كۆك مەشرىپى

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان قەىدمكى بايرام ۋە مۇراسىملاردىن بىرى - <مايسا مەشرىپى> بولۇپ، ئۇ قۇمۇل، پىچاق، تۇرپان قاتارلىق شەرقىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ مۇراسىم ھازىر قۇمۇلدا <كۆك مەشرىپى> دەپ ئاتالسا، پىچان رايونىدا بۇرۇنقى نام بىلەن <مىلىس مەشرىپى>، <مايسا ئويۇنى> دەپ ئاتالغان <كۆك مەشرىپى> پەسىل خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى 11 - ئايدا باشلىنىپ، كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە داۋاملىشىدۇ ۋە مۇئەييەن ۋاقىت مۆلچەرلەنگەن مۇراسىم كۈنى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. <كۆك مەشرىپى> بىۋاستە دېھقانلار تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان بولۇپ، كۆككە بولغان سېغىنىش ئاساسىدا مول ھوسۇلنى نامايەندە قىلىدىغان قۇمۇل خەلق مەشرەپلىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر. <كۆك مەشرىپى> نىڭ بىر قەدەر بۇرۇنقى ئادەەت - يوسۇنلىرى مۇنداق بولغان: ئىۋرىقنىڭ بېشىنى ئېلىۋېتىپ گۈل تەشتىكىدەك يۇمىلاق ھالغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىگە توپا سېىپ بىر - ئىككى سىقىم بۇغداي ياكى ئارپىنى تېرىيدۇ. بۇغداي ئۈنۈپ مايسا بولغاندىن كېيىن، ھەر خىل بېزەكلەر بىلەن ئۇنى كاتتا جابدۇپ خۇددى ساھىبجامال قىزغا ئوخشىتىدۇ. بۇ <كۆ> دەپ ئاتىلىدۇ. كۆكنى تەييارلىغۇچى ساھىبخان يەنە قۇرۇق ئۈزۈم، ئۆرۈك قېقى، شاپتۇل قېقى، چىلان، جىگدە، گازىر، ئالما قېقى، قوغۇن قېقى، دادۇر قاتارلىق توققۇز خىل قۇرۇق مېۋە - چېۋىلەردىن بىر تەخسىدىن تەييارلاپ، ھال - ئوقىتىگە يارىشا تاماق راسلاپ، قولۇم - قوشنىلىرىنى ۋە يېقىنلىرىنى چىللاپ كەچلىكى مەشرەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ. مەشرەپ ئاياغلاشقاندا كۆنى كۆڭلى تارتقان بىرىگە <كۆك بېيىتلىرى> نى ئوقۇپ تۇتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆكنى تاپشۇرۇۋالغان كىشى تەييارلىق قىلىپ، يۇقىرىقى ئۇسۇلدا <كۆك مەشرىپى> ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، <كۆك> ئۇ قولدىن - بۇ قولغا ئۆتۈپ، دەۋرىي ھالدا ئايلىنىپ، تاكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغۇچە <كۆك مەشرىپى> ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ. كۆكنى تاپشۇرۇۋالغۇچى كىشى ئۇنىڭ شەرىپىگە چوقۇم مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ۋە مەشرەپنى تەشكىللەۋاتقان <كۆك> نى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، قۇرۇتۇپ قويماسلىقى شەرت. كۆك مەشرىپىگە قاتناشقۇچىلار خۇشال - خۇرام، كۈلكە - تاماشا ئىچىدە <مەن بىر ئوق ئاتتىم> دېسە، يەنە بىرى <مەن بىر ئوق ئاتتىم>، <مەن ئۈچ ئوق ئاتتىم> دېيىشىپ، كېيىنكى قېتىملىق كۆپ مەشرىپىنى ئۆتكۈزۈش نۆۋىتىنى بەلگىلىشىدۇ. بىر ئوق مىلتىق ئاتقىنى ئەتە ئاخشىمى، ئىككى ئوق ئاتقىنى ئۆگۈن ئاخشىمى ... شۇنداق قىلىپ بىر - بىرىگە نۆۋەت كەلگۈچە ئەتىياز كېلىپ قالىدۇ. دېمەك، كۆك مەشرىپىنى كىم ئۇيۇشتۇرغان بولسا، قائىدە - يوسۇنى بىلەن يەنە ئۆز ئىگىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. كۆك مەشرىپىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىغا قاراپ يىگىرمە، ئوتتۇز، ئەللىك ... ئوققىچە بارىدۇ. <كۆك مەشرىپى> ئۆتكۈزۈش ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى بېيىپ تېخمۇ مۇقىملاشقان. ھازىرمۇ ئاساسەن قەدىمكى ئەنئەنىۋى شەكلىنى يوقاتمىغان. ھازىرقى شەكلى بۇغداي مايسىسىنى قىش كۈنى ئۆيىدە ساپال، تۆمۈر ياكى چىنە قاچىلارغا ئۈندۈرۈپ، خوراز - مىكايننىڭ شەكلىنى چىرايلىق قىزىل قەغەزدىن ئويۇپ، ئۇلارنى بىر - بىرىگە قارىتىپ مايسا ئىچىگە قويىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەنە قىزىل چېچەكلەرنى سانجىغاندىن باشقا، قوناقنى ئېتىلدۇرۇپ تىكەنلىك چىتقا سانجىپ، قارا شەكلىگە كەلتۈرۈپ ئۇنىمۇ مايسا ئەتراپىغا قويۇشىدۇ. ئاندىن كۆكنى قىزىل، يېشىل تاۋارلار بىلەن بېزەپ، ئۈستىنى ياغلىق بىلەن يېپىپ قويىدۇ. كۆك ئۈندۈرگۈچى ساھىبخان بىر كىيىملىك رەخت، تاماق ۋە توققۇز تەخسە قۇرۇق مېۋە - چېۋە تەييارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئون بەش - يىگىرمە جۈپ ئەر - ئايالنى چاقىرىپ <كۆپ مەشرىپى> نى باشلىۋېتىدۇ. مەشرەپكە بېيىتچى، نەزمىچى، قىقاسچى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىدۇ. غىجەكچى، راۋابچى، داپچى قاتارلىق سازەندىلەر بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئولتۇرىدۇ. باشقىلار ياش قۇرامىغا قاراپ تۆردىن باشلاپ ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرىشىدۇ. مەشرەپ كېچىچە داۋاملىشىپ ئاخىرلىشاي دېگەندە يۈزى يېپىلغان كۆك مايسىنى ۋە بىر كىيىملىك رەخت، توققۇز تەخسە قۇرۇق مېۋە - چېۋىنى ساھىبخان ئەر - ئايال ئىككىنچى بىر جۈپ ئەر - ئايال نەزمىچىگە ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ. بۇ مەزگىلدە سازەندىلەر سازنى توختىتىدۇ، مەشرەپ ئەھلىنىڭ دىققىتى ئۇلارغا مەركەزلىشىدۇ. كۆكنى سۇنغۇچى ساھىبخانلار قىزىق گەپلەر بىلەن بېيىت باشلايدۇ. ئەر ساھىبخان: <قىش زىمىتاندا ئۈنگەن سەۋزە باھارنىڭ ئاۋۇلى، ياخشىلارنىڭ ھىيلىسىدىن چېچەك ئۈندى قىشلىقى، بۇ چېچەكنىڭ تەرىپىنى مەي بىلەن نام ئەيلىدۇق. بۇ چېچەكنىڭ سايىسىدە، ئولتۇرسىلا كۆڭۈللىرى ئاچىلۇر، بۇ چېچەكنى ئالغان كىشىنىڭ بېشىغا گۈللەر ساچىلۇر. بۇ چېچەكنى تەربىيىلەپ ياخشى ئوبدان كۆرسىلەر، ھەر كۈنى خىيال قىلىپ ئىگىسىنى سۆيسىلە> دېسە، ئايال ساھىبخان: <ئۇدۇل خۇدانىڭ قۇدرىتىدىن بىرلا كۆكەردى شۇ كۆكۈم، شارى مەڭلىك، غۇنچە رەڭلىك دەرمەھەل يەتكىن كۆكۈم. گۈل تىۋەڭە، ئولتۇراردۇر بويلىرى ئالتۇن كۆكۈم، بويلىرى ئالتۇن كۆكۈمنىڭ سۆلىتى سۇلتانچە بار، ئاي يۈزىگە نۇر چۈشۈپتۇ، يېڭى ئۈزگەن گۈلىچە بار. قىشلىقى كۆك ئۈندۈرمەك بىزگىمۇ ئاساس ئەمەس، بۇ سۆزلەرنى يالغان دېمىسىلە، بىرىمۇ يالغان ئەمەس. كۆكنى تۇتتۇق خوش ئالسىلا، جىم بولۇپ قالمىسىلا، ئېگىزغىنا تاختا بېشىغا ئەپ قويۇپ، خاتىرجەم ياتمىسىلا، ئېگىز - ئېگىز ئۆيلىرىى پىشقىن بىلەن ئاقلىسىلا، كۆكنى تۇتقان بىز ئىدۇق، بىزنى خاتىرىدە ساقلىسىلا دۇنيا - جاھاننىڭ كارىنى يىراققا تاشلىسىلا، غازنى ئوتتۇز، قوينى توققۇز، ھەممىگە تەڭ راسلىسىلا، چالغىلى بەرباپ، راۋابم قالۇن، ساتارنى راسلىسىلا> دەيدۇ. مەشرەپ ئەھلى <ۋاي رەھمەت>، <خۇدا نېسىپ قىلسۇن> دېيىشىپ، كۆكنى تاپشۇرۇۋالغان كىشىنى تەبرىكلىشىدۇ. مايسىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئەر - ئايال مەشرەپ ئەھلىگە ئېگىلىپ تەزىم قىلىدۇ ۋە سورۇندىكىلەرنى ئەتە ئاخشاملىققا ئۆز ئۆيىگە مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئاندىن ئەر - ئايال ئىككىسى كۆكنى قولىدا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. قىقاسچى تەخسە - تىۋەڭدە مېۋە - چېۋە كۆتۈرۈپ چىقىپ سورۇندا ئويناۋاتقانلارنىڭ بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ <قاقشالمۇ قاقشال، چارۋاغدا قاقشال، بىر ئائىلىلىك ئۇسسۇل ئوينايدۇ، گۈلىزەپەرگە ئوخشار...> دەپ قىقاس سالىدۇ. ساھىبخان بىر پەتنۇستا ئەتلەس - شايى كۆتۈرۈپ چىقىپ، چوڭ - كىچىك مېھمانلارنىڭ، ھاپىزلارنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ: <جۇۋاپتۇ، جۇۋاپتۇ، ھەي يىگىتلەر بارىكاللا قىقاس!> دەيدۇ. كۆپچىلىك ئەگىشىپ <بارىكاللا قىقاس!> دەپ جور بولىدۇ. خۇشاللىق ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. مەشرەپ ئەھلى كۆكنى كۆك ئالغۇچىنىڭ ئۆيىگە ناخشا - ساز بىلەن كۆچۈرۈپ قويىدۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]