كورىيە بايرىقى

ئورنى Wikipedia
كورىيە جۇمھۇرىيىتى بايرىقى

كورىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي مىللىي بايرىقى تېگىكى چاۋشيەن پادىشاھلىقى دەۋرىدىلا ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىسمىنى تەڭداش ۋە نۇقسانسىز بىر تەڭپۇڭلۇق بىلەن ئىككىگە بۆلگەن ئوتتۇرىسىكى تويىنىزىم چەمبىرىكىدىن ئالماقتا. بۇ ئىشارەت بىر بىرىگە قارىمۇ قارشى بولغان ئەمما قۇسۇرسىز ئۇيۇشقان ۋە تەڭپۇڭ بولغان كائىنات كۈچلىرىنىڭ سىموۋۇلى بولغان ئىككى زىت قۇتۇپتىن تەشكىل تاپىدۇ: مۇزەككەر ۋە مۇئەننەس. ئۈستىدىكى قىزىل قىسمى مۇئەننەس، ئاستىدىكى كۆك قىسمى بولسا مۇزەككەر ئېرۇر.

بايراقنىڭ تۆرت بۇرجىسىدىكى ئۈچلۈك سىزىقلار قارىمۇقارشىلىق ۋە ماسلىشىشچانلىقنى بىلدۈرىدۇ. سول ئۈست بۇرجىدىكى كېسكسىز سىزىقلار جەننەت ۋە سامانى، ئوڭ ئۈست بۇرجىدىكى ئىككى كېسىكلىك سىزىق ئوتتۇرسىدىكى كېسىكسىز سىزىق سۇنى، سول ئاست بۇرجىدىكى ئىككى كېسىكسىز سىزىق ئارىسىكى كېسىك سىزىق ئوتنى، ئوڭ ئاست بۇرجىدىكى كېسىكلىك سىزىقلار بولسا يەر يۈزىنى تەمسىل قىلۇر. بايراقنىڭ ئاق تېگى، كورىيە خەلقىنىڭ پاك-پاكىزلىقىنى ۋە تېنچلىق سۆيەر خاسلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بايراقنىڭ تامامى، كورىيە خەلقىنىڭ كائىنات بىلەن ماسلىشىش ئىچىدە ياشاش پرېنسىپىنى بىلدۈرىدۇ.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

كورىيە گېربى