لى بىڭبىڭ

ئورنى Wikipedia
لى بىڭبىڭ

لى بىڭبىڭ (李冰冰)، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئايال ئارتىسى. 1973-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرى ۋۇچاڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان.

شەخسى ئارخىپ[تەھرىرلەش]

لى بىڭبىڭ ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئايال ئارتىسى. 1973-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرى ۋۇچاڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان؛ 1997-يىلى شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى تولۇق كۇرس سىنىپىنى پۈتتۈرگەن.

لى بىڭبىڭ 20 يېشىدا ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ۋە مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئۇرۇنلىغان چۈ بوۋاينىڭ ئەندىشىسى ناملىق ئېتوتى مەملىكەت بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2000-يىلى تېلېۋزىيە تىياتىرى «ئۆسمۈر باۋ چىڭتيەن» ھەمدە باش رول ئالغان.

شان-شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

تەيۋەن كىنو ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛

جۇڭگو خۇابياۋ كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛

ئاممىۋى ھەر خىل گۈللەر كىنو مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛

سىنگاپور خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛

جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن؛

چاڭچۈن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن؛

بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن؛

جۇڭگو كىنو ئاكتيورلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇكاپات سۇمۇرغ مۇكاپاتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛

شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى باھالاش كومىتېتى ئەزاسى؛

50-نۆۋەتلىك تەيۋەن ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ باھالىغۇچىسى.