لاڭجۇڭ

ئورنى Wikipedia

لاڭجۇڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، سىچۇەندىكى ئەسكىرىي ئىشلار بويىچە قەدىمىي مۇھىم جاي.

لاڭجۇڭ
ئۇيغۇرچە نامى لاڭجۇڭ
مەمۇرىي رايون تۈرى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر
خەنزۇچە نامى 閬中
جۇغراپىيەلىك ئورنى سىچۇەن ئويمانلىقىنىڭ شەرقى شىمالىي قىسمى
باشقا نامى 閬州、保寧
جۇڭگو غەربىي جەنۇب رايونىدىكى سچۈەن ئۆلكىسى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى=[تەھرىرلەش]

لاڭجۇڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، سىچۇەندىكى ئەسكىرىي ئىشلار بويىچە قەدىمىي مۇھىم جاي. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە باجۈن دەپ ئاتالغان، سۇڭ سۇلالىسىدىن كېيىن لاڭجۇڭ دەپ ئاتالغان، تارىختىن بۇيان كۆپ قېتىم ۋىلايەت، ئايماق، مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي بولغان. چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى دەسلەپ سىچۇەنگە كىرگەندە، بۇ يەرنى سىچۇەننىڭ مەركىزى قىلغان. قەدىمكى شەھەردە كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى بىناسى قاتارلىق نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار بار، يەنە ئاساسلىق تارىخىي كوچا رايونى ساقلانغان. خەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاسترونومىيە تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش سۇپىسىنىڭ خارابىسى بار.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى[تەھرىرلەش]

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يەنە جاڭ فېي ئىبادەتخانىسى، خېڭخۇ ئىبادەتخانىسى، بابا ئىبادەتخانىسى، ئەۋەلو كىتېشىۋەرە ئىبادەتخانىسى بەيتا(ئاق مۇنار) مۇنارى قاتارلىقلار بار، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى دافۇشەن تېغىدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قىيا تاش بۇتى ۋە تاش ئويما خاتىرىلەر بار. يىپەك-لاڭجۇڭنىڭ داڭلىق ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتى.