كىت

ئورنى Wikipedia

كىت دېڭىز - ئوكياندا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋاندۇر. ئۇلارنىڭ تېنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 نەچچە مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇلارنى ھەقىقەتەن « دېڭىز پادىشاھى » دېيىشكە بولىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :كىت


تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :كىتلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى كىت ئائىلىسى

لاتىنچە نامى :Cetacea

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :بۇرۇتلۇق كىت

سىرتقى شەكلى[تەھرىرلەش]

4پارچەكىتكىت ئۇزۇنلۇقى 1 ~ 30 مېتىر، تەن شەكلى بېلىقنىڭكىگە ئوخشايدۇ، تېرىسى يالىڭاچ بولۇپ، پەقەت تۇمشۇق قىسمى ئاز ساندىكى تۈكلۈكلۈككە ئىگە، تەر بېزى ۋە تېرە ياغ بېزى يوق. ئالدى پۇتىنىڭ ئۈزگۈچ شەكلى ئۆزگەرگەن. قۇلاق سۇپرىسى يوق، تېرىنىڭ ئاستىدا بىر قەۋەت قېلىن ماي بار، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە ئۇنى ئازايتىش، بەدەن نىسبىتىگە پايدىلىق. دۈمبە پالاقچىسى تۈرگە ئىگە. كۆزى كىچىك، ياش بېزى يوق، كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچارراق. سىرتقى بۇرۇن تۆشۈكى 1 - 2 بولۇپ، بېشىنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان. قۇلاق سۇپرىسى يوق بولسىمۇ، ئەمما ئاڭلاش سېزىمى ئۆتكۈر.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • سىرتقى شەكلى
  • ياشاش قانۇنىيىتى
  • تارقىلىش دائىرىسى
  • قوغداش تەشكىلاتى
  • تۈرلىرى
  • بۇرۇتلۇق كىت كەنجى ئەترىتى
  • چىشلىق كىت كەنجى ئەترىتى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ياشاش قانۇنىيىتى[تەھرىرلەش]

4پارچەكىتكىتلار پۈتۈنلەي سۇدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىق ئەكس سادا ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئادەتتە يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، بېلىقلار ۋە لەيلىگەك ساياھەت ھايۋانلارنى يەيدۇ، بەزى تۈرلىرى يەنە دېڭىز يىلپىزى دېڭىز ئىتى قاتارلىقلارنىمۇ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ھاۋا ئالماشتۇرىدۇ، ئادەتتە قىش پەسلىدە سوغۇق سۇ رايونى تۆۋەن كەڭلىك ئىسسىق سۇلاردا ئۈزۈپ كۆپىيىدۇ، ياز پەسلىدە يەنە يۇقىرى كەڭلىك سوغۇق سۇ رايونى كەڭلىكىگە قايتىپ كېلىدۇ.

تارقىلىش دائىرىسى[تەھرىرلەش]

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېڭىز - ئوكيانلار.

قوغداش تەشكىلاتى[تەھرىرلەش]

2پارچەكىتخەلقئارا كىت تۇتۇش كومىتېتى، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى، دېڭىز – ئوكيان قوغدىغۇچىلىرى جەمئىيىتى، دېڭىز - ئوكيان قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار.

تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

4پارچەكىتكىتلارنى ئىككى تارماق تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ : بۇرۇتلۇق كىت ۋە چىشلىق كىت. ھازىرقى بۇرۇتلۇق كىت كەنجى ئەترىتى ۋە چىشلىق كىت كەنجى ئەترىتى .

بۇرۇتلۇق كىت كەنجى ئەترىتى[تەھرىرلەش]

بۇرۇتلۇق كىت كەنجى ئەترىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ھايۋان تۈرى. ئۈچ ئائىلىسى، 10 خىل تۈرىنىڭ ھەممىسى دېڭىزدا ياشايدۇ.

چىشلىق كىت كەنجى ئەترىتى[تەھرىرلەش]

چىشلىق كىت پەقەت ئاز ساندىكى تاتلىق سۇ تۈرىدىكىلەر، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ھەممىسى دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدۇ. جەمئىي 7 ئائىلە، 80 خىل تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  

بۇرۇتلۇق كىت كەنجى ئەترىتى[تەھرىرلەش]

بۇرۇتلۇق كىت كەنجى ئەترىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ھايۋان تۈرى. ئۈچ ئائىلىسى، 10 خىل تۈرىنىڭ ھەممىسى دېڭىزدا ياشايدۇ.

چىشلىق كىت كەنجى ئەترىتى[تەھرىرلەش]

چىشلىق كىت پەقەت ئاز ساندىكى تاتلىق سۇ تۈرىدىكىلەر، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ھەممىسى دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدۇ. جەمئىي 7 ئائىلە، 80 خىل تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.