كۆك بايراق ئىلھامى

ئورنى Wikipedia

(ئاپتورى:ئابرال)

قوللىرىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا جەۋلان قىلدۇرۋاتقان كۆك بايراق ̵ ئىپتىخارىمىز،ۋىجدانىمىز، غورۇرىمىزدۇر!

كۆك بايراققا بىزنىڭ مىللىي، دىننىي تۇيغۇلىرىمىز مۇجەسسەملەنگەن.

كۆك بايراق 1933-يىلى11-ئاينىڭ 12-كۈنى 1-قىتىم قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇررىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا، ئانا دىيار ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كۆپ-كۆك ئاسمىنىدا، قۇياشنىڭ پارلىغان مىڭلىغان نۈرلىرى ئىچىدە جەۋلان قىلغان. شۇندىن بۇيان ئاي-يۇلتۇرلۇق كۆك بايراق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىگىنىڭ، ھۆرلىگىنىڭ، ۋىجدانىنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىردىن-بىر مۇقەددەس بايرىقى بولۇپ قالغان.


ھەرقانداق مىللەتنىڭ بايرىقىنىڭ رەڭگى ۋە ئۇنىڭ ئۇستىگە چۇشۇرۇلگەن ئېلېمېنتلارنىڭ مەناسى بولغىنىدەك، بىزنىڭ بايرىقىمىزنىڭ رەڭگىنىڭ، ئۇنىڭدىكى ئاي بىلەن يۇلتۇزنىڭمۇ مەناسى بار ئەلۋەتتە.

مۇقەددەس بايرىقىمىز  ھىلال ئاي، يۇلتۇزدىن ئىبارەت ئىككى ئېلېمېنت ۋە كۆك رەڭددىن تەركىپ تاپقان، تۆرت چاسە شەكىلدىكى بايراق. ئىككى ئېلېمېنت ۋە كۆك رەڭنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك  كېلىپ چىقىشى ۋە دىنىي ئەقىدىلىرى زىچ مۇجەسسەملەنگەن.


ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇقەددەس ئىتىقادى بولغان ئىسلام دىنىغا سىمۋول قىلىنغان. كۆك رەڭ بولسا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي روھىغا سىمۋول قىلىنغان.

  1. ھىلال ئاينىڭ مەناسى:


ھىلال ئاينىڭ مۇسۇلمانلارغا سىمۋول قىلىنغانلىغىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بىراق بۇ ھىلال ئاي نېمە ئۈچۈن سىمۋول قىلىنغانلىغى توغرىسىدا كۆپىنچىمىزنىڭ مەلۇماتى يوق.

تولۇن ئاينىڭ تۇن قاراڭغۇلۇقنى تولۇق يورۇتىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن قاراڭغۇلۇقتا ئاز يورۇقلۇق بەرىدىغان، ئوغاق شەكىلدىكى ھىلال ئاينى سىمۋول قىلغان؟ مانا بۇلار بىزنى بىر ئاز ئويلاندۇرىدىغان مەسىللەر. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھىلال ئاينىڭ ھەقىقى ماناسىنى تولۇق ماھىيىتى بىلەن بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئاينىڭ شەكىل جەھەتتىكى مەناسىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولسا تولۇن ئاينى سىمۋول قىلىپ ئالغان  بولاتتى، لېكىن شەكىل مۇھىم بولماي بەلكى بۇ يەردە ئىسىم جەھەتتىكى مەناسىگە ئەھمىيەت بىرىلگەن. بۇ سەۋەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرەپچە يېزىلىشىنى نەزەردە تۇتقان.  ئاللاھنىڭ ( الله )  يېزىلىشى بىلەن ھىلالنىڭ يېزىلىشىدىكى ھەرىپلەر ئوخشاش.


ھىلالنىڭ بولسا ئەرەپ يېزىقىدىكى ”ھە” ھەرىپى، بىر ”ئەلىف” ھەرىپى ۋە ئىككى “لام” ھەرىپىدىن تۇزۇلگەن. ئاللاھنىڭ ئىسمىمۇ ئوخشاش ئەرەپچىدىكى بىر ”ئەلىف”، ئىككى “لام” ۋە بىر “ھە” دىن تۇزۇلگەن. ھەر ئىككى ئىسىمدىكى ھەرىپلەر ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھ سۆزىدە ئىشلەتكەن ھەرىپلەر بىلەن ھىلال سۆزىدە ئىشلەتكەن ھەرىپلەر ئوپمۇ-ئوخشاش. بايراقنىڭ ئۇستىگە ئاللاھنىڭ سۇرىتىنى سېزىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداقتا ئاللاھ  سۆزىنى يازغاندىن تېخىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ، ھىلال ئاينىڭ  سۇرىتىنى چۇشۇرۇش ناھايىتىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مۇتەپەككۇرلىرىمىز ھىلال ئاينى ئىسلامدىكى ئىماننىڭ سىمۋولى قىلغان يەنى ئاللاھنىڭ بىرلىگىگە، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتىقاتىغا سىمۋول قىلغان.

  1. يۇلتۇز.


ھىلال ئاينىڭ قوينىدا ياتقان يۇلتۇز بولسا سۆيۇملۇك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە  سىمۋول قىلىنغان.

يەنى يۇلتۇز بولسا ئەرەپچىدىكى مۇھەممەدنىڭ   يېزىلىشىدىن كەلگەن. سۆيۇملۇك پەيغەمبىرىمىنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرەپچە يېزىلىشى توپ-توغرا بىر يۇلتۇز شەكىلنى ھاسىل قىلىدۇ.


ھىلال (ئاللاھ) نىڭ ئىتىقادى بولسا، يۇلتۇز (پەيغەمبەر) ئارقىلىق مەيدانغا كەلتۇرىلىدۇ. بۇ مەنىدىن ھىلال ئىماننىڭ (لا ئىلاھە ئىللاللاھ) سىمۋول قىلىنغان،  يۇلتۇز بولسا  سۆيۇملۇك پەيغەمبىرىمىز ئارقىلىق ئەمەللەشكەن   ئىسلامنىڭ 5 شەرتىگە سىمۋول قىلىنغان.


شۇڭا بايراقتىكى ئاي بىلەن يۇلتۇز مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامغا سىمۋول قىلىنغان دەپ ئېيتالايمىز. ئۇيغۇر مىللىتى ئەنە ئاشۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بايرىقى ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا بولغان چەكسىز ساداقىتىنى نامايەن قىلغان.


  1. كۆك رەڭ.


بايرىقىمىزنىڭ رەڭگىنىڭ كۆك رەڭ بولۇشى بولسا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىپتىدائى ئىتىقاتتى (تۇتۇم) بولغان كۆك ئاسمان ئىلاھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى قەدىمقى زامانلاردا كۆك ئاسماننىڭ رەڭگىنى تەڭرى ئىلاھىنىڭ سۇپىتىنى بىلدۇردىغان رەڭگە ئايلانغان. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا كۆك رەڭ مۇقەدەسلىگى كىلىپ چىققان.


ئوغۇزخان داستانلىرىدا بولسا  ئوغۇزخان تۇغۇلغاندا يۇز-كۆزىنىڭ كۆپ-كۆك بولۇشى، ئوغۇزخان ئەسكەرلىرىنى بىر كۆك يايلىق، كۆك تۇكلۇك، ئەركەك بۆرىنىڭ يول باشلاپ ماڭىدىغانلىغى رىۋايەت قىلىنىدۇ.


شۇڭا بىزنىڭ ئادەتلىرىمىزدە كۆك رەڭ بەك مۇھىم بولۇپ، تا ھازىرغگىچە قۇمۇل رايونىدا ساقلىنىپ قىلىنغان قەدىملىغى كۈچلۇك بولغان “كۆك مەشرەپ“  بار بولۇپ ، مەشرەپتە مۇنداق نەزمىلەر ئېيتىلىدۇ:


ئۇل خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن،

بىرلا كۆكەردى شۇ كۆكۆم.

شاھى رەڭلىك، غۇنچە مەڭلىك،

دەرمەھەل ئۆستى كۆكۇم.


كۆك ئۆچكىنى ئۆلتۇرۇپ،

چەرۋىسىنى ئوتقا قاقلىسىللا.

كۆكنى تۇتقان بىز ئىدۇق،

بىزنى ئۇنتۇپ قالمىسلا.


كۆك رەڭ بولسا  ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن ئۆرپە-ئادەت ۋە يۇرۇش-تۇرۇش، ئۆي-ئىمارەت قاتارلىق پۈتۈن مەدەنىيەتىگە سىغىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆزىدە باھاردەك ئىللىق، ئېسىل پەزىلەت، گۈلدەك گۈزەل خۇلۇق، ئەدلى-ئادالەت، شەرىم-ھايا، ئىلىم، ئىشچانلىق، ئۆملۈك-بىرلىكلىك، دوسلۇق-ئىناقلىق، كۆيۇنۇش-مېھرى، دادىللىق قاتارلىق سەرخىل ئىللەتلەرنى ئۆز روھىدا  ھاسىل قىلغان.بۇ دەل شۇ كۆك رەڭ مۇقەدەسلىگىگە باغلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار كۆك رەڭنى ئۆزىنىڭ  مىللى ئىپتىخار تۇيغۇسىنىڭ  سىمۋولى قىلغان.


نىھايەت بۈگۈنكى كۈندە كۆك بايراقنىڭ چىچىۋاتقان پارقىراق نۈرلىرى  قەلبىمىزنىڭ پىنھان يەرلىرىگە يوشۇرۇلغان قان داغلىرىنى يورۇتۇپ،  روھىمىزنى تىرىلدۇرۋاتىدۇ. تېرىلىش بولسا ئىنسان روھى ئاتا قىلغان غەرەزلىك ئىمتىھاندۇر. بۇ روھنىڭ تىرىلىشى ئانا ۋەتەندىن ئۇزاق ئايرىلغان بىزدەك ئىنسانلارغا، ھاياتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇغىدۇر، مىللىتىمىزنىڭ غورۇرىدۇر.


كۆك بايراقنىڭ ياش ئەۋلاتلارنىڭ قوللىرىدا لەپپىلدىگەن ساداسى ھەربىر ئۇيغۇردا ئويغۇنۇش تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئويغۇنۇش ئۆز-ئۆزىدە ئويلىنىش تۇيغۇسى، ئەنسىرەش تۇيغۇسى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ  بولسا ئۆز ھاياتىدا ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بوشلۇقلارغا قايتا نەزەر سېلىشنى كەلتۇرپ چىقىرىدۇ.


ھازىرقى  مىللەتنىڭ ئۇستىگە كەلگەن تىراگىدىيەلىك ھالاكەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىنساننىڭ قىممىتىنى، ھاياتنىڭ چەكسىز قەدىرلىگىنى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئۇلۇغلىغىنى، ۋەتەننىڭ قەدرىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. مىللەت مۇنداق  ھالاكەتنىڭ زەربىسىدە روھى جەھەتتىن يەنە بىر قىتىم چۆچۇپ ئويغۇنۇپ، ئۆزىدىن يوشۇرۇن كۈچنىڭ چەكسىز نۈرىنى قېزىپ چىقىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر كىرزىس بىر پۇرسەتكە ھامىلداردۇر. ئەگەر بىز ھازىرقى مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاپلارنى، كەمسىتىشلەرنى، خورلۇنىشلارنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ھەققىي پاكىتلىرى بىلەن خەلق -ئارا سەھنىلىرىگە ئېلىپ چىقالىساق چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆرشىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۇرەلەيمىز. مىللىتىمىزگە كۆك بۆرىنىڭ  سەلتەنەتلىك ئىزلىرىنى ئەسلىتىپ، تارىختىكى غايەت زور مەنىۋى ئېتىقاتى ۋە ئىشەنچىلىرىنىڭ سىرلىق قەسىرلىرىنى ئۆزىنىڭ توختاۋسىز قەدەملىرى بىلەن يەنە بىر بىسىشقا ئۇمۇتلەندۇرەلەيمىز.


شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىدىن بىزگە مىراس قالغان كۆك بايراقنىڭ چۈشۇرگەن كۆكۇش نۇرلىرى قەلبىمىزنى ئىللىتىپ، مىللىي روھىمىزنى تېخىمۇ ئويغاتتى. ۋۇجۇدىمىزنى ئىللىتىۋاتقان سىرلىق سوقۇشلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ كۆكۇش نۇرلىرىدىن جۇشقۇنلاۋاتقان ئىسسىق قان ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتتى.


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى