كومپيۇتېر دىگەن نىمە ؟

ئورنى Wikipedia

كومپيۇتېر دىگىنىمىز ئادەمنىڭ ھىسابلاش سۈرئىتىنىڭ نەچچە مىليون(ھەتتا نەچچە مىليارد) ھەسسى بىلەن ھىسابلاش ۋە لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىش ئىلىپ بارالايدىغان ئۈسكىنە .مەسلەن ، ھازىرقى نۇرغۇن خاس كومپيۇتېرلار سىكونتىغا بىرمىليارد قىتىم قوشۇش ھىسابىنى تاماملىيالايدۇ ، بۇ بىر ئادەم ھىسابلىغۇچ بىلەن بىرئۆمۈر تۈگىتىپ بولالمايدىغان ئىش!(ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى كومپىيۇتىر ۋە ئادەمنىڭ بۇ سانلارنى توغرا قوشقانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كىرەك؟) ھازىر ئەڭ تىز بولغان سۇپېر كومپيۇتېر(supercomputer) سىكونتىغا ھەتتا نەچچە مىڭ مىليار قىتم قوشۇش ھىسابى ئىلىپ بارالايدۇ! كومپيۇتېر بىرتۈرلۈك بۇيرۇقلارنىڭ كونتىروللىقى بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى بىرتەرەپ قىلىدۇ، بۇبىر تۈرلۈك بۇيرۇق كومپيۇتېر پىروگىراممىسى دەپ ئاتىلىدۇ . كومپيۇتېر پىروگىراممىلىرى، كومپيۇتېر پىروگىراممىرلىرى بەلگىلەپ بەرگەن بىرگورپا تەرتىپلىك مەشخۇلات بىلەن كومپىيۇتېرنى باشقۇرىدۇ. بىر كومپيۇتېر ھەرخىل ئۈسكىنىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ، مەسلەن، كونۇپكا تاختىسى، كۆرسەتكۈچ، ماۋۇس، قاتتىق دىسكا، ئىچكى ساقلىغۇچ، DVD ۋە بىرتەرەپ قىلىش بۆلىكى قاتالىقلار. بۇ ئۈسكىنىلەر ئومومەن قاتتىق دىتال دەپ ئاتىلىدۇ. بارلىق كومپيۇتېردا ئىجىرا بولىدىغان پىروگىراممىلار يۇمشاق دىتال دەپ ئاتىلىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بىرى قاتتىق دىتاللارنىڭ باھاسى چوڭ دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، خاس كومپيۇتېرلار ئائىلىلەرگىچە ئوموملاشتى.


C++ How to Program, Fifth Edition by H.M Deitel and P.J Deitel دىن تىرجىمە قىلىندى.