كىگىزچىلىك

ئورنى Wikipedia

      قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمىزدە كىگىزچىلىك ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. كىگىزلىرىمىز تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، رەڭدارلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.

     خەلقىمىز يۇڭنىڭ ئەسلى رەڭگىنى ئاساس، گۈل بېسىشنى  قوشۇمچە قىلىپ، خىلمۇ خىل كىگىز ئېتىدۇ. ئاق يۇڭدا جايناماز ۋە گۈللۈك چۇچىلىق ئاق كىگىز، قارا يۇڭدا قارا كىگىز، ناماتمان، شىرداق قاتارلىقلارنى ئېتىدۇ.

    كىگىز ئېتىشكە لازىملىقلار: قوي يۇڭى، ئۆچكە يۇڭى، دۇكان، چىغدىن ياسالغان سالغۇ، ساۋاق، پالاس، ئارقان، سۈپۈرگە.

    كىگىز ئېتىش ئۇسۇلى: يۇڭ رەڭگى بويىچە تاللىنىدۇ. تاللانغان يۇڭ يۇيۇپ قۇرۇتۇلىدۇ. ئاندىن قۇرۇغان يۇڭ ساۋاق بىلەن ساۋىلىپ، دۇكان بىلەن ئېتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن چىغ سالغۇ يەرگە يېيىلىپ، ئۈستىگە ئىككى قەۋەت يۇڭ سېلىنىپ، سېلىنغان يۇڭ چىغ ئارىسىغا ئېلىنىپ تۈرتەكلىنىپ يۆگىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن پالاس ئورۇلۇپ، ئارغامچا بىلەن تېڭىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئىككى كىشى پۇتى بىلەن تەكشى تېپىپ يۇمىلىتىدۇ. يۇڭ كىرىشكەندىن كېيىن، يۇڭ تەتۈر ئۆرۈلۈپ تېڭىلىپ يەنە يۇمۇلىتىلىدۇ. بۇ مەشغۇلات ئۈچ –  تۆت تەكرارلانغاندا يۇڭ پىشىدۇ. يۇڭ پىشقاندىن كېيىن، ئىككى كىشى بېلىكى بىلەن يۇمۇلىتىپ سىلغايتىدۇ. كىگىز تەييار بولغاندا تېڭىقنى يېشىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ياۋا قىللار سۈپۈرگە بىلەن تازىلىنىپ، كىگىز يۈزى تەكشىلىنىدۇ.

   گۈل بېسىش: گۈل ئۈچۈن قايسى رەڭ لازىم بولسا، شۇ رەڭدە بويالغان يۇڭ كىگىز قىلىنىپ پىشۇرۇلىدۇ. ئاندىن لازىم بولغان نۇسخا ئويۇلۇپ، كىگىز يۇڭى سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن نۇسخا ئورنىغا گۈلگە تەييارلانغان كىگىز قىيىپ سېلىنىپ كىگىز بىلەن تەڭ پىشۇرۇلىدۇ.

    شىرداق ئېتىشتە كىگىز ئالدىن پىشۇرۇلىدۇ، قويۇلىدىغان گۈل نۇسخىلىرى تەييارلانغاندىن كېيىن، كىگىز ئۈستىگە تىزىلىپ، قول بىلەن تەكشى تىكىلىدۇ. شىرداق ئادەتتىكى كىگىزلەرگە قارىغاندا ھەم قېلىن، ھەم چىداملىق بولىدۇ.[1]

  1. ئاپتۇر:بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 09- 12 11:19 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-09/12/content_111841.htm؛