كەتىرا

ئورنى Wikipedia
كەتىرا

كەتىرا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كەتىراغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.[1]

تونۇشتۇرۇلىشى [تەھرىرلەش]

كەتىرا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كەتىراغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ ئوق يىلتىزى ئۇزۇن، شەكلى تۈۋرۈكسىمان بولىدۇ. غولى تىك، سىرتى شالاڭ، ئاق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، ئۇششاق يوپۇرماقلىرى كىچىكرەك، سانى 17 ~ 29 غا قەدەر بولۇپ، تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ، قوشۇمچە يوپۇرمىقى ئۈچ بۇرجەكلىك تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ. گۈل رېتى قىسقا، گۈللىرى زىچ، كېپىنەكسىمان، رەڭگى سۇس سېرىق، ئومۇمىي گۈل سېپى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ. گۈل كاسسىسى قوڭغۇراققا ئوخشايدۇ، قارا تۈكلىرى بولىدۇ. قاسىراقلىق مېۋىسى كۆپۈپ چوڭىيىپ پۇۋەككە ئوخشايدۇ، ئۇرۇقى ئۇششاق بۆرەكسىمان، رەڭگى قارا.

دورىلىق قىسمى[تەھرىرلەش]

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، چاچما يىلتىزى ۋە لاي - توپىلارنى تازىلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تولۇق نەمدەپ، يالپاقلاپ توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆسۈش ئورنى[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلىرىدىكى تاغ ئورمانلىقىنىڭ ئوچۇقچىلىقى، ئورمان بويلىرى ۋە چاتقاللىقلاردا كۆپ ئۆسىدۇ.

تەبىئىتى[تەھرىرلەش]

قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]

بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەرلەشنى توختىتىش، ئەت ئۈندۈرۈش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، تال، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىش مىقدارى[تەھرىرلەش]

ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

رېتسىپلار[تەھرىرلەش]

كەتىرادىن 70 گرام، قانتېپەردىن 35 گرام ئېلىپ، قوي گۆشى بىلەن شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە، ئۇزۇن مۇددەت كېسەل ئازابىدىن بولغان بەدەن ئاجىزلىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

20 گرام كەتىرانى 12 گرام قانتېپەر، سەككىز گرام پەربۇن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوڭى چىقىپ قېلىش ۋە بالىياتقۇ چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

35 گرام كەتىرانى 70 گرام تاۋۇز شاپىقىنى 15 گرام توشقانزەدىكى بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ياللۇغىدىن بولغان سۇلۇق ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

20 گرام كەتىرانى 20 گرام قانتېپەر، 12 گرام بايناق، 15 گرام ئايرىم ئېرىتىلگەن بۇغا مۈڭگۈز يېلىمى، 20 گرام پاقىيوپۇرماق ئۇرۇقى، بەش تال چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

25 گرام كەتىرانى 12 گرام كىرەش، 20 گرام ئۇچقات، سەككىز گرام سوپۇندەرەخ تىكىنى، 12 گرام ئاچچىقتاۋۇز يىلتىز تالقىنى، 10 گرام بايناق، 14 گرام ياۋا كەشمىر، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، غەلۋىرەكنىڭ ئۇزۇنغىچە ئېغىز ئالماسلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

20 گرام كەتىرانى 20 گرام كىرەش، 15 گرام لېپەكگۈل بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باش قېيىش، ھەيز توختاپ قېلىش، رەڭگى سارغىيىش، يۈرەك سېلىش، دەم سىقىلىش ۋە بەل، پۇت سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام كەتىرانى 10 گرام بايناق، سەككىز گرام كەۋرەك بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقىدىن بولغان كۆپ تەرلەشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]

  1. قېلىپ:Cite journal