كەرىمە نادىر

ئورنى Wikipedia

كەرىمە نادىر

تۈركىيە ھازىرقى زامان ئايال يازغۇچىسى، ئىستانبۇل لاچىنى دەپ ئاتالغان كەرىمە نادىر ئارزاق(ئارزاق-تۈركچە نادىر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ فامىلىسى) 1917- يىلى 20-مارتتا ئسىتانبۇلدا دېڭىز قاتنىشى شىركىتىنىڭ بۇغالتىرى نادىرئارزاق ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كونىچە مەكتەپتە ئوقۇپ پۈتتۈرگە ندىن كېيىن، 1935-يىلى سائىنت جونپېرس نامىدىكى فىرانسوس قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. كەرىمە نادىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، دەسلەپكى ئىجادىيتى شېئىر يېزىشتىن باشلانغان، كېيىنچە ئۇ تۈركىيىدىكى بىرئەنئەنىۋىي ئەدەبىي ئېقىم ھىساپلىنىدىغان «سەرۋەتى فۇنۇن» ئۇسلۇبىدىكى ھېكايىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈ شكەباشلىغان،«سەرۋەتى فۇنۇن»ئۇيۇشمىسىنىڭ «ئويغىنىش»،«يېرىم ئاي»ژورناللىرىدا ئىشلىگەن. كەرىمەنادىر تۈرك ئەدەبىياتىدا نەسىرچىلىكنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاھىدە ھەسسە قوشقان.ئۇنىڭ دەسلەپكى نەسىرلىرى «يەتتەكۈن»، «ھايات»ناملىق ژورناللاردا ھەرئايدا دېگۈدەك ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. ئۇ ھاياتىدا مۇھەببەت تېما قىلىنىپ،ئاشىق-مەشۇقلارتەسۋىرلەنگەن پىسخىك تەسۋىر ئۇسلۇبىدىكى مۇھەببەت رومانلىر ىنى يېزىش بىلەن داڭ چىقارغان ۋە «قىرىق ئاشىق كۈيچىسى»دېگەن نامغا ئېرىشكەن. كەرىمەنادىرنىڭ بەزى ئەسەرلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىلا سىنارىيىلە شتۈرلۈپ، كىنو-فىلىم قىلىپ ئىشلىنىشكە باشلىغان. ئۇ 50-يىللاردىن تارتىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە«خۇددى مۇسابىقىگەچۈشكەندەك»تو ختىماي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇنلانغان. 1937-يىلى كەرىمە نادىرنىڭ تۇنجى رومانى «يېشىل نۇر»نەشرقىلىنغاندىن باشلاپ ھازىر غىچە،«كۆڭۈل جاراھىتى»،«ئۇيقۇسىز كېچىلەر»،«ئۆكسۈش»،«كۆڭۈل ئوغرىسى»،«مۇھە ببەتكە توۋا»،«بەرباد بولغان ئۈمىد»،«ئەسىرقۇشى»، «سۇلغان ھايات»،«سامان يولى»، «مۇ ھەببەت ھەسرىتى»...قاتارلىق كۆپلىگەن رومان -پوۋېستلارنى يازغان.

كەرىمە نادىرنىڭ«ئۇيقۇسىز كېچىلەر»،«ئۆكسۈش»،«سامان يولى»ناملىق پوۋ ېستلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرقىلىنغان بۇ كىتابلار ياشلار تەرىپىدىن قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇلىدىغان ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "Archive copy". Archived from the original on 2012-04-11. Retrieved 2012-01-28.CS1 maint: archived copy as title (link)