كوكوس پالمىسى

ئورنى Wikipedia

كوكوس پالمىسى بىر خىل ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكى بولۇپ دەرىخىنىڭ ئۇچىدا بىر توپ ياپيىشىل پەيسىمان يوپۇرمىقى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە پوتبول توپى چوڭلۇقىدىكى نۇرغۇن كوكوس ياڭاقلىرى ئېسىلىپ تۇرىدۇ.

 

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

كوكوس پالمىسى بىر خىل ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكى بولۇپ دەرىخىنىڭ ئۇچىدا بىر توپ ياپيىشىل پەيسىمان يوپۇرمىقى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە پوتبول توپى چوڭلۇقىدىكى نۇرغۇن كوكوس ياڭاقلىرى ئېسىلىپ تۇرىدۇ، كوكوس پالمىسى دېڭىز بويلىرىدا خۇددى غايەت چوڭ كۈنلۈككە ئوخشاش تىك قەد كۆتۈرۈپ، دېڭىز بىلەن بىرلىكتە چىرايلىق ئىسسىق بەلباغ مەنزىرسىنى ھاسىل قىلىدۇ. دېڭىز بويلىرىدا شامال كۈچلۈك بولغاچقا تۇپراق دېڭىز تاشقىنى تەرىپىدىن ھۆللىنىپ، تۇپراقنىڭ تۇز تەركىبى يۇقىرلايدۇ. كوكوس پالمىسىنىڭ ئۇ جايلاردا ماكانلىشىپ ئۆسەلىشىنىڭ ئۆزىگە خاس داۋالىسى بار . بىزگە مەلۇمكى كوكوس ياڭىقى كوكوس پالمىسىنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىكى ئەلچىسى، كوكوس ياڭاقلىرى پىشقان ۋاقىتتا دېڭىز شامىلىنىڭ ئۇرۇشى بىلەن غولىدىن ئاجراپ دېڭىزغا چۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىز سۈيىدىن پايدىلىنىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ.

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

كوكوس ياڭىقى بىرخىل ئۈچكىلىك مېۋە بولۇپ، مېۋە پوستى بوش ياڭاق ماددىسىدىن، ئوتتۇرىسى قوڭۇر تالا قەۋېتىدىن تۈزۈلگەن، ئۇلار پىشقاندىن كېيىن سۇغا تۆكۈلۈپ دېڭىزدا خۇددى شاردەك لەيلەپ يۈرىدۇ، سىسىپ كەتمەيدۇ ياكى چۆكۈپ كەتمەيدۇ ھەمدە دېڭىز سۈيىنىڭ ئېقىتىشى بىلەن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى جايلارغا يىتىپ بارىدۇ، ئۇلار تىيىز دېڭىز ساھىلىرىغا چىقىپ قالغان ياكى دولقۇنلار ئۇلارنى قىرغاققا سۈرۈپ چىقارغاندىن كىيىن ئۆسۈشكە باپ كىلىدىغان شارائىتقا دۇچ كەلسىلا، ئۇ جايدا بىخ سۈرۈپ ئۆسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يېڭى كوكوس پالمىلىرى دېڭىز بويلىرىدا قەد كۆتۇرىدۇ، كوكوس پالمىلىرنىڭ شور تۇپراقتىن قۇرقمايدىغانلىقىغا كەلسەك، بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئەتتىكى بىرخىل تاللىشىدۇر ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ دېڭىز ياقىلىرىدا ئۆسۈپ ماكانلىشىپ قالغانلىقى ئۇلارنىڭ بۇ خىل شارائىتقا ماسلىشىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ. بىر كىشى كوكوس پالمىلىرىنى يۈننەننىڭ جەنۇبىغا ئەكىلىپ تىكىپ ئۇلارنىڭ يىلتىز تۈۋىگە بىر ئاز تۈز كۆمگەن، بۇنىڭ بىكەن كوكوس پالمىلىرى تېخىمۇ ياخشى ئۆسىدىغانلىقىنى بايقىغان.

مەنبە:ئىزدە قامۇسى