لى چياڭ

ئورنى Wikipedia

لى چياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1959- يىلى 7- ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ رۇيئەندىن، 1976- يىلى 7- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983- يىلى 4- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش پەنلىرى ماگىستىرى.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.

  1976- يىلىدىن 1977- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ رۇيئەن ناھىيەسى مايۈ رايونىنىڭ ماشىنىلاشقان سۇ چىقىرىۋېتىش- سۇغىرىش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1977- يىلى 4- ئايدىن 1977- يىلى 10- ئايغىچە رۇيئەن ناھىيەسىنىڭ لۇشيەن تەربىيەسى خىزمەت ئەترىتىنىڭ جياڭشى گۇڭشېسى شۆبە ئەترىتىگە ۋاقىتلىق يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغان).

  1977- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ رۇيئەن ناھىيەلىك جابدۇق 3- زاۋۇتىدا ئىشلىگەن.

  1978- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە جېجياڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭبو شۆبە مەكتىپى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى فاكۇلتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان.

  1982- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ رۇيئەن ناھىيەسى شىنچېڭ رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىسى رۈيئەن ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان.

  1984- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىسى رۈيئەن ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1984- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى يېزا قۇتقۇزۇش باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1985- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى يېزا قۇتقۇزۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1985- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە جۇڭگو جەمئىيەتشۇناسلىق سىرتتىن ئوقۇتۇش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1985- يىلى 12- ئايدىن 1986- يىلى 7- ئايغىچە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قۇتقۇزۇش مەھكىمىسىگە ۋاقىتلىق يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغان).

  1988- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى يېزا قۇتقۇزۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1990- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1991- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1992- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  1996- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى جىڭخۇا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يۇڭكاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  (1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا باشقۇرۇش قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان).

  1998- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى جىڭخۇا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يۇڭكاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1998- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2000- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2001- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان).

  2002- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  (2001- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق سىنىپى دۇنيا ئىقتىسادى كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇغان)

  2004- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى بولغان.

  2005- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان.

  (2003- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە شياڭگاڭ تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)

  2011- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2017- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.

  18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا تولۇقلانغان، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.