Jump to content

كۇنۇپكا تاختىسى جەڭچىسى

ئورنى Wikipedia

كۇنۇپكا تاختىسى جەڭچىسى (باشقىچە: كۇنتاخشاھى، كۇنتاخ جەڭچىسى؛ ئېنگلىزچە: keyboard warrior) ئادەتتە تېكىست-ئاساس تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا ھەققىقەتتىن ھالقىغان كۆپتۈرمە، باشقىلارغا خالىغانچە ھاقارەت قىلدىغان، كۈلتۈرسىز سۆز پىكىر بىلەن باشقىلارغا ھۇجۇم قىلدىغان گەپ-سۆزلەرنى، باھالارنى كۇنۇپكا تاختىسىدىكى كۇنۇپكا بىلەن بېسىپ كىرگۈزدىغان، لېكىن رىئال تۇرمۇشتا مەۋھۇم تور سۇپىلىرىدا قىلغاندەك كۈلتۈرسىزلىك قىلمايدىغان ئىنسانلارنى كۆرستىدۇ. كۇنتاخ دېگەن سۆز كۇنۇپكا + تاختىسى دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكتۈرمىسىدۇر. كۇنتاخ جەڭچىسى بەزىدە ئۆزى خالاپ بولغان بولسا، يەنە بەزىدە دۆلەت ياكى ھاكىمىيەت ئۈچۈن ھەقلىق ياكى ھەقسىز ئىشلەيدۇ، مەسلەن بەشمولار گروھى، پىدائىي بەشمو دېگەندەك.