كۆرەش مەخسۇت

ئورنى Wikipedia

كۆرەش مەخسۇت، ئەر، ئۇيغۇر، 1960-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ گۇمىدىن، 1984-يىلى 1-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

كۆرەش مەخسۇت 1977-يىلى 1-ئايدىن 1977-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى تەلىم-تەربىيە ئەترىتىدە ئوقۇغان. 1977-يىلى 9-ئايدىن 1979-يىلى 2-ئايغىچە ئازادلىق ئارمىيە ئۆلچەش-سىزىش ئىنستىتۇتى ئاۋىئاتسىيىلىك ئۆلچەش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1979-يىلى 2-ئايدىن 1980-يىلى 9-ئايغىچە ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى 2- ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە ئەترىتىدە ئۆلچەش-سىزىش خادىمى بولغان. 1980-يىلى 9-ئايدىن 1982-يىلى 2-ئايغىچە گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى ئاۋىئاتسىيىلىك ئۆلچەش ئىچكى كەسپىي ئەترىتىدە تېخنىك بولغان. 1982-يىلى 2-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى 2-ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە ئەترىتىدە مۇئاۋىن ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتۇش باشقارمىسى، ئىشتىن سىرتقى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان. 1988-يىلى 5-ئايدىن 1992-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ كادىرى بولغان. 1992-يىلى 12-ئايدىن 1993-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى 3-باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1993-يىلى 2-ئايدىن 1996-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش 2-ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1996-يىلى 1-ئايدىن 1998-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1998-يىلى 10-ئايدىن 2000-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان (1996-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان). 2000-يىلى 4-ئايدىن 2003-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان. 2003-يىلى 1-ئايدىن 2007-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (2001-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان). 2007-يىلى 12-ئايدىن 2008-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

2008-يىلى 2-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھازىر دۆلەتلىك ئۆلچەپ سىزىش ئىدارىسىنىڭ پارتىكوم سىكىرتارى، باشلىقى، دۆلەت زىمىن بايلىق نازارتىنىنىڭ مۇئاۋىنى مىنىستىرى.