كەئب ئىبنى مالىك ئەلئەنسارىي

ئورنى Wikipedia

كەئب ئىبنى مالىك ئەلئەنسارىي (كَعْبُ بنُ مَالِكِ بنِ عَمْرٍو الأَنْصَارِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كەئب ئىبنى مالىك ئىبنى ئەمر ئەلئەنسارىي (ئەبۇ بەشىر). (ھ. بۇرۇن 26 – ھ. 51 / م. 596 – 671) «ئەقەبە بەيئىتى»گە ۋە «ئۇھۇد» قاتارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. «تەبۇك غازىتى»غا چىقماي، كېيىن تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغان ئۈچ كىشىنىڭ بىرى. شۇنداقلا، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شائىرى» دەپ نام ئالغان زاتلاردىن بىرى.