كومسومول شەھىرى

ئورنى Wikipedia

روسىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ئېغىر سانائەت شەھىرى. بۇ شەھەر خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان .

كومسومول شەھىرى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

روسىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ئېغىر سانائەت شەھىرى. بۇ شەھەر خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان، شەرق بىلەن دەريا ئاغزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 700 كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 264 مىڭ (1979) . 1932-يىلى كوممۇنىستىك ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلىقنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كومسومول شەھىرى دەپ نام بېرىلگەن. شەھەر تارماق تۆمۈر يوللار ئارقىلىق شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى سوۋېت پورتى، خاباروۋسكى قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق(كېمىسازلىق، ئايروپىلان، كىران ماشىنىلىرى. . . ) ، پولات-تۆمۈر، مېتالچىلىق، نېفىت ئايرىش سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەر يىلىغا بىر مىليون توننىدىن ئارتۇق پولات ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ تىپتىكى پولات زاۋۇتى بار. بۇ روسىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى ئەڭ چوڭ پولات سانائەت شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. كومسومول شەھىرىنىڭ سۇ قاتنىشىمۇ تەرەققىي قىلغان، پاراخوت ئارقىلىق تۆۋەن ئېقىنغا قاراپ يۈرسە دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى نىكولايېۋسكى شەھىرىگە ۋە باشقا دېڭىز قىرغاق شەھەرلىرىگە بارغىلى بولىدۇ.