Jump to content

لى كېچياڭ

ئورنى Wikipedia
لى كېچياڭ
李克强
2019-يىلى 12-ئايدا چېڭدۇدا فوتوسى

لى كېچياڭ (خەنزۇچە: 李克强) (1955-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە) ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېيدا تۇغۇلغان ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ەسى نىڭ ئەزاسى، سابىق گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى[1][2]

تەرجىمھالى

[تەھرىرلەش]

  1974- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دۇڭلىن دادۈيىدە زىيالىي ياش بولغان.

  1976- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دامياۋ دادۈيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1978- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان.

  1982- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىسى بولغان.

  1985- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1991- يىلى 9- ئايدىن 1991- يىلى 11- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1993- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى، قوشۇمچە جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  (1988- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان، ئىقتىسادشۇناسلىقتا ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان).

  1998- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  1999- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2002- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2004- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2005- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2008- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2013- يىلىدىن باشلاپ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى .

  15- ، 16- ، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]
  1. "(受权发布)中共中央 全国人大常委会 国务院 全国政协讣告 李克强同志逝世". 央视网. 2023-10-27. Archived from the original on 2023-10-29. Retrieved 2023-10-27.
  2. "安徽定远九梓乡宗亲联谊记_中华磨刀李--永修县磨刀李文化研究会". www.zhmodaoli.com. Archived from the original on 2021-02-15. Retrieved 2020-07-17.