كوندېنساتور

ئورنى Wikipedia

كوندېنساتور

كوندېنساتور(电容器,Capacitor ) بىر خىل ئېنىرگىيە ساقلايدىغان دىتال بولۇپ ، ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىش نىسبىتى قارشىلىقتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .توك يولىدا C بەلگېسى بىلەن ئىپادىلەيمىز ، ئەسكەرتىش : ھازىر بەزىبىر تەرجىمان يولداشلار كوندېنساتور دېگەننى ئېلېكتىر سىغىم دەپ ئالماقتا ،خەنچە (电容器) دېگەن گەپتىن پايدىلانغان بولۇشى ئھتىمالغا يىقىن . بۇنىڭغا نېمە دېيىشنى بىلمىدىم ، لېكىن مەن ئۆگەنگىنىم بويىچە كوندېنساتور ئېلىۋىرىمەن . بۇ بەلكىم روسچىدىن كىرگەن سۆزمىكىن ،مەنبەسى ئىنگىلىز ياكى خەن تىلىدەك قىلمايدۇ .

كوندېنساتورنىڭ بىرلىكى فارادا F بولۇپ ، مىكرو فارادا uF ۋە پىكو فارادا pF دېگەندەك كىچىك بىرلىكلىرى كۆپرەك ئشلىتىلىدۇ ،ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئايلاندۇرۇش مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىدەك : ، 1F =1000000uF 1uF= 1000000pF, يەنى بىر مىليۇن بويىچە ھەسسىلىنىدۇ . كوندېنساتور ئادەتتىكى توك يوللىرىدا ، دولقۇن سازلاش(谐振) ، دولقۇن سۈزۈش (滤波)، بىرىكتۈرۈش (耦合)، يان يول(旁路) ، دولقۇن شەكلى ئالماشتۇرۇش (波形变换)، ۋاقىت كېچىكتۈرۈش(延时) قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ . كوندېنساتور ئادەتتە توك يولىدا C بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز .

كوندېنساتورنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى[تەھرىرلەش]

كوندېنساتورنىڭ تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ ھەرخىل تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . توك يولىدىكى بەلگىسىگە ئاساسەن ، قۇتۇپسىز كوندېنساتور (无极性电容器)، ئېلىكترولىدلىق كوندېنساتور(电解电容器) ، تەڭشىلىدىغان كوندېنساتور (可调电容器)قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ .

قۇتۇپسىز كوندېنساتور[تەھرىرلەش]

قۇتۇپسىز كوندېنساتور (无极性电容器)


ئېلىكترولىدلىق كوندېنساتور[تەھرىرلەش]

2- رەسىم ئېلىكترولىدلىق كوندېنساتور(电解电容器) ئاۋۇ رەسىمدىكى مىنوس دېگەننى كۆردۇڭلارمۇ يا؟ ئاشۇ دەل كوندېنساتورنىڭ مەنپىي قۇتۇبى . ئاشۇ مىنۇس بەلگىسى بولمىسا بۇ قۇتۇپسىز كوندېنساتور.

تەڭشىلىدىغان كوندېنساتور[تەھرىرلەش]

3- تەڭشىلىدىغان كوندېنساتور (可调电容器)


ئادەتتە تاشقى شەكلىگە قاراپ نىپىز پەردىلىك كوندېنساتور ( 薄膜电容)، ئاليۇمىن ئېلىكترولىدلىق كوندېنساتور ( 铝电解电容器)، تانتال ئېلىكترولىدلىق كوندېنساتور ( 钽电解电容) ۋە چىنە كوندېنساتور ( 陶瓷电容,瓷片电容)قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ .

كوندېنساتورنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى : 1 . زەرەتلەش ۋە زەرەتسىزلەش ( 充电和放电)، ئادەتتە كوندېنساتور توك مەنبەسىگە ئۇلانغاندا ، كوندېنساتور زەرەتلىنىدۇ . توكتىن ئايرىغاندا زەرەتسىزلىنىدۇ . كوندېنساتورلارنىڭ زەرەتلەش ۋە زەرەتسىزلىنىش ۋاقتى ماتېرىيالىغا قاراپ ئۇزۇن ۋە قىسقا بولىدۇ .

كوندېنساتورنىڭ سىغىمى[تەھرىرلەش]

كوندېنساتورنىڭ سىغىمى ( 电容的容量):

كوندېنساتورنىڭ سىغىمى دېگىنىمىز – كوندېنساتورنىڭ زەرەت سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدىغان بىر خىل فىزىكىلىق مىقدار بولۇپ ، بۇ كوندېنساتوردىكى زەرەت مىقدارىغا ئوڭ تاناسىپ ، ئىككى قۇتۇپى ئارىسىدىكى ئېلىكتىر بېسىمىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ .

كوندېنساتورنىڭ زەرەت سىغىمىنىڭ بىرلىكى فارادا بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ، مىكروفارادا ۋە پىكوفارادا قاتارلىق بىرلىكلىرىمۇ بار . كوندېنساتورنىڭ توكقا بولغان تەسىرى :

كوندېنساتورنىڭ تۇراقلىق توكقا نېسبەتەن ، توسۇش يەنى ئۆتكۈزمەسلىك رولى بار ، ئۆ‍زگىرىشچان توكنى ئۆتكۈزىدۇ . ئۇنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ، ، دولقۇن سازلاش ، دولقۇن سۈزۈش ، يان يول ، دولقۇن شەكلى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ . كوندېنساتورنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى – تۇراقلىق توكنى توسۇپ ، ئۆزگىرىشچان توكنى ئۆتكۈزۈشتىن ئېبارەت . يەنى ئۆزگىرىشچان توكنىڭ چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا ، شۇنچە ئاسان ئۆتكۈزىدۇ .

كوندېنساتورنىڭ ئاساسلىق پارامېتىرلىرى[تەھرىرلەش]

1. ئۆلچەملىك سىغىمى ۋە يول قويۇلىدىغان خاتالىق نىسبىتى . ئادەتتە %1 دىن باشلاپ %20 گىچە بولىدۇ . 2 2 . كوندېنساتورنىڭ يول قويۇلىدىغان بېسىمى . رەسىمگە قارىسىڭىز تاپالايسىز ، ئاۋۇ 275 ۋولىت دېگىنى شۇ !

كوندېنساتورنىڭ سىغىمى ۋە ئۇنى ئوقۇش[تەھرىرلەش]

كوندېنساتورنىڭ سىغىمىنى ئىپادىلەشتە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ .

  1. بېۋاستە يېزىپ قويۇلىدۇ . مەسىلەن ئالدىنقى رەسمدىكى uF 0.47 . كوندېنساتورنىڭ ئۈستىگە دېگەندەك يېزىپ قويۇلىدۇ .
  2. رەڭ بەلبېغى ئارقىلىق ئوقۇش ، بۇ خىل ئوقۇش ئۇسۇلى قارشىلىقنى رەڭ بەلبېغى ئارقىلىق ئوقۇشقا ئوخشايدۇ .
  3. ئىپادىلەش ئۇسۇلى ، بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى پۇتسىز كوندېنساتورلاردا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ ، مەسىلەن 103 دەپ يىزىلسا ، بۇ ئون مىڭ پىكوفارادانى بىلدۇرىدۇ ، پۇتسىز كوندېنساتورلارنىڭ بىرلىكى ئادەتتە سۇكۇت ھالەتتىكى قىممىتى= سۇكۇت قىممىتى (默认، default) پىكوفارادا دەپ ئېلىنىدۇ .


كوندېنساتورلار يانداش ئۇلانغاندا ، كوندېنساتور ئىككى قۇتۇپىدىكى ئېلىكتىر بېسىمى ئۆزگەرمەيدۇ . بۇنداق بولغاندا ، كوندېنساتورنىڭ سىغىمى ئاشىدۇ . كوندېنساتورلار ئارقىمۇ – ئارقا ئۇلانغاندا ،سىغىمى كىچىكلەيدۇ ، ئىككى قۇتۇپىدىكى ئېلىكتىر بېسىمى ئۆزئارا قوشۇلىدۇ .

كوندېنساتورلارنىڭ ساق – بۇزۇقلىقىغا ھۆكۈم قىلىش[تەھرىرلەش]

ئادەتتە رەقەملىك مولتېمىتىردىن پايدىلىنىپ ھۆكۈم قىلىش بىر ئاز ئاسانراق بولىدۇ . يەنى مەخسۇس ئۆلچەش ئېغىزىغا سانجىساقلا ساق – بۇزۇقلىقىغا تېزلا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ .