كۆچ-كۆچ قوشىقى

ئورنى Wikipedia

<<كۆچ-كۆچ قوشىقى>> ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قوشاق تۈرىنىڭ تارىخى قوشاقلار تۈرىگە كىرىدۇ.ئۇ 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كىيىنكى 1881-يىللىرى ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتىكى چارروسىيە ھۆكىمىتىنىڭ زىمىنىمىزنى بېسىۋېلىپ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىنى يۈرگۈزگەن دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئايرىلىشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن خەلقىمىزنىڭ قوشاقلىرى ھېسابلىنىدۇ.

كۆچ-كۆچ قوشىقى


كۆچ-كۆچ دېسە قورقامدۇ، كۆچۈپ يۈرمىگەن ئەللەر؟ ئۆز يۇرتىغا يېتەمدۇ، بېرىپ كۆرمىگەن يەرلەر.