لاپلاتا دەرياسى

ئورنى Wikipedia

لاپلاتا دەرياسى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پارانا دەرياسى بىلەن ئوروگۋاي دەريالىرى قوشۇلۇپ دېڭىزغا قۇيۇلۇشقا قەدەر بولغان قىسمى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 320 كىلومېتىر كېلىدۇ .

لاپلاتا دەرياسى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

لاپلاتا دەرياسى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پارانا دەرياسى بىلەن ئوروگۋاي دەريالىرى قوشۇلۇپ دېڭىزغا قۇيۇلۇشقا قەدەر بولغان قىسمى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 320 كىلومېتىر كېلىدۇ، دەريا ئاغزىنىڭ ئەڭ كەڭ جايى 223 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى 35 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دەريا ئېغىزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دەريانىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا دەرياسۈيى قۇيۇلۇپ تۇرغانلىقتىن سۈيى تاتلىق كېلىدۇ، شەرقىي جەنۇب قىسمى دېڭىز سۈيىنىڭ تەسىرىدىن تۇزلۇق كېلىدۇ. ئېقىن مىقدارى تەخمىنەن 42 مىڭ كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. پارانا، ئوروگۋاي دەريالىرى ھەر يىلى ئۆزى بىلەن بىللە كۆپ مىقداردا لاتقىلارنى ئېقىتىپ كېلىپ تۇرغانلىقتىن، سۈيى لاي بولىدۇ. دەريا قېنىدا قۇم دۆۋىلىرى كۆپ بولىدۇ. بۇ قاتناشقا دەخلى قىلىدۇ، بىراق يەنىلا ئوكيان پاراخوتلىرى قاتناپ تۇرىدۇ. دەريا بويىدا بوئىنوس-ئايرىس(ئارگېنتىنا) ، مۇنتىۋېدېئو ئوروگۋاي، لاپلاتا(ئارگېنتىنا) قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر بار. دەريادىن بېلىق ناھايىتى كۆپ تۇتۇلىدۇ.