كېرگۇلىن تاقىم ئاراللىرى
كېرگۇلىن تاقىم ئاراللىرى ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى تاقىم ئاراللاردىن ئىبارەت. بۇ ئاراللار جەنۇبىي كەڭلىك 48°30′-49°30′، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 68°42′-70°35′ ئارىلىقىدىكى ئاساسىي ئارال كېرگۇلىن ۋە باشقا 300 دىن ئوشۇق ئۇششاق ئاراللاردىن تەشكىل تاپقان.
|
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
[تەھرىرلەش]كېرگۇلىن تاقىم ئاراللىرى ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى تاقىم ئاراللاردىن ئىبارەت. بۇ ئاراللار جەنۇبىي كەڭلىك 48°30′-49°30′، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 68°42′-70°35′ ئارىلىقىدىكى ئاساسىي ئارال كېرگۇلىن ۋە باشقا 300 دىن ئوشۇق ئۇششاق ئاراللاردىن تەشكىل تاپقان. قۇرۇقلۇق مەيدانى 6129 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي ئارالنىڭ مەيدانى 5732 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
يەر شەكلى
[تەھرىرلەش]يەر شەكلى ئېگىزلىك، تاغلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ، يانار تاغلار ئاتقىندىلىرىدىن شەكىللەنگەن ئاراللار تىپىغا كىرىدۇ. ئاساسىي ئارالدىكى روس چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1670 مېتىرغا يېتىدۇ. تاغلىقلارنىڭ ئۈستى قىسمى مۇزلۇقلار بىلەن قاپلانغان. دېڭىز قىرغاقلىرىدا تىك قولتۇقلار بار.
ئىقلىمى
[تەھرىرلەش]ھاۋاسى نەم، بەك سوغۇق بولىدۇ، قاتتىق بوران چىقىپ تۇرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 4℃ بولىدۇ.
ئاساسلى جانلىقلىرى
[تەھرىرلەش]قۇرۇقلۇقتا توڭ تۇپراق ئۆسۈملۈكلىرى، كېرگۇلىن كاپۇستا ئۆسۈملۈكى ئۆسىدۇ، دېڭىزدا پىنگۋىن، تيۇلېن، كىت قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. قوڭۇر كۆمۈر كان بايلىقى بار.
ئالاقىدار بايان
[تەھرىرلەش]1772-يىلى فرانسىيىلىك كېرگۇلىن بۇ ئاراللارغا بارغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئىگىلىگەن، 1950-يىلى ئاساسىي ئارالدىكى فرانسو پورتىدا دائىملىق بازا ھەم ئىلمىي تەتقىقات بازىسى قۇرۇلغان. بۇ جايدىكى ئاھالە 90 دىن ئاشىدۇ (1972) .