كرېمل سارىيى

ئورنى Wikipedia

كرېمل سارىيى تارىختىن بۇيان رۇسىيىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ موسكۋا شەھەر مەركىزىگە، موسكۋا دەرياسىنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان. ساراي تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2235 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن 19 مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 3 يېرىم مېتىردىن 6 يېرىم مېتىرغىچە، ساراي كۆلىمى 280 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

كرېمل سارىيى تارىختىن بۇيان رۇسىيىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ موسكۋا شەھەر مەركىزىگە، موسكۋا دەرياسىنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان. ساراي تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2235 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن 19 مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 3 يېرىم مېتىردىن 6 يېرىم مېتىرغىچە، ساراي كۆلىمى 280 مىڭ كۋادىرات كىلومېتى كېلىدۇ. سارايغا تۆت دەرۋازا ۋە 19 دانە قوڭغۇراق مۇنارى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا كىرىمىل سارىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىنى 12-ئەسىردىكى موسكۋا كېنەزى دورگېلىك ياغاچتىن سېپىل ياسىتىپ سالغان ئىكەن. ئەمەلىيەتتە كىرىمىل سارىيىنىڭ ئەۋزەل سەنئەت ئاساسى 1485-يىلىدىن 1495-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىتالىيىلىك بىناكارلىق ئۇستىلىىرى سالغان چېركاۋنى چۆرىدەپ بارلىققا كەلگەن. روسىيە بارلىققا كەلگەندىن بۇيان كىرىمىل سارىيى پادىشاھلارنىڭ تۇرىدىغان ئورنى بولۇپ كەلگەنلىكتىن كىرىملىن سارىيى يەنە روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

قۇرۇلۇش شەكلى[تەھرىرلەش]

كرېمل سارىيى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىغاندا ناھايىتى چوڭ بىر ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ھەر بىرىدە يەتتە دانە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان توپ مۇنارى بار. كرېمل سارىيىنىڭ شىمالى بۇرجىكى روسىيىنىڭ قەدىمكى قورال ياراغ ئىسكىلاتى بولۇپ بۇ يەردە 1812-يىلى روسىيە ناپالىيوندىن ئولجا ئالغان بىر قانچە يۈز زەمبىرەك قويۇلغان. ساراينىڭ غەربى تەرىپى مۇزىي بولۇپ روسىيىنىڭ ئىۋاننىڭ تاجى ۋە تەختى، ئايال پادىشاھ يېكاتېرنانىڭ توي كۆينىكى، 17-ئەسىردىكى رۇس تىلىغا تۇنجى تەرجىمە قىلىنغان، مۇقاۋىسىغا 3017 دانە ياقۇت ئىشلىتىلگەن ئىنجىل قاتارلىق قىممەتلىك تارىخى مىراسلىرى ساقلانغان. سىرتىدا بولسا داڭلىق ئالىكساندېر گۈللۈكى ۋە ياشلارنىڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئورنىغا ئايلىنىپ كەتكەن نامسىز قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى بار. ساراينىڭ شەرقى تەرىپىدە كرېمل سارىيىنىڭ

سىمۋولى بولغان سىپاسكايا سائەت مۇنارى بولۇپ، مۇنارنىڭ تۆت تەرىپىدىكى ئالتۇن تىللىق قارا سائەت دۇنيادىكى ئاز سانلىق رەسەتخانا بىلەن ماس قەدەمدە ھەركەتلىنىدىغان توغرىلىق قىممىتى يۇقىرى سائەتلەرنىڭ بىرى.كرېمل سارىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالتۇن مۇنارلىق ئۈچ چوڭ چېركاۋ بار بولۇپ، 76 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئىۋان قوڭغۇراق راۋىقى كرېمل سارىيى بويىچە ئەڭ ئىگىز بىنا ھىساپلىنىدۇ. بۇ يەردە يەنە 1586-يىلى ياسالغان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زەمبىرەك بار بولۇپ ئېغىرلىقى قىرىق توننا كېلىدىغان، ئوق ئېغىزىغا 2-3 ئادەم ئۆمىلەپ كىرگىلى بولىدىغان بۇ زەمبىرەكنىڭ توپ چاقى ئېگىزلىكى 2مېتىر كېلىدۇ. كرېمل سارىيىنىڭ ئالدىدا قىزىل مەيدان دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى چوڭ مەيدان بولۇپ رۇسىيىنىڭ چوڭ پائالىيەت ۋە پاراتلىرى ئاساسەن مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىلىدۇ. رۇسىيىنىڭ تارىختىن بېرىقى ئىمپىراتۇرلىرىنىڭ شۇنداقلا لېنىننىڭ قەبرىسى قىزىل مەيدانغا جايلاشقان.

خەنزۇچە نامى[تەھرىرلەش]