كۈلتۈر توپى ۋە مەدەنىيەت توپى

ئورنى Wikipedia

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان يەكۈنلەرنى چىقىرىشىنىڭ سەۋەبى، بىر قىسمىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى «كۈلتۈر توپى» ئىچىدىن، يەنە بىر قىسمىنىڭ «مەدەنىيەت توپى» ئىچىدىن ئىزدىگەنلىكىدىن بولۇپ، بۇ نۇقتىئىينەزەردىكى ئوخشىماسلىق تۇنجى بولۇپ ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىدا ئىپادىسىنى تاپقان. تاردە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى: «بىر-بىرىنى تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ئومۇملاشقان خۇسۇسىي كەشپىياتلار» دەپ تونۇشتۇرغان بولسا، دۇركەيم: «مەلۇم بىر ھادىسە تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ئومۇملاشقانلىقى ئۈچۈنلا ئىجتىمائىي ھادىسە بوپقالمايدۇ، بەلكى ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئىجتىمائىي ھادىسە بولغانلىقى ئۈچۈن تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ئومۇملىشىدۇ» دېيىش ئارقىلىق تاردەگە رەددىيە بېرىدۇ.

دۇركەيمنىڭ قارىشىچە، شەخسىي ھادىسىلەر «ئىچ ئاغرىتماق، ئۇسسىماق، ئۇخلىماق» دېگەنگە ئوخشاش ئىچكى ئامىلنىڭ تۈرتكىسى بىلەن شەخسنىڭ روھىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئېھتىياجلاردۇر. ئىجتىمائىي ھادىسىلەر بولسا «دىنىي ئېتىقادلار، ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەر، قانۇنىي قائىدە-پىرىنسىپلار، سىياسيى ۋە ئىجتىمائىي مەپكۇرىلەر»گە ئوخشاش سىرتقى ئامىلنىڭ تۈرتكىسى بىلەن شەخسنىڭ روھىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۇقۇملاردۇر. بۇ ئېنىقلىمىلار كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، دۇركەيم ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى كۈلتۈر توپى ئىچىدىن ئىزدىگەن بولسا، تاردە مەدەنىيەت توپى ئىچىدىن ئىزدىگەن. دىققەت قىلىنسا، خۇسۇسىي ھادىسىلەر مەيلى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئېھتىياجلار بولسۇن، مەيلى كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش، تېتىش ۋە سېزىشكە ئوخشاش خۇسۇسىيەتلەر بولسۇن، ھەممىسى ھاياتقا ۋە مەلۇم بىر تۈرگە ئائىت ھادىسىلەر بولۇپ، بۇلارنى پەقەت خۇسۇسىي ھادىسىلەر دېيىش توغرا ئەمەس. بۇلاردىن سىرت، قىلىپلاشقان بويىچە «ئىجتىمائىي ھادىسىلەر» دەپ ئاتالغان ئۇقۇملارغا كەلسەك، بۇلارمۇ مەنىۋى ۋە ماددىي ئۇقۇملار دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىشى مۇمكىن.

مەنىۋى خاراكتېردىكى دىنىي ئېتىقادلار، ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەر، بەدئىي تەسۋىرلەر، قانۇنىي قائىدە-پىرىنسىپلار ۋە ئومۇمىي مەپكۇرىلەر كۈلتۈر توپىنىڭ قاراشلىرىدۇر. ماددىي خاراكتېرگە ئىگە بولغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر، سەھىيە، ئىقتىسادىي ۋە بىناكارلىق ئۇسۇللىرى، يېزا-ئىگىلىك، سانائەت ۋە ئېلىم-سېتىم ئۈسكۈنىلىرى ھەمدە ئومۇمىيۈزلۈك ماتېماتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ئۇقۇملار بولسا مەدەنىيەت توپىنىڭ قاراشلىرىدۇر.

كۈلتۈر توپىغا ئائىت تەسەۋۋۇرلاردىن شەخسنىڭ روھىغا تەسىر كۆرسەتكەن سىرتقى بېسىمنى «مەنىۋى جازا»، مەدەنىيەت توپىغا ئائىت ئۇقۇملار بويسۇنغان سىرتقى ماسلىشىشقا «ماددىي جازا» دېيىلىدۇ.

ساغلاملىق پىرىنسىپلىرىغا دىققەت قىلمىغان ۋاقتىمىزدا كېسەل بولىمىز، بۇ كېسەللىك ھاياتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنمىغانلىقىمىزنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر. ئىقتىسادىي قانۇنىيەتلەرگە سەل قارىغان ۋاقتىمىزدا يوقسۇللۇققا گىرىپتار بولىمىز، بۇ ئەھۋال ئاقىۋەتتە ئىقتىساد قانۇنىيەتلىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقىمىزنىڭ كەسكىن نەتىجىسىدىن ئىبارەتتۇر. دىنىي، ئەخلاقىي، پىكرىي ۋە بەدئىي قائىدە-پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلمىغىنىمىزدا بولسا ۋىجدان سوراقلىرى ياكى سوراق ۋىجدانلىرىنىڭ بىزگە بېرىدىغان مەنىۋىي جازا، ياكى ئومۇمىي ئىشتىياقنىڭ بىزگە «كۈلكە» شەكلىدە بېرىدىغان جازالار بۇ ئىتائەتسىزلىكىمىزنىڭ تەبىئىي ۋە كەسكىن بىر نەتىجىسى ئەمەس. بۇ جازاغا تارتىلىشلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قائىدە-پىرىنسىپلارنىڭ كۈلتۈر توپىنىڭ ۋىجدانلىرىدا «قىممەت-قاراش» دەپ تونۇلۇشىنىڭ ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن «مەنىۋى جازا» بولۇشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

كۈلتۈر ھادىسىلىرى شەخستىكى «غايىۋىي» ئۇقۇملارنى، يەنى قىممەت-قاراشلارنى بەلگىلەش ۋە تۈرلەرگە ئايرىشقا مەسئۇل بولغان «ۋىجدان ئىقتىدارىنى»، مەدەنىيەت ھادىسىلىرى بولسا «ئەمەلىي» ئۇقۇملارنى، يەنى رېئاللىقلارنى تەھلىل قىلىپ، بىرىكتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان «ئەقىل ئىقتىدارىنى» مەيدانغا كەلتۈرگەن.

«كۈلتۈر توپى ئىچىدىكى شەخس» ئىجتىمائىي ۋىجداننىڭ ئىرادىلىرىنى ئۆزىگە نىسبەتەن قىممەتلىك مەپكۇرىلەر دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئىش تۈزۈمى قىلىشقا، «مەدەنىيەت توپى ئىچىدىكى شەخس» بولسا كوللېكتىپ ئەقىلنىڭ لوگىكىغا ئۇيغۇن بولغان دائىرىسى ئىچىدە تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇردۇر.

بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىلمىي ئۇقۇملىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى، ئىقتىسادىي مەھسۇلاتلارنى تەقلىد قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بىر خەلقتىن يەنە بىر خەلقكە ئۆتىدۇ ھەمدە بىر مەدەنىيەت توپىنىڭ باشلىنىشى خاراكتېرىدە ئەكىس ئېتىپ، تەدرىجىي ھالەتتە دۆلەتلەرنى، قىتئەلەرنى، ئاخىرىدا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىدۇ. لېكىن بۇ مەسىلىدە ھەم تاردە، ھەمدە «تارىخىي ماتېرىيالىزم» تەرەپدارلىرى بولغان كارل ماركس ۋە ئېدموند دەمولنىسقا ئوخشاش جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ دېگەنلىرى توغرىدۇر. ئىنسانىيەت پەقەت يەككە شەخسلەردىنلا تەركىب تاپقان بىر مەدەنىيەت توپى بولسا ئىدى، ھادىسىلەرنىڭ ئومۇملىشىشىنى پەقەت «تەقلىد قىلىش»قا يىغىنچاقلاش ھەمدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا پەقەت «ئۈسكۈنىلەر»گىلا ئەھمىيەت بېرىش توغرا بولۇشى مۇمكىن بولاتتى. ھالبۇكى ئىنسانىيەت مۇستەقىل شەخسلەردىن تەركىب تاپقان بىر مەدەنىيەت توپى ئەمەس. چۈنكى شەخسلەر «ئائىلە»، «ئۇرۇق»، «ناھىيە»، «كوپراتىپ»، «سىنىپ»، «دىنىي جامائەتلەر»، «قەۋم»، «ئۈممەت» ۋە «دۆلەت»كە ئوخشاش خىلمۇخىل كۈلتۈر توپى ئىچىدە كىشىلەرگە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.

ئەگەر ماددىي نەرسىلەرگە ئوخشىتىشقا توغرا كەلسە شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ئىجتىمائىي يەككە شەخسلەرنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشى پەقەت مەنىۋى ئارىلىشىش شەكلىدىلا بولماستىن، بەلكى خىمىۋىلىك ئارىلاشما ماددىلار بۇ يەككە شەخسلەرنى بىرىككەن ئاتوملار بىلەن يۇغۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە پەقەت بۇ ئاتوملار بىلەن مۇشۇ ماددىلارنىڭ ئارىلاشما ھالىتىلا قېپقالغان، گوياكى جانلىق ھۈجەيرىلەردە ئوخشىمىغان شەكىل ۋە سۈپەتتىكى ئەزالار شەكىللىنىپ، مەۋجۇدىيىتىنى بۇ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتلەرگە سىڭدۈرۈۋەتكىنىگە ئوخشايدۇ.

ئىجتىمائىي ئارىلاشمىلار ياكى ئاجرالمىلار شەخسلەرنىڭ ئەركىن ئارىلىشىشىغا توسالغۇ بولغاچقا مەدەنىيەت توپى ھاياتىنىڭ تەلىپى بولغان تەقلىد ۋە ئالماشتۇرۇش چەكلىمىسىز شەكىلدە داۋاملىشالمايدۇ.

دۆلەتلەر ئىچكى سانائىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن يۇقىرى چەكتە تاموژنا بېجى قويۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. خەلقلەر مىللىي تىللىرىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چەتئەل سۆزلىرىنى تىللىرىغا كىرگۈزمەسلىككە، ئەدەبىياتلىرىنى مىللىيلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن ئالەمشۇمۇل خاراكتېرگە ئىگە بولغان «كىلاسسىك» ئەدەبىياتنى چۆرۈپ تاشلاپ، تېما ۋە ئاساسلىرىنى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. مىللەتلەر دىنلىرىنى خەلقئارا قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋېلىپ، ئىنسانلىققا ئائىت مۇقەددەسلىك ۋە قۇسۇرسىزلىقنى پەقەت دىنداشلىرىغىلا مەنسۇپ قىلىدۇ. ئائىلە «ئەر-خوتۇنچىلىق، دادا بولۇش، ئانا بولۇش ۋە پەرزەنت بولۇش»قا ئوخشاش خۇسۇسىي مۇناسىۋەتلەرنى پەيدا قىلىپ، باشقىلارغا قارشى تۇغقاندارچىلىق ۋە ئىگىدارچىلىق تىپىدىكى بىرلەشكەن بىر گۇرۇپنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. تۇغقاندارچىلىق بىر پادىچىلار كارۋىنىنى، ناھىيە بىرەر يېزا ياكى بىرەر بازارنى، كوپراتىپ ئوخشاش كەسىپداشلارنى، شېركەت مەسلەكداشلارنى، جامائەت ئوخشاش مەۋقەدىكى مەزھەبداشلىرىنى باشقىلارغا قارشى يەككە گەۋدە بولغان بىر ئائىلىگە ئايلاندۇرىدۇ.

شەخس بۇ گۇرۇھلاردىن ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە ئائىت ۋىجدانىدىن ئىلھاملانغان ھالەتتە مەدەنىيەت توپى ئىچىدە ياشايدۇ. دۇركەيم ئىجتىمائىي گەۋدىنىڭ تەبىئىي بوغۇملىرى بولغان بۇ گۇرۇھلارغا ئەھمىيەت بەرگەن بولغاچقا ئەڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك جەمئىيەتشۇناس دەپ تونۇلغان. كۈلتۈر تىپىدىكى گۇرۇھنىڭ ۋىجدانلىرى جەمئىيەتكە خاس بولغان ئەقىل ۋە لوگىكا بىلەن داۋاملىق كۈرەش ھالىتىدە بولىدۇ. شەخس بەزىدە ۋىجدانىغا ئارتۇقچە مەپتۇن بولىدىغان بولغاچقا ئاقىلانە تەپەككۇر قىلالمايدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئەقلىگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ كەتكەچكە ۋىجدانىي ھېس-تۇيغۇلىرىنى بوغۇپ قويىدۇ. ۋىجدان بىلەن ئەقىل ياكى جامائەت بىلەن جەمئىيەت ئارىسىدىكى بۇ كۈرەش ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر زۆرۈرىيەت ئەمەس. چۈنكى ۋىجداننىڭ ۋەزىپىسى ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان قىممەت-قاراشلارنى تەقدىرلەش، ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ماددىي رېئاللىقلارنى جاي-جايىغا سەرەمجانلاشتۇرۇشتۇر. بىرىنچىسى بىزنىڭ «نېمىشقا ياشىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا: «مەپكۇرە ئۈچۈن» (يەنى كوللېكتىپ ئۈچۈن) دېگەن جاۋابنى بەرسە، ئىككىنچىسى «قانداق ياشاش كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا: «ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە» دېگەن جاۋابنى بېرىدۇ. بىرىنچىسى غايىۋىي قارارلىرى بىلەن ئىرادىمىزگە، ئىككىنچىسى رېئالىي قارارلىرى بىلەن پىلانلىرىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىپ باشقۇرىدۇ. قىسقىسى، بىرىنچىسى بىزگە غايىلەرنى، ئىككىنچىسى ۋاسىتىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئېدموند دېمولىنسنىڭ قارىشىچە، تەلىم-تەربىيە ۋە سىياسەتنىڭ نىشانى كۈلتۈر توپىنى مەدەنىيەت توپىغا ئايلاندۇرۇشتۇر، دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز. چۈنكى ئانگلوساكسونلار (مىلادىيە 5-ئەسىردە ھازىرقى ئەنگلىيەنى ئىستىلا قىلغان ۋە ئۇنى 1066-يىلىدىكى نورماندىيە ئىستىلاسىغا قەدەر باشقۇرغان گېرمانلار بولۇپ، بۇلار ئانگلوس ۋە ساكسوندىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ – ت) نىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىنى شەخسىيەتچى (بىزنىڭ تەبىرىمىزدە مەدەنىيەتچى) بولۇشىغا، شەرقلىقلەرنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى كوللېكتىپچى (بىزنىڭ تەبىرىمىزدە خەلقچىل) بولۇشىغا باغلايدۇ. ئەمەلىيەتتە مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى ئارقىدا قېلىشىنى مۇشۇنداق بىر سەۋەبكىلا باغلاپ قويۇش ئىلمىي پوزىتسىيە ئەمەس.

بۇنىڭدىن سىرت، ئانگلوساكسونلارنىڭ كوللېكتىۋىزمچى ئەمەس، بەلكى شەخسىيەتچى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشمۇ توغرا ئەمەس. ئەمەلىي رېئاللىق شۇكى، ئانگلوساكسونلار بىزگە ئوخشاش دۆلەتچى ئەمەس ئىدى. كۈلتۈر توپى پەقەت دۆلەتتىنلا ئىبارەتمۇ؟

ئەنگلىيەدە كۈلتۈر توپىنىڭ خاراكتېرىگە ئىگە بولغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مىللىي مەزھەب، سىنىپ ۋە ئېسىلزادىلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ نوپۇزى ھەم كۈچى باشقا ھەر قانداق ئورۇننىڭكىدىن ئارتۇقتۇر. ئانگلوساكسونلارنىڭ قائىدە-يوسۇنچى بولۇشىمۇ ئۇلارنىڭ كۈلتۈر توپى ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇلاردىكى كۈلتۈرەل ھايات مۇشۇنداق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە چىدامچانلىقلىرى بىلەن بىرگە مەدەنىي تۇرمۇشىنى بايقىشىغا توسالغۇ بولمىغان ئىدى.

كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەت ئارىسىدا بىنورمال كۈرەش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغىنىغا ئوخشاش، بىر كۈلتۈر توپى ئىچىدىكى باشقا خىلمۇخىل توپلارنىڭ ۋىجدانلىرى ئارىسىدىمۇ زىددىيەتلەر پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، بەزى ۋاقىتلاردا جەمەتۋازلىققا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىش مىللىي مۇناسىۋەتنى ئاجىزلىتىۋېتىشى مۇمكىن. بەزىدە دىنىي سۆيگۈ مىللىي سۆيگۈنى يوق قىلىدىغان ھالەتكە كېلىشى مۇمكىن. يەنە بەزىدە مىللەت تۇيغۇسى ئورتاق ۋەتەن ۋە دۆلەت ھېسلىرىنى نابۇت قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. مەسىلەن، ياۋروپادا سىنىپبازلىق ۋەتەن دۈشمەنلىكى ۋە ئەسكەر دۈشمەنلىكىگە ئوخشاش زىيانلىق نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.

ئىجتىمائىي توپلار ئارىسىدا شەكىللەنگەن تەبىئىي مەرتىۋىلەر زەنجىرىنى تېپىپ چىقىپ، بىنورمال ئۇرۇش ھالىتىنى سۈلھى ۋەزىيىتىگە كەلتۈرۈش ئىجتىمائىي بىلىمنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. مەسىلەن، زۆرۈر تېپىلغاندا ئائىلە ئۆزىنى ھۈنەر-كەسىپ مەركىزىگە، مەركەز ئۆزىنى دۆلەتكە پىدا قىلىشى كېرەك. مەيلى بۇلار، مەيلى ئائىلە ۋە دۆلەت بولسۇن، ھەممىسى دىن ۋە تىل مەنسۇپلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بارلىق ئىجتىمائىي توپلاردىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىشكە تېگىشلىك بولغان «مىللەت»نىڭ مەلۇم بىر تىل مەنسۇپلىرىدىن، شۇنداقلا خەلقئارالىشىشنىڭمۇ مەدەنىي توپلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. يەنە شۇ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەككى، مەدەنىيەت توپى بىر «بازار خەلقى» شەكلىدە باشلىنىدۇ. بازاردا تىككۈچى، موزدۇز، ناۋاي ۋە پىركازچىك قاتارلىق كەسىپدارلار پەقەت ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنلا ئىشلەيدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەشلىرىدىن ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى مەيدانغا كېلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، مەلۇم بىر مەدەنىيەت توپى ئىچىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن ھەر بىرى ئورىگىنال بىر كۈلتۈر بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ئىش تەقسىماتى ئېلىپ بارىدۇ. شەخسلەرنىڭ قابىلىيىتى پەرقلىق بولغانلىقى تۈپەيلىدىن يەرلىك ئىش تەقسىماتى مەيدانغا كەلگىنىگە ئوخشاش، مىللەتلەرگە ئائىت ئىستىداتلارمۇ پەرقلىق بولغاچقا مىللەتلەر ئارا ئىش تەقسىماتى مەيدانغا كېلىدۇ. دەسلەپتە بىر-بىرىگە يېقىن بولغان خەلقلەر تىجارىي، پىكرىي ۋە پەن-تېخنىكىلىق ئالاقىلەردە بولىدۇ، كېيىنچە بۇ ئالاقە دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ بارىدۇ. ھەتتا تۇنجى ئەسىرلەردە ئاق دېڭىز ۋادىسى مىللەتلىرىنىڭ ئۆزئارا سودا-سېتىق قىلىپ، ئۇچۇر ۋە پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئۈمىد تۇمشۇقىنىڭ بايقىلىشى، ئامېرىكىنىڭ قەدىمدە تونۇلۇشى، تەبىئىي پەننىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلۈشى، سۇۋەيش قانىلىنىڭ ئېچىلىشى، تۆمۈر يوللار، تېلېگراف ۋە پوچتىخانىلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بارغانسېرى ئالەمشۇمۇل بىر تۈسكە كىرگۈزگەن. جامائەتلەر دەسلەپتە ئۆزلىرىنى بىر بوۋىنىڭ ئەۋلادلىرى قاتارىدا كۆرۈپ، بىر جەمەت ھالىتىدە باشلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا دەسلەپكى كۈلتۈر توپى دىنىي ۋە ئىنسانىيدۇر. بۇ مۇناسىۋەت دەسلەپتە پەقەت دىنىي تۇرمۇش كەچۈرگەچكە دىنىي بىر توپ ھالىتىدە بولىدۇ. باشقا پۈتۈن توپلارنىڭ ئارىلاشمىلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دىنىي توپتىن كەينى-كەينىدىن ئائىلە، قەبىلە، جەمەت، كەنت، بازار، سىنىپ، كوپراتىپ، كوللېكتىپ، ناھىيە ۋە ئاخىرىدا قەۋم، ئۈممەت ۋە دۆلەتلەر شاخلاپ چىقىشقا باشلايدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، مەدەنىيەت توپى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي قانۇن دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىشى، كۈلتۈر توپى تەۋە بولغان قانۇننىڭ بولسا بىر-بىرىدىن پەرقسىز ھەم ۋەزىپىلىرى ئىنتايىن كۆپ ھالەتتە باشلىنىپ، بارغانسېرى ھەر بىر ۋەزىپە ئۈچۈن ئايرىم توپلارغا بۆلۈنۈش ئارقىلىق دەسلەپكى توپنىڭ شاخلاپ، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشىدۇر.

بۇ تەپسىلاتلاردىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، چاغداشلىشىش ئىپادىسىنىڭ مەنىسى، چاغداش مەدەنىيەت توپىنىڭ بارغانسېرى مۇكەممەللىككە يۈزلەنگەن ئىلىم-مەرىپىتىدە ھېچبىر مىللەتتىن ئارقىدا قالمايدىغان شەكىلدە يۈكسەك بىر مەۋقەنى قولغا كەلتۈرۈشىدۇر. مەدەنىيەت توپى ئىچىدە ھەممىگە ئورتاق بولغان ئىنسان تۇرمۇشىنى كەچۈرۈش ھېچقاچان نە ئائىلە ۋە دۆلەت ھاياتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە، نە مىللەت ۋە ئۈممەت ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا-ئىگىلىك ئاساسلىرىغا زىت كەلمەيدۇ.

بىز تۈركلەر چاغداش مەدەنىيەتنىڭ ئەقلى ۋە ئىلمى بىلەن قوراللانغان ۋاقتىمىزدا بىر «تۈرك-ئىسلام» كۈلتۈر توپى بەرپا قىلىشقا ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «ئىسلاملىشىش، تۈركلىشىش ۋە چاغداشلىشىش» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى