كېمىر ئۆي

ئورنى Wikipedia

تۇرپان رايونىدا ئۆي ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، <كېمىر ئۆي> دەپ ئاتالسا، يەنە بىرى، <ياپما ئۆي> دەپ ئاتىلىدۇ. <كېمىر> ئالاھىدە قۇرۇلمىلىق ئۆي ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆي تۇرپان رايونىنىڭ يامغۇر ياغماسلىق ۋە قۇرغاق بولۇشتەك شارائىتىغا ماس كېلىدۇ. كېمىر ئۆي ياز كۈنى سالقىن، قىش كۈنى ئىسسىق بولىدۇ. ئازادلىقتىن بۇرۇن تۇرپان رايونىدا ياغاچ ناھايىتى قىس بولغىنى ئۈچۈن بازار ۋە يېزىلارنىڭ ئۆيلىرى ئومۇمەن كېمىر ئىدى. ئازادلىقتىن، كېيىن ئورمانچىلىق تەرەققىي قىلىپ ياغاچ ماتېرىياللىرى ھەل بولغانلىقتىن كېمىر ئۆيلەر ئورنىغا <ياپما ئۆي> (ئۈستى ياغاچ بىلەن يېپىلغان ئۆي) لەر ياسىلىشقا باشلىدى.

<كېمىر ئۆي> مۇنداق ياسىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئىككى - ئۈچ مېتر ئېگىزلىكتە تام قوپۇرۇلىدۇ. ئاندىن كېسەك بىلەن ئەگمە ئېگىلىدۇ. ئەگمىگە تۈڭلۈك قويۇلىدۇ. كېمىر ئۇزۇنچاق بولىدۇ، تۆت چاسا بولمايدۇ. ئۆي پۈتكەندىن كېيىن كاڭ قۇرۇلىدۇ. ئىشىكنىڭ ئۇدۇلى (تۆر) دىكى تامغا ئىككى مېتر ئۇزۇنلۇقتا بىرەر مېتر كەڭلىكتە ئويۇق تەكچە قوپۇرۇلىدۇ. باشقا تاملارغا كىچىك تەكچىلەر چىقىرىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا تاملار ئىنچىكە سۇۋاق (كاكىل لاي) بىلەن سۇۋۇلىدۇ. تام - تورۇسلار ھال بىلەن ئاقارتىلىدۇ. قول ئىلىكىدە بارلار تامنى گەج سۇۋاق بىلەن سۇۋايدۇ. تاملارغا تۈرلۈك نەقىشلەر چىقىرىلىدۇ.

تۆر تامغا چىقىرىلغان ئويۇققا يوتقان - كۆرپە يىغىلىدۇ. باشقا تاملاردىكى كىچىك تەكچىلەرگە چىنە - قاچا قاتارلىقلار تىزىلىدۇ. تامنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە زەدىۋال تارتىلىدۇ. (ر)