كۆكتار يېزىسى

ئورنى Wikipedia

كۆكيار يېزىسى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيىسى بازىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپىئارال يېزىسى بىلەن قوشنا، شىمال تەرىپى جاي يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە ئارىش يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 54.33 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قىيسايغان، تۇپراق سۇغىرىلما تىنما تۇپراق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1408.3 مېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن ھۆل-قۇرۇق مېۋە، تېرىلغۇ سايمانلىرى، قول سانائەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بار، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار بار. يېزا بويىچە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ، بۇغداي، قوناق،شال، كېۋەز تېرىلىدۇ . قوشۇمچە چارۋىچىلىق، پىلىچىلىك ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇلىنىدۇ.