لى جوڭسوك

ئورنى Wikipedia

لى جوڭسوك (خەنزۇچە: 李鍾碩) 1989-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كورىيە نىڭ گيوڭىدودىكى يوڭئىن شەھىرىدە تۇغۇلغان، كورىيە ئەر ئارتىسى، مودېل، رىياسەتچى.

شەخس ئانكىتى[تەھرىرلەش]

لى جوڭسوك 1989-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كورىيە نىڭ گيوڭىدودىكى يوڭئىن شەھىرىدە تۇغۇلغان. لى جوڭسوك يەتتە ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ ئىلھام بېرىشى ئارقىسىدا، تەيچۈەنداۋ گۇمپىسى ئۆگۈنىشكە كىرىشكەن، تەيچۈەن گۇمپىسى قارا لېنتا 4 بۆلەكنى مەشىق قىلغان. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 2-يىللىققا چىققاندا، ئۇ تەپمە بوكس ماھىرى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان، لېكىن بۇ ۋاقىتتا بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن ئامالسىز ۋاز كەچكەن.

سەنئەت ھاياتى [تەھرىرلەش]

2013-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تەپتىش مەلىكە» دە تۇنجى قېتىم رولغا چىقىپ، ئارتىسلىق سالاھىيىتى بىلەن رەسمىي تونۇلۇشقا باشلىغان. 9-ئايدا تېلېۋىزىيە تىياتىرى «سىرلىق گۈللۈك»تە رولغا چىققان. 2012-يىلى مەكتەپ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەكتەپ 2013» دە رولغا چىقىپ، KBS رول ئېلىش ماھارىتى ئالاھىدە مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى يېڭى ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2013-يىلى 6-ئايدا تۇنجى قېتىم دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدە ئىقتىدار تېما قىلىنغان خىيالىي تەسەۋۋۇر ۋە مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن «ئاۋازىڭنى ئاڭلىغاندا»دا رولغا چىققان ھەمدە 50-نۆۋەتلىك سەنئەت ئۇنىۋېرسال مۇكاپاتى (يەنە بىر ئاتىلىشى كورىيە <ئالتۇن توپ مۇكاپاتى>)دا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس تىزىملىكىدە ئىسىمى تىلغا ئېلىنغان. 2014-يىلى 1-ئايدا «قىزغىن ياشلىق» فىلىمىدە رولغا چىققان، 4-ئايدا داۋالاش ۋە جاسوسلۇق تەسۋىرلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ياقا يۇرتلۇق دوختۇر» دە باش رولغا چىققان. 2015-يىلى 5-ئايدا 51-نۆۋەتلىك سەنئەت ئۇنىۋېرسال مۇكاپاتى تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۈرى بويىچە ئەڭ ياخشى ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «پىنوساۋ <피노키오PINOCCHIO>» دىكى رولغا چىقىش ماھارىتى بىلەن 8-نۆۋەتلىك كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇكاپاتىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كورىيە ئاممىباب مەدەنىيەت-سەنئەت مۇكاپاتىدا دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن. 12-ئاينىڭ 8-كۈنى كورىيە زامانىۋى مەدەنىيەت پەسلىنى ئومۇملاشتۇرۇش باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، لى جوڭسوكنىڭ تۇنجى شەخسىي موم ھەيكىلى شىياڭگاڭدىكى دۇشا خانىم موم ھەيكەل سارىيىغا كىرگەن.

نەتىجىسى[تەھرىرلەش]

2011-يىلى، لى جوڭسوك دۆلەت قۇرۇش ئۇنىۋېرسىتېتى كىنو سەنئەت فاكۇلتېتى ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، لى جوڭسوك رەسمىي دۆلەت قۇرۇش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، كىنو سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن؛ ئۇ ئالىي مەكتەپتە مەكتەپنىڭ تەشۋىقات باش ئەلچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان، ھەر يىلى ئوقۇش مۇراسىمىدا ئەۋلادلارنى رىغبەتلەندۈرگەن، يەنە كۆپ قېتىم مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىئانە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان، دۆلەت قۇرۇش ئۇنىۋېرسىتېتى 2016-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، مەكتەپ تارقاتقان «تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

  • «سىز قاتتىق ئۇيقىغا كەتكەن چاغدا»
  • «يېشىل ئاشىق-مەشۇقلار»
  • «ئالۋاستى جىن جىن جۇجياڭ»
  • «W-ئىككى دۇنيا»
  • «ئايال پادىشاھنى باھالاش»
  • «پىنوساۋ»
  • «سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىسام»
  • «مەكتەپ 2013»

ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى [تەھرىرلەش]

2013-يىلى 2-ئايدا، لى جوڭسوك 4-نۆۋەتلىك «Pink Wings» خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشقان، پائالىيەتتە توپلىغان ئىئانە پۇل كورىيە قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ئارقىلىق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بوۋا-نەۋرە ئائىلىلەرگە ئىئانە قىلىنغان. 7-ئايدا «سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىسام» بۇ فىلىمدە ئىشلىتىلگەن تىڭشىغۇچ «مەخپىي گۈللۈك» دىكى تاقىغان تىڭشىغۇچقا ئالماشتۇرۇلۇپ ساقلانغان، بارلىق پايدىلارنى ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە ئىشلەتكەن. 8-ئايدا، «يېڭى ساراي تۆشۈك ئائىلىسىدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» پائالىيىتىنى خەير-ساخاۋەت مەسلىھەتچىسى، نىكاھتىن ئاجرىشىش مەقسەت قىلغان، ئايرىلىپ تۇرۇش قاتارلىق ئائىلە كىرزىسىتىكى كىشىلەرنىڭ بالىلار تەربىيەسى ۋە تىرىكچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەملەشكەن. 12-ئايدا، «رەسىم كارىدورى» ئېچىلىش مۇراسىمىدا ھەقسىز سۆزلەنگەن مەشھۇر چۈشەندۈرۈشلەرنى ئەمالار ئېكسكۇرسىيىچىلەر ئاڭلىغان.

شان-شەرەپلىرى [تەھرىرلەش]

مېيخۇا گۈلى سىزىش مۇكاپاتى[تەھرىرلەش]

2014-يىلى 12-ئايدا، 27-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

100 سەنئەت چوڭ ئىنئام مۇكاپاتى[تەھرىرلەش]

2015-يىلى 5-ئايدا، 51-نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى تارماقلىرىدىكى مىجەزى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس

<2014-05> 50-نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى تارماقلىرى ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور مۇكاپاتىغا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

كورىيە ئاممىۋى مەدەنىيەت-سەنئەت مۇكاپاتى[تەھرىرلەش]

2015-يىلى 10-ئايدا، 6-نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى تەقدىرلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

كورىيە تېلىۋېزىيە تىياتىرى چوڭ مۇكاپاتى[تەھرىرلەش]

2015-يىلى 10-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 10-ئايدا، 6-نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 10-ئايدا، 6-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى مۇكاپات CP مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

كورىيە مەدەنىيەت سەنئەت چوڭ ئىنئام مۇكاپاتى[تەھرىرلەش]

2014-يىلى 10-ئايدا، 22-نۆۋەتلىك مەدەنىيەت تارماقلىرى داڭلىق چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 11-ئايدا،21-نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى تارماقلىرىدا ئەرلەر ئەڭ مۇنەۋۋەر رول ئېلىش ماھارەت ئارتىسى بولۇپ باھالانغان.

2013-يىلى 11-ئايدا، 21-نۆۋەتلىك مەدەنىيەت تارماقلىرى داڭلىق چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]