كوبى بىرايېنت

ئورنى Wikipedia
كوبى بىرايېنىت(2015 يىلى )

كوبى بىرايېنت (ئېنگلىزچە: Kobe Bean Bryant) ئامىرىكىلىق دۇنياغا داڭلىق باسكىتبولچى. ئۇ 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى 41-يېشىدا كالىغورنىيە شىتاتىدىكى تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسدە 13 ياشلىق قىزى بىلەن بىرگە قازا قىلغان. ئۇ ئېن ب ئا كۆلچىلەر كوماندىسنىڭ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئەڭ داڭلىق توپچىسى.

كوبى بىرايېنىت Kobe Bryant
كوبى بىرايېنت كۆلچىلەر كوماندىسنىڭ كىيىمى بىلەن گارغا توپ ئېتىش ھالىتىدە

ئۇچۇرى
تۇغۇلغان 1978، 23 ئاۋغۇسىت

پېنسىلۋانىيە شىتاتى، فىلادىلفىيە

قازا قىلغان 2020، 26 يانىۋار (41ياش)

كالىغورنىيە، كالاباساس

ۋەتەنداشلىقى ئامېرىكا
ئېگىزلىگى 198 سانتىمىتىر
ئېغىرلىقى 96 كىلو (212 قاداق)
كەسپى ھاياتى
تۇلۇق ئوتتۇرا تۈۋەنكى مەرىيون

پېنسىلۋانىيە شىتاتى، ئاردمور

ئېن ب ئا تاللانغان 1996-يىلى، 1-ئايلانما، 13-ېنچى بۇلۇپ

تاللانغا

چارلوتى خورنەتىس تەرىپىدىن تاللانغان
تەنھەركەت ھاياتى 1996–2016
ئورنى ھۇجۇمچى
نۇمۇرى 8, 24

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

كوبى برايېنت 1978-يىلى ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان، NBA تارىخىدىكى رىۋايەتلىك توپچىلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا مايكىل جورداننىڭ ئىزباسارى دەپ ئاتالغان. كوبىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 6 فۇت (1.98 مېتىر) بولۇپ، مەيداندا ئارقا مۇداپىئەچى ئورنىدا ئوينىغان. 1996-يىلى 18 ياشلىق كوبى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سالاھىيىتى بىلەن تالانتلىقلارنى تاللاش يىغىنىنىڭ 13-رەت تەرتىپىدە شارلوت سېرىق ھەرىسى كوماندىسى تەرىپىدىن تاللانغان، ئارقىدىن ئۇ لوس ئانجىلېس كۆل ئادىمى كوماندىسىغا ئەۋەتىلىپ، ئۆزىنىڭ رىۋايەتكە يولغان ۋاسكىتبول ھاياتىنى باشلىغان. 1996-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە كوبىنىڭ پۈتكۈل كەسپىي ھاياتى كۆل ئادىمى كوماندىسىدا ئۆتكەن، بۇ مەزگىلدە ئۇ بەش قېتىم بىرلەشمىنىڭ ئومۇمىي چېمپىيونى بولغان، ئىككى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئەڭ قىممىتى بار توپچى، بىر قېتىملىق دائىملىق مۇسابىقىدىكى ئەڭ قىممىتى بار توپچى ۋە ئىككى قېتىم نومۇر ئېلىش شاھى شەرىپىگە ئېرىشكەن، ھەمدە 11 قېتىم NBA بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە، 18 قېتىم چولپانلار سەپ شەكلىگە تاللانغان. 2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كوبى كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تاللىغان، ئۇ كەسپىي ھاياتىدا 33653 نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ، NBA بىرلەشمىسى تارىخىدا 3-ئورۇنغا تىزىلغان.

كوبى بىرايېنت تەننازى قىزلار ئارىسىدا

كوبى بىلەن ئايالى ۋانېسانىڭ بىرلىكتە تۆت قىزى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىك قىزى تېخى بىر ياشقا كىرمىگەن.

تىك ئۇچار ۋەقە جەريانى[تەھرىرلەش]

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىسى TMZ تور بېكىتى ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇچقۇچى بىلەن بۇربانك ئايرودرومى (Burbank Airport) مۇنار سۇپىسى خادىمىنىڭ سۆھبەت مەزمۇنىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇچقۇچى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە مۇنار سۇپىسى بىلەن ئالاقىلاشقان، بۇ چاغدا، مۇنار سۇپىسىدىكىلەر ئۇچقۇچىنىڭ بوشلۇقتا 15 مىنۇت ئايلانغانلىقىنى بىلگەن. كېيىن 118-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ شىمالغا قاراپ يۈرۈپ، ئاندىن غەرب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، 101-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا قاراپ ماڭغان.

تەخمىنەن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچقۇچى تۇمانغا ئۇچرىغانلىقتىن تاغلىق رايونغا بۇرۇلغان، يەنە كېلىپ تۇيۇقسىز 1200 فۇت (تەخمىنەن 365 مېتىر) ئېگىزلىكتىن تېز سۈرئەتتە 2000 فۇت (تەخمىنەن 609 مېتىر) ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلگەن؛ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە تىك ئۇچار ئايروپىلان 1700 فۇت كېلىدىغان تاغلىق رايونغا كىرگەن بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ئايروپىلان سائىتىگە 161 مىل (تەخمىنەن 296 كىلومېتىر سائەت) سۈرئەتتە ئۇچقان؛ سائەت 10 دا ئايروپىلان چۈشۈپ پاچاقلىنىپ كەتكەن.

كوبى بىرايېنت گارغا باسماقتا

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھادىسىدە كوبىنىڭ 13 ياشلىق قىزى ئىنامۇ شۇ ئايروپىلاندا بار ئىكەن. كوبى ئولتۇرغان شەخسىي تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچۇش جەريانىدا ئوت كېتىپ چۈشۈپ كەتكەن. شۇ جاي ۋاقتى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن كوبى ئولتۇرغان بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى كاراباساستا چۈشۈپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا تىك ئۇچار ئايروپىلاندا كوبىدىن باشقا يەنە تۆت ئادەم بار ئىكەن. بۇ ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئايروپىلاندا بىرمۇ كىشى ھايات قالمىغان بولغان بولۇپ، بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تەپسىلاتلاردىن ئىگىلىنىشىچە، كوبىنىڭ ئايالى ۋانېسا ۋەقەگە ئۇچرىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرمىغان.

باھا[تەھرىرلەش]

كوبىنىڭ شانلىق كەسپىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ۋاسكىتبول ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە ئارتۇق سۆزلەش بىھاجەت، كوبىنىڭ ۋاپاتى، NBA بىرلەشمىسى ۋە شۇنداقلا پۈتكۈل ۋاسكىتبول ساھەسىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا تەنتەربىيە ساھەسىگە بولغان چوڭ يوقۇتۇش

مۇسابىقە نەتىجىلىرى[تەھرىرلەش]

ئادتتىكى مۇسابىقە پەسلى[تەھرىرلەش]

يىل كوماندا GP GS MPG FG% 3P% FT% RPG APG SPG BPG PPG
1996–97 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 71 6 15.5 .417 .375 .819 1.9 1.3 .7 .3 7.6
1997–98 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 79 1 26.0 .428 .341 .794 3.1 2.5 .9 .5 15.4
1998–99 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 50 50 37.9 .465 .267 .839 5.3 3.8 1.4 1.0 19.9
1999–00† لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 66 62 38.2 .468 .319 .821 6.3 4.9 1.6 .9 22.5
2000–01† لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 68 68 40.9 .464 .305 .853 5.9 5.0 1.7 .6 28.5
2001–02† لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 80 80 38.3 .469 .250 .829 5.5 5.5 1.5 .4 25.2
2002–03 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 82 82 41.5 .451 .383 .843 6.9 5.9 2.2 .8 30.0
2003–04 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 65 64 37.6 .438 .327 .852 5.5 5.1 1.7 .4 24.0
2004–05 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 66 66 40.7 .433 .339 .816 5.9 6.0 1.3 .8 27.6
2005–06 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 80 80 41.0 .450 .347 .850 5.3 4.5 1.8 .4 35.4*
2006–07 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 77 77 40.8 .463 .344 .868 5.7 5.4 1.4 .5 31.6*
2007–08 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 82 82 38.9 .459 .361 .840 6.3 5.4 1.8 .5 28.3
2008–09† لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 82 82 36.1 .467 .351 .856 5.2 4.9 1.5 .5 26.8
2009–10† لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 73 73 38.8 .456 .329 .811 5.4 5.0 1.5 .3 27.0
2010–11 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 82 82 33.9 .451 .323 .828 5.1 4.7 1.2 .1 25.3
2011–12 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 58 58 38.5 .430 .303 .845 5.4 4.6 1.2 .3 27.9
2012–13 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 78 78 38.6 .463 .324 .839 5.6 6.0 1.4 .3 27.3
2013–14 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 6 6 29.5 .425 .188 .857 4.3 6.3 1.2 .2 13.8
2014–15 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 35 35 34.5 .373 .293 .813 5.7 5.6 1.3 .2 22.3
2015–16 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 66 66 28.2 .358 .285 .826 3.7 2.8 .9 .2 17.6
كەسپى ھاياتىدا 1,346 1,198 36.1 .447 .329 .837 5.2 4.7 1.4 .5 25.0
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 15 15 27.6 .500 .324 .789 5.0 4.7 2.5 .4 19.3
كوبى بېرايېنت بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە

تاللانما مۇسابىقە پەسلى[تەھرىرلەش]

كوبى بىرايېنت ئامىرىكا جۇمھۇر رەئىسى كىچىك بوش بىلەن (2008)
يىل كوماندا GP GS MPG FG% 3P% FT% RPG APG SPG BPG PPG
1997 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 9 0 14.8 .382 .261 .867 1.2 1.2 .3 .2 8.2
1998 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 11 0 20.0 .408 .214 .689 1.9 1.5 .3 .7 8.7
1999 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 8 8 39.4 .430 .348 .800 6.9 4.6 1.9 1.3 19.8
2000† لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 22 22 39.0 .442 .344 .754 4.5 4.4 1.5 1.5 21.1
2001† لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 16 16 43.4 .469 .324 .821 7.3 6.1 1.6 .8 29.4
2002† لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 19 19 43.8 .434 .379 .759 5.8 4.6 1.4 .9 26.6
2003 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 12 12 44.3 .432 .403 .827 5.1 5.2 1.2 .1 32.1
2004 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 22 22 44.2 .413 .247 .813 4.7 5.5 1.9 .3 24.5
2006 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 7 7 44.9 .497 .400 .771 6.3 5.1 1.1 .4 27.9
2007 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 5 5 43.0 .462 .357 .919 5.2 4.4 1.0 .4 32.8
2008 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 21 21 41.1 .479 .302 .809 5.7 5.6 1.7 .4 30.1
2009† لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 23 23 40.8 .457 .349 .883 5.3 5.5 1.7 .9 30.2
2010† لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 23 23 40.1 .458 .374 .842 6.0 5.5 1.3 .7 29.2
2011 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 10 10 35.4 .446 .293 .820 3.4 3.3 1.6 .3 22.8
2012 لوس ئانگىلىس كۆلچىلەر 12 12 39.7 .439 .283 .832 4.8 4.3 1.3 .2 30.0
كەسپى ھاياتىدا 220 200 39.3 .448 .331 .816 5.1 4.7 1.4 .6 25.6

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئېنگلىزچە قامۇس
  2. نۇر تورى