كۈرەش ئىبراھىم

ئورنى Wikipedia

80-يىللارنىڭ بېشىدا، مەرھۇم شائىر نۇرمۇھەممەد ئەركىينىڭ «كىمنىڭ بار ئاشۇنداق ئالىمى قېنى، پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» دېگەن ئىككى مىسرا نەقرات قىلىنغان غەزىلى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي يازغان قامۇس «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرى بىلەن تەڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۇرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئوتلۇق قەلبىگە مەھمۇد كاشغەرىيدەك ئالىم بولۇش ئىستىكىنىڭ ئۆچمەس مەشئىلىنى ياققانىدى. مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر دوكتور ئاشتى (postdoctor博士后) خىمىيە-فىزىكا ئالىمى كۈرەش ئىبراھىم مانا شۇ چاغلارىدىكى دىلىغا يۈكسەك غايىنى پۈككەن ياشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇ 1978-يىلى بېيجىڭ پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىندى. شۇ چاغدا، پۈتۈن فاكۇلتېت بويىچە بىردىنبىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولغان كۈرەش ئىبراھىم رەتتىكى دەرسلەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەندىن باشقا، ھەر قايسى پەنلەر، خۇسۇسەن چەت ئەل تىلى ئۈگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئىنگلىزچە ئۆگىنىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، ئۆزلۈكىدىن فرانسۇز تىلى ئۆگىنىشنىمۇ ماس قەدەم بىلەن ئېلىپ باردى. ئۇ 1982-يىلى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر پېداگوگىگا ئىنستىتۇتى خىمىيە فاكۇلتېتىغا تەقسىم قىلىنغاندا: «ئەمدى، ئۆگىنىدىغىنىمنى ئۆگىنىپ بولدۇم، كېيىنكى ئۆمرۇمنى ئاشۇ ئۆگەنگەنلىرىمنى تاۋار قىلىپ سېتىپ يەپ-ئىچىپ، جان بېقىش بىلەن ئۆتكۈزىمەن، چۈنكى مەن مەنزىلگە يەتتىم» دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىدى. 1- ۋە 4- يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككى ئاساسلىق دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبە ئەمەلىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىنى، شۇنداقلا نەچچە يۈز مىڭ خەتلىك دەرسلىك ماتېرىياللىرى تەرجىمىسىنى ئورۇندىغاندىن باشقا، داۋاملىق ئۆگىنىش، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنى ئاۋۇتۇش، بىلىم خەزىنىسىنى بېيىتىشنى زادىلا توختىتىپ قويمىدى. ئارىلىقتا، يەنە بېيجىڭغا بېرىپ، پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلار كۇرسىنىڭ دەرسلىكلىرى بويىچە، بىر يىل بىلىم ئاشۇردى.

  ھەقىقىي ئىلىمپەرۋەر ئىنسان ئىلىم شارابىغا ھەرگىز قانمايدۇ؛ ھەقىقىي مەرىپەتپەرۋەر ئادەم مەرىپەت كانىدىن دۇر قېزىپ ھارمايدۇ. كۈرەش ئىبراھىم 1987-يىلى دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش ئالدىدىكى ئىنگلىز تىلى بويىچە سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا ئىككىلەنمەيلا قاتناشتى ۋە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش، دۇنياغا يۈزلىنىپ ئىلىم-پەننىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يۈرۈش قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى. فرانسۇز تىلىدىمۇ ئاساسىي بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت ئۇنى 1989-يىلى 2-ئايدا، فرانسۇز تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ قوللىنىدىغان بېلگىيە دۆلىتى لىيەژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكترون ۋە فوتو ئېلېكترون سىپىكتروسكوپى تەجرىبىخانىسىغا بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى. بۇ بىر يىل ئىچىدە، بېلگىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن فرانسۇز تىلى كۈچەيتمە كۇرسىدا پەقەت بىر يىللا ئوقۇغان كۈرەش ئىبراھىم كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، فرانسۇز تىلى سەۋىيىسىنى لايىق دەرىجىگىچە يەتكۈزگەندىن باشقا، ئۆزى ئېلىپ بارغان تەجرىبىلىرى ئاساسىدا، ئىنگلىز تىلى بىلەن ئىلمىي ماقالە يېزىپ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال «خىمىيە-فىزىكا ژۇرنىلى» (JOURNAL OF CHEMISCAL PHYSIC) دا ئېلان قىلدۇردى. كۈرەش ئىبراھىمنىڭ ئانام كۆرمىگەن، دادام كۆرمىگەن بىر ياد زېمىندا تاماق ئېتىشتىن تارتىپ، يېتىپ-قوپىدىغان ئۆي-ياتاق تېپىشقىچە بولغان تىرىكچىلىككە تالىق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى قول تەۋرىتىپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان مۇساپىرچىلىق تۇرمۇشىنىڭ بارلىق جاپاسىنى يەڭگەندىن باشقا، دەم ئېلىش كۈنلىرى گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈۋالاي، بايراملاردا كۆل-دەريالاردا قېيىق ئۈزۈۋالاي دېمەي، پۈتۈن ئىشقى ۋە ئېتىقادى بىلەن بېرىلىپ ئۆگىنىش، تەجرىبىلەرنى ئەڭ كىچىك ئىشلارغىچە سەل قارىماي ئەستايىدىل ئىشلەش ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن سەمىمىيەتچانلىقى ۋە تىرىشچانلىقىدىن تەسىرلەنگەن يېتەكچى ئۇستاز، ئاتاقلىق فىزىكا-خىمىيە ئالىمى ژاك ئې كولەن ۋە مارى ژان ئۇبەن فرانسكەنلەر ئۇنى بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بېلگىيىدە قېلىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. كۈرەشنىڭ ئىلىم يولىدا بىر قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ماڭالايدىغان ئىقتىدارىدىن سۆيۈنگەن بېلگىيە ئالىملىرى ئۇنىڭغا كېتەرلىك ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ھەل قىلىشىپ بېرىدۇ.

  مەلۇمكى، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئوقۇشى ئىلمىي ھاياتتىكى ئەڭ پارلاق ئەمما ئەڭ مۈشكۈل ئوقۇش بولۇپ. بۇ ئوقۇشنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرۇپ دوكتورلۇق نۇسرەت بۆكىنى كىيىش ئوقۇغۇچىدىن يېتەرلىك جاسارەتنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئاساسىي كۈچلۈك، قاتلاملىرى مۇكەممەل بولغان كەڭ بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ نۇقتىنى ئېنىق بىلگەن كۈرەش ئىبراھىم بۇ مەزگىلدە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، ئىنگلىز تىلى ۋە فرانسۇز تىلى بويىچە ئاتوم-مولېكۇلا فىزىكىسىغا ئائىت دەرسلىكلەرنى پىششىق ئۆگەندى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالىي بىلىملەرنى ئىگىلەپ، ئۆز سەۋىيىسىنى تەلەپ كامالىتىگە يەتكۈزدى. دوكتورلۇق ئۇنۋانى تەلەپ قىلىدىغان مول مەزمۇنلۇق تەجرىبە تۈرلىرىنى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى ئۇخسەي دۆلەتلىك ماس قەدەملىك رادىئاتسىيە تەجرىبىخانىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ تاماملىدى. بۇ جەرياندا، ئۇ يەنە گوللاندىيە ۋە گېرمانىيىلەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئۈچ قېتىم، بېلگىيە ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئالتە قېتىم قاتناشتى ۋە مەزكۇر يىغىنلارغا ئىلمىي ماقالە تاپشۇرۇپ ۋە لېكسىيە سۆزلەپ، ئالىملار بىلەن ئىلىم ئالماشتۇردى. بەش پارچە ئىلمىي ئەسەر يېزىپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيىلەردە چىقىدىغان «خىميە-فىزىكا ژۇرنىلى»، «ئېلېكترونلۇق سەكرەشتىن كېلىپ چىققان ھادىسىلەر توغرىسىدىكى 4-قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىن ماقالىلەر توپلىمى» ۋە «خەلقئارالىق ماس ئىسپىكترومېتىر ۋە ئىيون جەريانى ژۇرنىلى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى. كۈرەش ئىبراھىم مانا مۇشۇنداق ئۈچ يىل ئون ئاي ۋاقىت جان پىدالىق بىلەن ئۆگىنىش ۋە پۈتكۈل زېھنى بىلەن تەجرىبە ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ئىلىم بېغىدىكى ھەسەل ھەرىسى بولۇپ، ئېھتىيات ۋە ئىجتىھات بىلەن بىلىم شىرنىلىرىنى يىغقاچ، 1992-يىلى12-ئايدا، بېلگىىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيە ياقلاش مۇنبىرىگە دادىل قەدەم بىلەن چىقتى. ئۇ 20 دىن ئارتۇق كاتتا ئالىم قاتناشقان بۇ دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە يازغان «ئالتە فىلورلۇق بېنزىننىڭ يۇمشاق x نۇرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى فوتو-خىمىيە خۇسۇسىيەتلىرى» ماۋزۇلۇق دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقىدى. ئىككى سائەت داۋاملاشقان دىسسېرتاتسىيە ياقلاش جەريانىدا، ئالىملارنىڭ ئىنگلىزچە سورىغان سوئاللىرىغا ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە سورىغان سوئاللىرىغا بولسا، فرانسۇزچە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى. ئاخىرىدا، دوكتورلۇق ئۇنۋان ھەيئەت رىياسىتى ئادەتتە، «ئەلا، ياخشى، ئوتتۇراھال، لاياقەتلىك» دەپ تۆرت دەرىجىگە بۆلۈنىدىغان بۇ دىسسېرتاتسىيە ياقلاشتىن كۈرەش ئىبراھىمنىڭ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، «تەبىئىي پەنلەر دوكتورى» دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلىكىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلىدى! زەپەر بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن دوكتور كۈرەش ئىبراھىمنىڭ يېتىك ئىقتىدارى مەملىكىتىمىز ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. 1993-يىلى2-ئايدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى بېيجىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ماس قەدەملىك رادىئاتسىيە تەجرىبىخانىسى ئۇنى دوكتور ئاشتى تەتقىقات نۇقتىسىغا قوبۇل قىلدى، ئۇ بۇ يەردىكى ئاتاقلىق ئالىملار بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، ئىككى يىلغا يېقىن بېرىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق، بەلگىلەنگەن تەتقىقات تۈرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي ئەمگەكلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى. بۇ جەرياندا، ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالە يىزىپ، مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا لېكسىيە قىلدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ھاۋالە قىلغان 3-ئەۋلاد ماس قەدەملىك رادىئاتسىيە فوتو مەنبەسى تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىمكانىيىتى ھەققىدىكى ئىلمىي دوكلاتنىڭ ئاتوم-مولېكۇلا فىزىكىسىغا ئائىت قىسمىنى تەييارلىدى. تەتقىقاتلار، غەلىبىلىك نەتىجىلەر ئالىملارنىڭ يۈكسەك باھا بىلەن ئېتىراب قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغاچ، ئۇ بۇلتۇر 12-ئايدا دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلىقىنىمۇ تاماملاپ، مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆزىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى خىزمەت ئورنىدا، يېڭىدىن يېڭى ئىلمىي ماۋزۇلار ئۈستىدە ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

  ئىلىمنىڭ خىسلىتى ئۇ ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئاشۇ ھەر قانداق مۆجىزىلەرنىمۇ يارىتىشقا قادىر قۇدرەت ئارقىلىق نامايەن بولۇپ تۇرغىنىدەك، ئالىمنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭدىكى ئاشۇ ئىلىم ئارقىلىق ئەجدادلارغا يۈز كېلىش ۋە ئەۋلادلارغا ئۈلگە بولۇش ئىرادىسى، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ ئەرتىسى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇن روھى ئارقىلىق جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ.

  مەن ئەمدىلا 38 ياشقا كىرگەن بۇ ئالىمدىن ئۆزىنىڭ دۇنيا ئىلىم سورۇنلىرىدا باشتىن كۆچۈرگەن ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات سەرگۈزەشتىلىرىدىن ھاسىل قىلغان تەسىراتى ھەققىدە سورىغىنىمدا، ئۇ تولىمۇ سەمىمىيلىك ۋە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن چېغىمدا، قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ ئاجايىپ ھاياجانلىناتتىم ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ مۆھتەرەم بوۋىمىزغا ئوخشاش ئالىم بولۇش ئىستىكى مېنى ئىلىم قاينىمىغا ئۈندەيتتى. ئەمەلىي پاكىت شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، پەقەت بەل قويۇۋەتمەي ئاخىرىغىچە تىرىشىدىغانلا بولساق، باشقىلار بويسۇندۇرالىغان ھەر قانداق ئىلىم چوققىسىنى بىزمۇ ئوخشاشلا بويسۇندۇرالايمىز. »