمچى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1941 ۋەتەنداشلىقى فرانسۇز

كرىستىن دەلفى فرانسىيەنىڭ تونۇلغان جەمىيەتشۇناسى ۋە فرانسىيە دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى. ئاساسلىق تەتقىقات دائىرىسى ئايالىزىم ۋە جىنىسلەر تەتقىقاتى بولۇپ، فرانسىيەدە نەشىر قىلىنىدىغان “يېڭى ئايالىزىم مەسىلىلىرى” ژورنىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش مۇدىرى.

فرانسۇز ئايالىزىمچىلار ۋە جەمىيەتشۇناسلار ئىچىدە ئەڭ ئادىل تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولغان دەلفى ئۆزىنىڭ ئامرىكىنى باش قىلغان غەرپ يېڭى مۇستەملىكىچىلىكى ۋە دۇنيادىكى سىياسى زوراۋانلىقىغا قەتئى قارشى تۇرغانلىقى، باشتىن-ئاخىر مەيدانىدىن ۋاز كەچمەي، ئافغانىستان، ئىراقلارغا قارشى قىلىنغان دەپسەندە ئۇرۇشنى قاتتىق ئەيىپلىگەنلىكى بىلەنلا كۆزگە كۆرۈنمەي، بەلكى يەنە فرانسىيەنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا ياغلىق چەكلەش قانۇنىغا قارشى چىققانلىقى بىلەن غۇلغۇلا قوزغىغان مۇھىم شەخسلەردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ.

كرىستىن دەلفى پەقەت فرانسىيە جەمىيىتىدىكى ئاياللارنىڭ تەڭسىزلىك ئورنىغا قارشى كۈرەش قىلىپلا قالماي، يەنە كۆچمەنلەر، تېگى كۆچمەن بولغان ئازسانلىقلار(ئاساسەن شىمالى ئافرىقا ئەسلىدىن بولغان ئەرەپلەر) ۋە يەنە ھەمجىنىسلارنىڭ كەمسىتىلىشى ۋە چەتكە قېقىلىشىنى ئۆتكۈر ئانالىز ۋە ئەمەلى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن قامچىلايدۇ. بۇ ئۈچ خىل كەمسىتىلىشنىڭ تارىخى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئرقۋازلىق ۋە جنىسۋازلىقنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

كرىستىن دەلفى ئامرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قارشى ئۇرۇشى ۋە خەلقئارا كۈچلەرنىڭ ھەمنەپەس بولغانلىقىنى ئەيىپلەپلا قالماي، يەنە ئاتالمىش ئافغان ئاياللىرىنى ئازاد قىلىشنىڭ ئامرىكا تەرىپىدىن ئۇرۇش سەۋەپلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەنقىد قىلىدۇ. ئافغان ئاياللىرىنىڭ بەلكى تالىبانلار زامانىدىكىدىنمۇ بەتەر كۈن كۆرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان دەلفى بۇ ئانالىزى ئۈچۈن، فرانسىيەدە چەتكە قېقىلىدۇ ۋە ئايالىزىمچىلار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرايدۇ.

كرىستىن دەلفى فرانسۇز ئىنسانى ئىلىملەر تەتقىقاتچىلىرى ئىچىدە، شۈبھىسىزكى ئىسلام دىنىنى، مۇسۇلمانلارنى ۋە بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئاياللارنى ئەڭ قوغدىغان بىرىدۇر. ياغلىق چەكلەش قانۇنىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن دەلفى بۇ قانۇننى فرانسىيەنىڭ ئەلمىساقتىن بېرى ئىسلام دۇنياسىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى دەپ كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بىر تەرەپتىن باشقا كۆچمەنلەردەك ئەسلى، باشقا مۇسۇلمانلاردەك دىنى ۋە باشقا بارلىق ئاياللاردەك جىنسى سەۋەبىدىن ئۈچ تۈرلۈك زوراۋانلىققا ۋە كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

  • ئاساسلىق دۈشمەن 1: ئاتىلىق تۈزۈمنىڭ ئىقتىسادى سىياسىتى، سىلەپىس نەشرى، يېڭى ئايالىزىم مەسىلىلىرى، 1998.
  • ئاساسلىق دۈشمەن 2: جىنىسلەر ھەققىدە تەپەككۈر،سىلەپىس نەشرى، يېڭى ئايالىزىم مەسىلىلىرى، 2001.
  • 'ئىككىنچى جىنىسنىڭ 50 يىللىقى، سىلەپىس نەشرى، 2002
  • ئايرىماق، باشقۇرماق: “باشقىلار” كىم؟، لا فابغىك نەشرى، 2008
  • شۇ قەدەر ئالاھىدە بىر ئۇنىۋېرسالىزىم: ئايالىزىم ۋە فرانسۇزچە ئالاھىدىلىك، 1980-2010،، سىلەپىس نەشرى، يېڭى ئايالىزىم مەسىلىلىرى، ئاپرىل 2010