كېۋەز

ئورنى Wikipedia

كېۋەزنىڭ ئەسلىي ماكانى ھىندىستان بولۇپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزگە كىرگەن، غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقى ئىچكىرىنىڭكىدىن بالدۇر.13 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى (يۈەن سۇلالىسى مەزگىلى)دا مەملىكەت بويىچە كۆپ قىسىم رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك كېۋەز تېرىلىپ، توقۇمىچىلىق كەسپىمۇ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. يۈەن سۇلالىسىدىكى سۇڭجياڭ ۋۇنىدىكى جىڭجېن (ھازىرقى شاڭخەيدىكى خۇاجىڭجىن بازىرى) دىكى خۇاڭداۋپو دېگەن كىشى پاختا توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان.

ئېلىمىز كېۋەز تېرىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە، مەسىلەن، مۇۋاپىق پەيتتە بالدۇر تېرىش، «10 يىل بالدۇر بولسا، 9 يىل ياخشى ھوسۇل چىقىدۇ»، ئەتىيازدا تېرىغاندا «4-ئايدا مايسا كۆرۈنىدىغان» ۋاقىتتا تېرىش؛ ئوزۇقلۇق قاچىسىدا، سۇلياۋ يوپۇق ئىچىدە مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈش، سۇلياۋ يوپۇق يېپىش؛ ئېتىز پەرۋىشىدە ئارىسىنى بوشىتىش، ئوغۇتلاش، شاخ چاتاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇش. شەنشىنىڭ ۋېنشى ناھىيىسىدىكى مەشھۇر كېۋەز ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىسى ۋۇ جىچاڭ كېۋەز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، «سوغۇق مايسىزارلىقتا ئۆستۈرۈش»، «بىخ مايسىنى كۆچۈرۈش» قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى ياراتتى؛ ئارقىدىنلا قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۆپ يىل تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق «كۆپ غوللۇق قوش قەۋەتلىك» يېڭىچە كېۋەزنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ خىل كېۋەزدە ئاستىن - ئۈستۈن ئىككى قەۋەت مېۋە شېخى بولۇپ، قۇياش نۇرىدىن تولۇق پايدىلىنالايدۇ، ئارىسىدىن شامالنىڭ ئۆتۈشى ياخشى بولغاچقا، كېۋەز تۈپى كۆپ غوزا تۇتىدۇ، غۇنچىلىرى تۆكۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ، پاختا مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.

ھازىر ئېلىمىز دۇنيا بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئېلىمىز پاختىسىنىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، پاختا توقۇلمىلىرى يەڭگىل، يۇمشاق، رەڭدار بولۇپ، كىشىلەرنى نەپىس كىيىم - كېچەك خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكى ئالىملىرى ئاشلىق، پاختا، ماي قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان، يەنى تالاسى ئۇزۇن، سۈپىتى ياخشى، مەھسۇلاتى يۇقىرى؛ ئۇرۇقىدىن يېمەكلىك ماي ئالغىلى بولىدىغان؛ غولى، شېخى، ئۇرۇقى تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ، يېمەكلىك ۋە يەم - خەشەك قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك تىپتىكى كېۋەز يېتىشتۈرۈپ چىقتى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، بەزى دېھقانچىلىق تېخنىكا خادىملىرى «رەڭلىك پاختا» نى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، بۇ خىل پاختىدىن تۈرلۈك تەبىئىي رەڭدىكى رەختلەرنى بىۋاسىتە توقۇپ چىققىلى بولىدۇ.