كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش

ئورنى Wikipedia
كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش

كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدىكى بىردىنبىر كوللېكتىپ تۈر بولۇپ، تۆت ئادەم يول ئايرىمىسى بويىچە ئوخشاش ئارىلىقتىن كۈچ ئۇلاش تايىقىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق، كوللېكتىپنىڭ تىرىشچانلىقىنى غەلىبىگە يەتكۈزىدۇ.

كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ھەققىدە[تەھرىرلەش]

كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ئافرىقا قىتئەسىدىكى يەرلىكلەرنىڭ يۈك يۆتكەش ئويۇنىدىن بارلىققا كەلگەن، ياۋروپاغا تارقالغاندىن كېيىن، كىشىلەر نەچچە ئون كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى يۈكنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بىر تال تاياققا ئۆزگەرتكەن، مانا بۇ ھازىرقى مۇسابىقىلەردە قوللىنىلىۋاتقان كۈچ ئۇلاش تايىقىدۇر. كۈچ ئۇلاش نەتىجىسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ھەربىر ئەزانىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى زىچ ماسلىشىش ۋە تاياق بېرىش-ئېلىش تېخنىكىسىدا ئىپادىلىنىدۇ.

كۈچ ئۇلاش تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

كۈچ ئۇلاش تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان 100 ×4 مېتىر ۋە 400 ×4 مېتىردىن باشقا، يەنە ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىكى كوللېكتىپ كۈچ ئۇلاش، ئۇدۇلدىن كۈچ ئۇلاش ۋە ئوخشاشمىغان مۇساپىلىك كۈچ ئۇلاش قاتارلىقلار بار. 1977 -يىل 10-ئايدا دۇنيا بويىچە ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن بولغان كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش نورۋېگىيىنىڭ تروند خېيم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇنىڭغا 1607 ئادەم قاتناشقان، مۇساپىسى 10 مىڭ كىلومېتىر بولغان.