كۇڭزى

ئورنى Wikipedia

كۇڭزى (خەنزۇچە:孔夫子,pinyin: Kǒng Fūzǐ,ئنگلىزچە:Confucius) جۇڭگولۇق ئۇلۇغ پەيلاسوپ كۇڭفۇزى - كۇڭزى تەلىماتىنىڭ ياراتقۇچىسى؛ كۇڭزى تەلىماتى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. كۇڭزىنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى شەخسىي ئەخلاق ۋە ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، يۈكسەك ئەخلاق يېتەكچىلىكىدىكى ھۆكۈمەت ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان، بۇ خىل پەلسەپىۋى ئىدىيە جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت ساھەسىگە سىڭىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا خەلقىنىڭ زور بىر قىسمىغىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.

كۇڭزى مىلادىدىن 551 يىل ئىلگىرى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان بىر بەگلىك - لۇ بەگلىكىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق دەۋرىدىلا دادىسى تۈگەپ كېتىپ، ئاپىسى بىلەن غۇربەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ياش - قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، لۇ بەگلىكىدە كىچىك ئەمەلدار بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەمىلىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆز تەلىماتىنى تەرغىپ قىلىشقا كىرىشىپ، 16 يىل مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا ئەتراپىغا نۇرغۇن شاگىرت توپلىغان، ئۇ 50 يېشىدا لۇ بەگلىكىدە زىندان بېگى بولغان، تۆت يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئوردىدىكى رەقىبلىرى بىرلىشىپ ئۇنىڭغا سۈيىقەست ئىشلىتىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بەگلىكلەر ئارا 13 يىل ۋائىزلىق قىلىدۇ، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەش يىلىدا لۇ بەگلىكىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ مىلادىدىن 479 يىل ئىلگىرى ۋاپات بولىدۇ.

كۇڭزى بىرخىل دىننىڭ ياراتقۇچىسى دەپ قارىلىدۇ. بىراق بۇنداق قاراشنى پۈتەنلەي توغرا دېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىلاھنى تىلغا ناھايىتى ئاز ئالاتتى، ئۇ دۇنيا توغرىسىدا سۆز قىلمايتتى، بارلىق مېتافىزىكىلىق ئىدىيىدىن ساقلىناتتى، شۇڭلاشقا ئۇنى شەخس بىلەن سىياسىي ئەخلاق ۋە قىلمىشقا ئېتىۋار بېرىدىغان بىر رېئال پەيلاسوپ دەپ قاراش كېرەك.

كۇڭزى <رەھىمدىللىك> ۋە <ئەدەب - قائىدە> نى ئىككى ئەڭ ئالىي ئەخلاق مىزانى دەپ قارايدۇ. ئالىيجاناب بىر ئادەم چوقۇم بۇ ئىككى مىزان بويىچە تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك. <رەھىمدىللىك> نى ئەڭ ياخشىسى ئىنسانىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش دەپ چۈشەنگەن تۈزۈك؛ <ئەدەب - ئەخلاق> بولسا ئەخلاق - پەزىلەت، قائىدە - يوسۇن، ئەنئەنە، قائىدە - يوسۇن ۋە نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ يىغىندىسى.

كۇڭزى تەلىماتى ئائىلىنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ئاتا - ئانىغا ۋاپادار بولۇش، ئەر - خوتۇن ئۆزئارا بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، ۋەلىيلەر بىلەن رەئىيەت، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نام - ئەمالى بويىچە ئىش كۆرۈشى، ئۆز نام - ئەمالىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ناھايىتى مۇتەئەسسىپ نەزەرىيە بولۇپ، ئۇ ئالتۇن دەۋر ئۆتۈپ كەتتى دەپ قارايدۇ. ئۇ ۋەلىيلەر بىلەن رەئىيەتنى كونا ئەخلاق ئۆلچىمىگە قايتىشقا ئۈندەيدۇ. جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسىدە، جۇڭگونىڭ پادىشاھلىرى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى ئېلىش ئارقىلىق ئەمەلدارلارنى تاللايتتى. بۇ خىل ئىمتىھان ئۇسۇلى، خېلى چوڭ دەرىجىدە ئوقۇغۇچى كۇڭزىنىڭ ئەدەپ - قائىدە تەربىيىسىگە بولغان چۈشەنچىسىگە باغلىق بولاتتى. بىراق، ھازىرقى زاماندا كۇڭزىنىڭ ئورنى چۈشۈپ كەتتى. چۈنكى جۇڭگو بىر مەھەل كۇڭزىنى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتىنى تەنقىد قىلدى. كۇڭزى تەلىماتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، يىلتىزى چوڭقۇر بولسىمۇ، ۋەھالەنكى كۇڭزىدىن ئىبارەت بۇ چولپاننىڭ ئۆچۈشكە باشلىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. شۈبھىسىزكى، يەنە 50 يىل ياكى 100 يىلدىن كېيىن، يېڭىدىن بىر جۇڭگولۇق پەيلاسوپ مەيدانغا كېلىپ، كۇڭزى بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ تەلىماتىنى بىرلەشتۈرۈىدۇ.

پايدىلانغان ماتېرياللار:

1.«دۇنيادىكى 100 مەشھۇر شەخىس» ناملىق كىتاپتىن