كېرەم ئابدۇگۈل

ئورنى Wikipedia

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئەل سۆيگەن يۇقىرى ئاۋازلىق ئۇيغۇر ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى، باش سىياسىي بۆلۈم سابىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىسى كېرەم ئابدۇگۈل 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئۇ ئۇزۇن يىللىق سەنئەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا، مول مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، قىزىقارلىق ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان ۋە ئورۇندىغان. ئۇ ئىجاد قىلغان ۋە ئورۇندىغان «چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت»، «قۇربان تاغا نەگە ماڭدىڭىز»، «ئەپەندى ناخشىسى»، «تارىم دەرياسى»، «سۆيۈملۈك پارتىيەگە مەدھىيە» قاتارلىق كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان ناخشىلار پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1998-يىللىق، 2008-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان. ئۇ 2010-يىلى «يورت سوناتاسى» ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش سىياسىي بۆلۈم ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سابىق داڭلىق سەنئەتكارى يولداش كېرەم ئابدۇگۈل يۈرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر بېيجىڭدا 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.