كومپيۇتېر ۋىروسى

ئورنى Wikipedia

تۇرمۇشتا، كىشىلەر دائىم باكتېرىيە، ۋىرۇسلارنىڭ تارقىلىشى بىلەن كېسەل بولىدۇ. كومپيۇتېرمۇ يۇقۇملىنىش ئارقىلىق كېسەل بولۇپ قالىدۇ.

كومپيۇتېر ۋىرۇسى بىلەن ئادەم تېنىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدىغان ۋىرۇسقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئالاھىدە پروگراممىدۇر. بۇ خىل پروگرامما ئىجرا بولغاندا، كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق ماتىرىياللىرى ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، كومپيۇتېر سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ ياكى كومپيۇتېردا ساقلىنىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، ھەتتا پۈتكۈل سىستېمىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، غايەت زور ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلىدۇ.

كومپيۇتېر ۋىرۇسى كومپيۇتېرنىڭ خىزمىتىگە كاشىلا پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر ھۆججەتتىن باشقا بىر ھۆججەتكە تارقىلىدۇ ياكى ھۆججەت بىلەن بىللە بىر كومپيۇتېردىن باشقا بىر كومپيۇتېرغا يۇقىدۇ ھەتتا، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن كومپيۇتېرغا تارقىلىپ، ئۇلارنى «ۋىرۇس» بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ. بۇنداق ۋىرۇس پروگراممىلار كومپيۇتېرغا تارقالغاندىن كېيىن، دائىم بىر مەزگىل يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇپ، مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندىلا ئاندىن ئۆز رولىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئالاھىدە پروگراممىلار ئادەم تېنىدىكى ۋىرۇسلارغا ئوخشاشلا "يۇقالايدۇ" ۋە "يوشۇرۇنالايدۇ"، شۇڭا كىشىلەر ئۇلارنى ئوبرازلىق قىلىپ«ۋىرۇس» دەپ ئاتىغان. كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تېز. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادا ئاز دېگەندىمۇ نەچچە ئون مىڭ خىل كومپيۇتېر ۋىرۇسى بايقالدى. ھەم ھازېرغا قەدەر ھەر خىل يېڭى كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتىدۇ. [[😎 تۈر:كومپيۇتېر]]