كەۋىن رۇد

کەۋىن مىكائېل رۇد (ئىنگ:Kevin Michael Rudd؛ تو. 1957-09-21—، ئاۋسترالىيە، كۇۋىنلەند، نامبور) خىتايچە ئىسمى لۇ كېۋېن (陆克文) ئاۋۇسترالىيەلىك سىياسەتچى، تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى، 2007-2010 - يىللىرى ئارىسى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىر، ھازىرقى ئاۋسترالىيەنىڭ ئا ق ش دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى.
ئاۋسترالىيەنىڭ كۇۋىنلەند (Queensland) ئۆلكىسى نامبور (Nambour) يېزىسىدا ئالبېرت ۋە مارگارىت (دېۋېرە) رۇد ئائىلىسىدە تۇغۇلغان كەۋىن رۇد 11 ياشقىچە ئاتىسىنىڭ قورۇقىدا ئات مىنىپ ۋە قورال مەشقى قىلىپ چوڭ بولغان. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن قورۇق ھاياتى ئاخىرلاشقان. تۆرت بالىسى بىلەن تۇل قالغان مارگارىت خانىم بالىلىرىنى غورىگىل بولسىمۇ ئۆزى بىر قوللۇق ئۆستۈرگەن. كەۋىن مەكتەپتە ئەلا دەرىجىدە ئوقۇغان، ئامما ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەش ئىقتىدارى بالدۇرلا نامايان بولغان. ئاۋىستىرالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتقا قوبۇل قىلىنىپ، شەرەپ دەرىجىسىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئاساسلىق تەتقىقات ئوبيېكتى جۇڭگو تارىخى ۋە ئەدەبىياتىدۇر.
سىياسىي ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، رۇد ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار بۆلۈمى ، كۋېنسلاند شىتات پارلامېنتى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كۋېنلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن. 1998 - يىلى ئۆكتەبىردە، ئاۋىستىرالىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ۋە تۆۋەن پالاتاغا كىرگەن. 2006 - يىلى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلانغان. 2007 - يىلى 11 - ئايدا، ئىشچىلار پارتىيىسىگە ۋاكالەتەن شۇ يىللىق فېدېراتسىيە سايلىمىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاۋىستىرالىيەنىڭ 26 - باش مىنىستىرى بولغان. 2008 - يىلدىكى خەلقئارالىق پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىدا، رۇد ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى. قوللانغان تەدبىرلىرى ئاۋىستىرالىيە ئىقتىسادىنىڭ كەڭ تەسىرگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىدىن ساقلاندى. ئۇ دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىكى بىردىنبىر دۆلەت. شۇنىڭ بىلەن رۇد «ۋاقىت ژۇرنىلى» شۇ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر 100 كىشىنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان.
ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيەسى ئەزاسى. 2010 - يىلى پارتىيە ئىچى سايلامدا ئورنىنى مائارىپ مىنىستىرى ۋە ئورۇنباسار باش مىنىستىر جۇلىيا گىلارد (Julia Gillard) قا تارتقۇزۇپ قويدى. 2013 - يىلى قايتا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە ئىچى ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدە بۇرۇن يېڭىلىپ قالغان جۇلىيا گىلاردنى مەغلۇپ قىلدى، جۇلىيا باش مىنىستىرلىك ئورنىنىمۇ كەۋىن رۇدقا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق باش مىنىستىرلىك قەسەميادىنى شۇ يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئوقۇپ ئۆتكەن.