لى بەي

ئورنى Wikipedia

لى بەي(762 - 701 )

تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر شائىر لى بەي 762 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ تەخەللۇسى تەي بەي بولۇپ، لەقىمى چىڭ لەن . ئاتايۇرتى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى تيەنشۈي ۋىلايىتىدىكى تەيئەن . ئۇنىڭ دادىسى دادىسىغا ئەگىشىپ سۇياب(ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ شىمالىدىكى توقماق دېگەن جايغا يىقىن يەر) گە كەلگەن . لى بەي ئاشۇ يەردە تۇغۇلغان . كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ لۇجۇنىڭ چاڭلوڭ (ھازىرقى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ جاڭيۈ ناھىيىسى) چىڭلەن يىزىسىغا كۆچۈپ كەلگەن . ئۇ كىچىكىدىلا كوڭزى - مىڭزىلارنىڭ تەلىماتىنى ئۈگەنگەن . كېىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئۇيەنە خۇبىي، خۇنەن، جياڭۇسۇ، شەندوڭ، سەنشى، ئەنخۇي، جېجياڭ قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىپ يۈرۈپ، نۇر غۇن شېئىرلارنى يازغان ھەمدە مەشھۇر شائىر بولۇپ تونۇلغان . ئۇ 40 ياشلارغا كەلگەندە پايتەختكە كېرگەن ، شۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھ لى لوڭجى (شۇەنزوڭ خان) ئۇنى ئوردا مىرزاخانىسىغا باش مىرزا قىلماقچى بولغان . لى بەي چوڭ ئەمەلدارلارنى پىسەنتىگە ئالماي، خان ھوزۇرىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەر (جۈملىدىن خاننىڭ كىچىك خوتۇنى) نىڭ چىشىغا تىگىپ قويغانلىقتىن، پايتەختتە 3 يىل تۇرمايلا قوغلاپ چىقىرىلغان . ئۇ لوياڭدىكى ۋاقتىدا شۇدەۋىردە داڭ چىقارغان يەنە بىر ئۇلۇغ شائىر دۇفۇ بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ياخشى دوستى بولۇپ قالغان . شۇنىڭدىن كىيىن، يەنە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇزاق مۇددەت ساياھەت قىلغان . ئۇڭلۈق سۈيگىن توپىلىڭى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ لى لىن (يۈگۇاڭ) نىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش قوشۇنىغا قاتناشقان ، كېيىن سۇزوڭ (لى خىڭ) خان، لى لىن مەن بىلەن خانلىق تالىشىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلىۋەتكەن، لى بەي نىمۇ گۈيجۇغا سۈرگۈن قىلغان . لىبەي سۈرگۈندە كىتىۋاتقاندا يىرىم يولدا كەچۈرۈپ قىلىنغان ۋە شۇنىڭ بىلەن ئەنخۈيگە قايتىپ كىلىپ داڭتۇ دىگەن جايدا ۋاپات بولغان.