كۇراسو ئارىلى

ئورنى Wikipedia

كۇراسو ئارىلى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئاساسلىق ئارال ۋېنېسۇئېلاننىڭ 100 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان .

كۇراسو ئارىلى
ئۇيغۇرچە نامى كۇراسو ئارىلى
چەتئەلچە نامى Curacao
خەنزۇچە نامى 庫拉索島
كېلىمات ئىسسىق بەلباغ قۇرغاق كلىماتى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

كۇراسو ئارىلى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئاساسلىق ئارال ۋېنېسۇئېلاننىڭ 100 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى 58 كىلومېتىر، كەڭلىكى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەيدانى 443 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى 161 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، قارا ھەم ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىك كرىئور خەلقلىرى ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى گوللاندىيە تىلىنى قوللىنىدۇ، پاپىمەندو تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئاھالىنىڭ %82 ى كاتولىك دىنىغا، قالغىنى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مەركىزى ۋىللېمىستاد شەھىرى.

يەر شەكلى[تەھرىرلەش]

ئارالنىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200 مېتىر يەتمەيدۇ، ئارىلاپ ئېدىرلىقلار ئۇچرايدۇ، ئارالنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغاقلىرى ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، تەبىئىي پورتلار كۆپ، غەربىي تەرىپىگە مارجان ئاراللار جايلاشقان.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

ئىقلىمى تروپىك قۇرغاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃26-℃28 ئارىلىقىدا بولىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 560 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، ھۆل-يېغىنى 10-، 11-ئايلارغا مەركەزلەشكەن، ئارالدا تاتلىق سۇ كەمچىل .

قوشۇمچە بايان[تەھرىرلەش]

كۇراسۇ ئارىلىغا 1499-يىلى ئىسپانىيىلىكلەر كەلگەن، 1634-يىلى گوللاندىيە ئىگىلىگەن، 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ئىگىلىگەن، 1816-يىلى قايتا گوللاندىيە ئىگىلىگەن.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

ئىقتىسادتا نېفىت سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ ئارالدا گوللاندىيە ھەم ئامېرىكا كاپىتالى بىلەن قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى بار. يېزا ئىگىلىكىدە تالالىق ئاگاۋى ھەم ئاپېلسىن قاتارلىق مېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. يېمەك-ئىچمەك بىلەن سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ. ئارالنىڭ تاشيول، سۇ، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. خەلقئارا ئايرودرومى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلماقتا، كۇراسو ئارىلى 1956-يىىدىن باشلاپ، ئەركىن سودا رايونى قىلىپ ئېچىلغان.