كۆكباش كاۋا شورپىسى

ئورنى Wikipedia

كۆكباش كاۋا شورپىسى كۆكباش، كاۋا، قوينىڭ سۆڭەكلىك گۆشى، يۇمغاقسۇت، تۇز قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تەييارلىنىدۇ.

 

كېرەكلىك ماتېرىياللار[تەھرىرلەش]

3پارچەكۆكباش كاۋا شورپىسىئاساسلىق ماتېرىيالى: كۆكباش، كاۋا، قوينىڭ سۆڭەكلىك گۆشى 250 گىرام

قوشۇمچە ماتىريالى: يۇمغاقسۇت

تەم خۇرۇچلىرى : تۇز

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

كۆكباش كاۋا شورپىسى1. گۆشنى ياڭاق چوڭلىقىدا پارچىلىۋالىمىز.

2. كۆكباش، كاۋىلارنى پاكىز ئادالاپ يۇيۇپ گۆش چوڭلىقىدا توغراپ تەييارلىۋالىمىز.

3. قازانغا بەش چۈمۈچ سۇ قۇيۇپ كۆكباش، كاۋا، قوينىڭ قۇۋۇرغا گۆشىنى سېلىپ قاينىغاندا كۆپۈكچىلەرنى ئېلىپ سۇس ئوتتا 15 مىنۇت قاينىتىپ تۇز سېلىپ تەمىنى تېتىپ شورپا قاچىسىغا ئۇسۇپ ئۈستىگە يۇمغاقسۇت سېپىپ ئىستىمال قىلنسا بولىدۇ.